ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 2-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز ھازىرقى زامان شېرىيتىمىزگە قانداق قارايسىز؟
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
    : مەن ئۆزۈمنى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە باھا بېرەلىگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىراق نۆۋەتتىكى  شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمدىن بىر- ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەي: شېئىرىيىتىمىز ھازىر جىمجىت ۋە تىنجىق. 90- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدىكى شاۋقۇن- سۈرەنلىك ھالەتتىن ئەسەر يوق. ئەخمەتجان ئوسماننى خىلى ئۇزاقلارغىچە ئەسلەيدىغاندەك تۇرىمىز. يېڭى بىر شائىرنى كۈتۈپ كۆزلىرىمىز تۆت بولدى، دىققەت قىلسام مەن قولۇمغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان چاغ(1990- يىل)لارغا قارىغاندا ھازىر شائىرلار نەچچە ھەسسە كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپتۇ. شېئىرىيەت يىىغلىشلىرى كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىر ھەققىدە بۇرۇنقىدەك زوق- شوق بىلەن سۆزلەيدىغانلار ئاز قاپتۇ. بۇرۇن بىرەر شېئىر توپلىمى ئەمەس، گېزىت- ژۇرناللاردا بىرەر پارچە ئېسىل شېئىر ئېلان قىلىنسىمۇ ھەپتە- ئايلارغىچە زىل- زىلىسى بېسىلمايىتتى، تېلېفۇن، خەتلەر ئارقىلىق بىر- بىرىمىزگە ھاياجان بىلەن تەۋسىيە قىلاتتۇق، بىراق ھازىر ھەممىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن شېئىر يېزىش ئۈچۈن قەلەم، قەغەز بولمىسا بولمايىتتى، بىراق ھازىر قەلەم، قەغەز بولمىسىمۇ بولىدىكەن، كومپىيۇتىر ئۇلارغا كەڭرى سەينا ۋە شارائىت ھازىرلاپتۇ. شېئىر يازماق بەك ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ، ئاسانلاشقانسىرى شېئىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەسلىكىدىن يىراقلىشىپ مېڭىپتۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە شېئىر ھەتتا بىكارچىلىقتا يېزىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل خوشى ئېكەن. قارىسام ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە چۈشىنىكسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندەك... لىكىن بۇزۇلمايدىغان جىمجىتلىق يوق، جىمجىتلىقنىڭ تاسادىپىي بۇزۇلۇشى نەقەدەر ھەيۋەتلىك ۋە ئۇنتۇلماس، ھە؟!...  
         مەتتۇرسۇن ئېلى: تورئەدىبىياتى بىلەن يېزىق ئەدىبىياتىنڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋىتى قانداق دەپ  قارايسىز؟  
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:
    بايقىشىمچە تور ئەدەبىياتى بىر قەدەر ئەركىن بولىدىكەن. مەتبۇئات ئەدەبىياتىدەك تەكرار ۋە مۈشكۈل تەھرىرلىك باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلمىگەچگە  قارىماققا سەل خامدەك، مۇكەممەل ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ  لىكىن شائىر- يازغۇچىلارنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى تولۇق ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭرەك بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىم تەرىپى بىر ياخشى ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ھەرھالدا زىلزىلىسى بولىدىكەن، مۇئەييەن باھالار بىرىلىدىكەن. كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەتبۇئات ئەدەبىياتى يەنىلا ئۈستۈنلۈك ۋە باشلامچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋىتىپتۇ، بىر ئەدىبنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى توردا قانچىلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغىنىدىن قەتئى نەزەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋىتىپتۇ. ھازىر تور ئەدەبىياتىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قېتىلىپ، كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۈرگە ئايلىنىۋاتىدۇ. تور ئەدەبىياتىدىكى ئۇكا ئەدىپ  ۋە ئەدىبە سىڭىللارنىڭمۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر بېرىپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. گېپىمگە ئىشىنڭلار، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ بېرىدىغان ھوزۇرى ۋە  ئىلھامى تىخىمۇ قالتىس. :h  
    ]}&
    f<X         مەتتۇرسۇن ئېلى: بىزنىڭ يېزىق ئەدىبىياتىمىزدا ساقلانغان مەسىلە نىمە دەپ قارايسىز؟ *.  
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
    : يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە-  بۈيۈكلۈكتىن كۆرە قالتىسلىق، راۋانلىقتىن كۆرە سىرلىقلىق، ساپلىقتىن كۆرە ئەبجەشلىك... ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تور ۋە تېلېۋىزۇر تارقىتىۋاتقان  يالىڭاچلىق ۋە رەڭۋازلىقتا گالۋاڭلاشقان يۈرەكلەر... بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەمدى كىملەر شېئىر يادلار؟ قايسى شېئىرنى يادلاپ ئېسىدە ساقلار؟ داستانچىلار بىر- بىرلەپ كەتتى، شاھمۇھەممەتتىن كىيىن خوتەندە داستانچى قالمىدى. ئەمدى بىزدىن يەنە داستانچى چىقارمۇ؟!... يېزىق ئەدەبىياتمىىز ئەمدى ئېغىز ئەدەبىياتىغا يىقىنلىشالمايدىغاندەك تۇرىدۇ.  چۈنكى مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شائىرلىرىمىزدىن باشقا ھايات ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئىغىز ئەدەبىياتى بولمىسا يازما ئەدەبىياتنىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قالىدۇ، بۇ  ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.0-W{(‑xy@4  
    O0gLu1*1v         مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز شېئىردىن باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققانمۇ؟ يېزىپ باققان بولسىڭىز ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە باشقا ژانىلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ بېقىش ئويىڭىز بارمۇ؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىردىن باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققان. ئۇلار ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىقلار بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەسىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىر قەدەر تەسىر قوزغىدى دەپ قارىغان ئەسىرىم «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرنىڭ ئىپپىتى» ناملىق چاتما نەسىر. مەن ئىجادىيەتنى مەلۇم پىلان ئىچىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىغاچقا -B-nTS`  كىيىن قانداق ژانىردا قانداق ئەسەر يازىدىغانلىقىم توغرىسىدا ھازىر سىزگە ھىچنىمە دەپ بېرەلمەيمەن. بىراق شۇنىسى ماڭا ئايانكى، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك... جەھەتلەردىكى شەرت- شارائىتىم دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىمىسىلا مەن ئاخىرغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. كىيىنكى ئىجادىيىتىمدە شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى ئىھتىمالغا ئەڭ يىقىن، بىراق مەن ئىجادىيەتتە ژانىر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىمىغاچقا قەلبىمدىكى ھېس- تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئىھتىياجغا قاراپ بەلكىم يەنە نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، ماقالە، ھەتتا پوۋېسىت، رومانلارنىمۇ يېزىپ قىلىشىم مۈمكىن. بۇنىڭغا دەسلەپ «ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى»نىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ شۆھرەت قازىنىپ، كىيىن ماقالە، رومانلىرى بىلەن داڭلىق بولغان ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس ۋە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقىلەرنى مىسال كەلتۈرىمەن.

       مەتتۇرسۇن ئېلى: مەن شېئىر يېزىش ئۈچۈن تۇغما ئىقتىدار كېرەك دەپ ئاڭلىغان. سىز تۇغما ئىقتىدار مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ سىزدە تۇغما ئىقتىدار بارمۇ؟  

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان. مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا شېئىر يېزىشتىلا ئەمەس، ھەرقانداق كەسىپتە تۇغما ئىقتىدار بولىدۇ دېيىلگەن. مېنىڭچە بۇ ياراتقۇچىنىڭ بىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى. ھەر ئادەم قىلالايدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك، قىلالمايدىغان ئىشقا ئاللاھ قىلالايدىغان ئادەمنى ئەۋەتىدۇ. شائىرلىق- ئاشىقلىق بولسا، شېئىر- كۆيۈك ئوتىدۇر. پەرۋەردىگارىم بۇ ئوتنى ماڭا سالغان بولسا، يۈزمىڭ قەسەمكى، تا ئەبەدكىچە كۆيۈشكە قەسەم ئېچتىم.

    مەنبە : چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us