ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    شائىر قانداق ئادەم؟ (غوجىمۇھەممەد بىلەن سۆھبەت) 1-بۆلۈم - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    شائىر قانداق ئادەم؟

     

     (چوغلان تور سۆھبىتى)

     

    سۆھبەت تور مۇنبىرىدە چەكلىك ۋاقىتتا ئەركىن ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغاچقا بىر ئاز چىچىلاڭغۇ.

    سۇئال سورىغۇچى بىرنەچچە ئادەم بولغاچقا ھەم ئۇلارنىڭ سۇئال سوراش سەۋىيىسى ۋە سۇئال سوراشتىكى مۇددىئاسى ئوخشاش بولمىغاچقا جاۋابلارمۇ قىسمەن مۇرەككەپ ھەم گەپ ئوينىتىشلاردىن خالىي ئەمەس.

    مۇئەللىپ نەزىيىنى قورال قىلمىغاچقا، بەرگەن جاۋابلىرىدا ھېسسىيلىك ۋە ئۆزۈمچىلىك خاھىشى كۈچلۈك.

    بۇ ئۆزىنى شائىر دەپ تونۇغان بىر ئادەمنىڭ ئىچ- باغرىنى چۇۋۇشى. 

      

      


         ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟   
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مۇنبەردە تەرجىمھالىم تونۇشتۇرۇلۇپ بولدى، سۈرىتىممۇ چاپلاندى. سىلەر ئاشۇ ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن غەم- قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئاللىقىچان بىلىپ بولدۇڭلار. ئۇنىڭ ئۆزى يوللىغان ۋە باشقىلار چاپلىغان نەچچە ئون پارچە شېئىرىدىن ئۇنىڭ شېئىرى تالانتىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسلىكىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىڭلار. ئۇ  تاسادىپىي ئامەت بىلەن شېئىرخۇمار خەلقىنىڭ بىر مەزگىل «غوجىمۇھەممەد قىزغىنلىقىنى»  كۆتۈرۈشى ئارقىلىق خىلى نامى بار شائىرلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسىمۇ قۇياش بولۇشتىن خىلىلا يىراق. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلار بىرلىشىپمۇ قۇياشقا تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ شېئىرىيەت سورۇنلىرىدا، مەتبۇئاتلاردا، مۇنبەرلەردە يەتكۈدەك ماختاپ ئۇچۇرۇلدى. ھەر قىتىم ماختالغاندا ئۇ تارتىنىپ،قىزىرىپ تۇرۇپ ئىچىدە يوشۇرۇن تەنتەنە قىلدى. گاھىدا ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن كاتتا شائىرمەن دەپ ئويلاپ ئۆز- ئۆزىدىن مەست بولدى... لىكىن ئۇنىڭ يالغۇز قالغاندا ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا جىڭلاپ كۆرۈپ ھەتتا ئۆزى ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر لەبزە سۆزچىلىكمۇ ۋەزنى يوقلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، ياقىسىنى پارە- پارە يىرتىپ نالە قىلغانلىقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر... ئۇ بۇ مەخپىيىتىنى ھىچكىمگە دېمىگەن ئىدى. ئەيتاۋۇر، بۇ راسىت!  ئۇ 39 يىللىق ئۆمرىنى بىر تىنىق- بىر تىنىقتىن ياشاپ توشقۇزدى. 20 يىلدىن بىرى بىر ھەرپ- بىر ھەرپتىن يېزىپ 2000 پارچىغا يىقىن شېئىرلارنى روياپقا چىقاردى. بۇلارنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسا ھىچكىمگە زىيان تەگمەيدۇ. ناۋادا بىركىم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق پايدا تاپماقچى بولسا ئىنىقكى، بۇ ئىككىلا تەرەپكە زىيان.  ئۇ ئەڭ زور، جاھىلانە تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملىق شېئىر يازماقچى. ياشايدىغانلار ياشاۋەرسۇن، ئۆلىدىغانلار ئۆلۈۋەرسۇن، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بار. ئۇ شېئىر يېزىۋەرسۇن، يا ئەۋلىيا بولۇپ كېتەر، يا ساراڭ... 
           ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: .2شىئىرنى بەزىلەر مەنا سەپىرى دەپ ئاتىسا يەنە بەزىلەر تۇيغۇ سەنئىتى، يەنە بەزىلەر قوراشتۇرما سەنئەت دەپ قارايدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟   
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر ھەققىدە تالاي شائىرلار تالاي تەبىرلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بۇ تەبىرلەر بىر- بىرىدىن پاساھەتلىك ۋە ھەقىقى. مەن يەنە شېئىر توغرىلىق ھىچنىمە دېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنى «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز» دېسەم ئاراڭلاردىن باش لىڭشىتىدىغانلار چىقماي قالمايدۇ. دىن مۇرىتى دىنىي تەلىماتلارغا كۆڭۈل بەرگەنسىرى، تەگ- تېگىگە چۆككەنسىرى، چۈشەنگەنسىرى دىنسىز بولۇپ كەتكەندەك، شائىرمۇ شېئىرغا چوڭقۇرلىغانسىرى كائىناتنىڭ مەركىزىدە پەقەت ئۆزىنىلا كۆرىدۇ. ئۇ ئۆزىنى تىرىك دەپ ھېسابلىسا ئەتراپىدا ھاياتلىق بولىدۇ، تەقۋا بولسا يەتتىنچى ئاسماندا خۇدا بولىدۇ، ئىشەنسە ئۆلگەندىن كىيىن يەنە بىر دۇنيا بولىدۇ. شېئىر نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ تۈگىمەيدىغان ئازاب ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شېئىر بىزگە تۈگىمەيدىغان ئازابنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشالمىز. ئازابقا ئىرىشكىنىمىزدىن خۇشال بولالمىساق شېئىرغا يۈز كېلەلمەيمىز.  شېئىرنىڭ ئازابى خۇددى تەڭرىگە ئاشىق بەندىنىڭ تۈگىمەس ئۆلۈملىرى...كىمنىڭمۇ ئۆزىنى ياراتقان مۇبارەك زاتنى كۆرۈپ باققۇسى كەلمىسۇن؟ بىراق بۇ ئۆلمەي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمىغاچقا شېئىر ئارقىلىق ئۆلۈمنى باشتىن كەچۇرۈۋاتقاندەك قىلىمىز. شېئىر سىياسى ئەمەس، شۇڭا ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. شېئىر ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۇرۇش قوزغىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۇرۇشلار،  ئۆلۈۋاتقان ئادەملەر، تۆكۈلۈۋاتقان قانلارغا قاراپ گۈزەل مىسرالارغا غەرق بولىدۇ. مەن بۇ قارىشىمغا قوشۇلۇڭلار دېمەكچى ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ گەپلىرىم باش- ئاخىىر باغلاشمىغان، ئىنىق بىر مەقسەت مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان، بەئەينى يوق گەپلەر...

    ساجىدە سۇلايمان: سىزنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن قايسى ئىلھام ۋە قانداق
      كۈچتۇ؟  
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شەرەپ بىلەن مېنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن كۈچ ۋە ئىلھام-  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تېلىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان 32 ھەرپ دەيمەن. بۇ گەپ ماڭا خىلى قۇيۇق مىللەتپەرۋەرلىك تۈسىنى بېرىپ قويسىمۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سانسىز كۆزلەرنىڭ ئالدىدا يالغان ئىيتالمايمەن. پۈتكۈل ھاياتىمدا ئىچىمدىكىنى ۋە تېشىمدىكىنى مۇشۇ تىل ۋە يىزىق بىلەن ئىزھار قىلغىنىمغا ئوخشاش، ئۆلگەندىن كىيىنمۇ خۇداغا قىلمىش ئەتمىشلىرىمنى مۇشۇ تىل ئارقىلىق بايان قىلىدىغىنىم ماڭا ئايان. لەززەت بىلەن سۆزلەرنى چاينىغان ۋە ئىخلاس بىلەن ھەرپلەرنى ئوينىغان ۋاقتىمدا سۈرگەن راھەتنى خۇشاللىقىم يىغلاپ تۇرۇپ شېئىر پۈتتى. قەدىرلىك نازى، سىز مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھىچقانداق تىلنى بىلمەيدىغانلىقىمنى تىخى بىلمەيسىز... ­
       
        ساجىدە سۇلايمان: سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت قىلىسىز؟ شېئىر يېزىش، سىزدەك كىشىگە لەززەت ئاتا قىلغۇدەك مىسرالارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايسى ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىجاد قىلىمەن. مەن ھىچقاچان ئىلھامنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ باققان ئەمەس. بىراق ئاخشىمى شېئىر يازسام تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىسى مۇھىم ئىشىم بار كەچلەردە قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن. ماڭا بىرىلگەن ۋاقىت ئاساسەن ئىجاد قىلىش ۋاقتىدۇر، ئىجاد قىلمىسام ۋاقىتنىڭ ئىگىسىگە يۈز كېلەلمەيمەن... كىشىگە لەززەت ئاتا قىلالىغۇدەك شېئىرلارنى پۈتۈش ئۈچۈن ھەسرەت چېكىڭ، چۈنكى قايغۇ- ھەسرەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلىدىغان ئەڭ شىرىن سوۋغىتىڭىز. ئادەملەر تورغاينى يىغلىتىش ئۈچۈن قەپەزگە سولاپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايانسىز ساينى، كەڭرى ئاسماننى سېغىنىپ چەككەن نالە- پىغانلىرىدىن لەززەت ئالىدۇ.    
          ساجىدە سۇلايمان: سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت، «ئەرنىڭ ئىپپىتى» دېگەن نەسىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخىش كۆرىمەن. سىز بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، قۇرۇلمىسىنى كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا قەلەم ئالامسىز، ياكى قەلىمىڭىزگە  بويسۇنۇپ يېزىپ چىقامسىز؟ )
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىشتىن ئىلگىىرى كاللام قۇپقۇرۇق، ھىچقانداق روھىي تەييارلىقسىز ھالەتتە ئۈستەلگە ئولتۇرىمەن. بۇ خۇددى مەقسەت- نىشانسىز سەپەرگە ماڭغان يولۇچىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. مەقسەت- نىشانسىز سەپەرگە چىققان يولۇچىنى قەدەمدە بىر يېڭىلىق كۈتۈۋالىدۇ. مۆجىزە قانداق يۈز بېرىدۇ؟ كۈتۈتۈلمىگەندە ۋە تاسادىپىيلىق ئىچىدە. تەرتىپلىك ھاياتتا مۆجىزە يۈز بېرىشى تەس، بۇنداق ھاياتنىڭ قانداقمۇ زىل- زىلىسى بولسۇن؟ مەن ھەر بىر شېئىرىمنى ئەنە شۇنداق نىشانسىز قىلغان سەپەردىكى تاسادىپىيلىق دەپ قارايمەن. شېئىر يېزىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھىچقانداق شەكلى بولمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تۇرسا ئۇنىڭغا قۇرۇلما بېكىتىش مۈمكىنمۇ؟ بەلكىم بۇ مېنىڭ شېئىر يېزىش ئادىتىمدىن شەكىللەنگەن، ماڭىلا ماس كېلىدىغان قاراشتۇر. ,
       ساجىدە سۇلايمان: فەقىرنىڭ ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىم چوڭقۇر. بۇ چىرايلىق يولغا قەدەم باسقان كۈنۈمدىن باشلاپ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن، يېقىندىن بېرى قەلبىمدە شۇنداق بىر ئىستەك پەيدا بولۇپ قالدى ــ قەلبتە يىغىلىپ قالغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پروزىغا قارىغاندا، مىسرالاردا ئەينەن، ھاردۇقى چىققۇدەك ئىپادە قىلغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنى سىزنىڭ ھەم باشقا ئۇستازلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالغان ئىستېتىك زوقتىن تونۇدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى پۇختا بېسىشىم كېرەك؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز..
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئەسەر يازماقچى بولۇۋتقاندا ژانىر تاللاپ ئاۋارە بولماڭ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ژانىر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىنى تونۇش، راستچىل ۋە جاسارەتلىك بولۇشتۇر. شەكىلنى سىز يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەسەر يېزىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ژانىرنى مەغلۇپ قىلىش كېرەك، شۇندىلا تۇيغۇلىرىڭىز ئەركىنلىككە ئىرىشىدۇ. قەلەمگە بويسۇنماڭ، ماھارەتنى بىتچىت قىلىڭ، شۇندىلا قەلبىڭىز شېئىرىي قۇللۇقتىن ئازاد بولىدۇ. 
      

               رېسالەت مەردان: شېئىرىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدىم دەپ قارايسىز ؟ 
          غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇلارنى ساناپ بېرەي، ئەڭ ئاۋال ئىمىن ئەخمىدىنىڭ شېئىرلىرىنى دورىدىم، كىيىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۈكۈشمەك ئوينىدىم، ئۇندىن كىيىن بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى  دەستەك قىلدىم، ئەڭ ئاخىىرىدا ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنى ئىخلاس بىلەن تەقلىد قىلدىم. كىيىن ھەممىسىگە مىڭلارچە رەخمەتلەر بىلەن خوش دەپ، ئۆزۈمگە تۇتۇلدۇم. ھازىر ئۆزۈمنى تەقلىىد قىلماقتىمەن، بۇ رەزىل كىشى مېنى ھىچبىر قويۇپ بېرەر ئەمەس، ئۇنىڭ سايىسى مەندىنمۇ يورۇق بولۇپ، مېنى كۆلەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. بىر كۈنلەردىىكى سۇمرغ تورىدا ئالا- تاغىل جۆيلۈپ يۈرگەن  پارىسا، سىدىق دۆلەت دېگەن ئىككى شائىر ئېسىڭىزدە بارمىكىن؟ ئۇلار مېنى مەندىن قۇتۇلدۇرماقچى بولۇپ مەيدە قاققان ئىدى، بىراق شۇھامان مەغلۇپ بولدى. كىشىلەر ناھايىتى تىزلا ئۇلارنىڭ غوجىمۇھەممەدنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى. مەن بىلىمەن، ئۆزۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى تەلتۆكۈس ئادالىۋىتىشقا توغرا كەلگەچكە ئىلگىرى ئىرىشكەن ئازغىنە شان- شۆھرەتلەرگە قىيالمايۋاتىمەن. ئۆتمۈشتىن مۇستەسنا بولمىغان ھاياتتا ئىجادىيلىق بولمايدۇ. مەن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتەي قالغان بۇ خارابىدىن كېتىشىم كېرەك، كېتىشىم كېرەك... 
           رېسالەت مەردان: ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىڭىز قايناق بىر مەزگىلدىن كىيىنكى سۈكۈت پەسلىگە كىردى دەپ قارامسىز ؟    
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىزدىن سىزنىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىز ماڭا ئايان بولدى. مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى باشقىلاردىن قايناق شېئىرىي ئىجادىيەت مەزگىلىمنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. مەن دائىم جىمجىت ياشايمەن ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن، قانداقلىقىمغا ئانچە پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقتىكى گەپلەرنى بولسا باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. ئاشۇ باشقىلار ۋە سىزنىڭ گەپلىرىڭىز راسىت بولسا كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىم مېنىڭ يىقىندىن بۇيان شېئىرىيەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىكىمنى، ھازىرقى شېئىرلىرىمدىن بۇرۇنقىدەك زوق ئالالمىغانلىقىنى يۈز- تۇرانە ۋە ھاۋالە بىلەن ئىيتىشتى. تىخى ئون نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توقسۇلۇق يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت دېگەن بۇرادىرىم توقسۇدىكى بۇرادەرلەرنىڭ سالىمىنى ئىيتىپ مۇنداق دېدى( ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يېنىمىزدا قەدىناس شائىر بۇرادىرىم ئابدۇرېشىت ئېلىمۇ بار ئىدى): «شېئىرلىرىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك قاينام تاشقىنلىق كەيپىيات يوق. سىز ھازىر تىخنىكىغا تايىنىپ يېزىۋاتىسىز. توقسۇدىكى قەلەمكەش بۇرادەرلەر: غوجىمۇھەممەد ئەمدى ئۆزۈمنى يارىتىپ بولدۇم، قانداق يازسام بولۇۋىرىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، دېيىشىۋاتىدۇ» دېگەندە مەن بەزىبىر باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىدىم، بىراق ئىچىمدە قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى ئابدۇرېشىت تۇيدى. يەنە بىر باھانە- سەۋەب بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام كونا گەپنى تەكرارلاپ مۇنداق سۆزمەنلىك قىلىمەن: «نام- ئاتاق گوياكى قاراڭغۇ تۈرمە، ساڭا ئۈمىد ۋە ئارمان بىلەن تېكىلگەن ساناقسىز كۆزلەر بۇ تۈرمىنىڭ گۇندىپايلىرىدۇر. سېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭ، ھەر بىر ئېغىز گېپىڭ ئاشۇ گۇندىپايلارنىڭ  نەزەربەنتى ئاسىتىدا. ئۇلار سەندىن تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ سەندە بار يوقلۇغى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. سېنىڭ خالىغانچە يېزىش ۋە يازالىغانچە يېزىش ھوقۇقۇڭ ئاللىقاچان تارتىۋىلىنغان. ئاھ بىچارە قۇل...» بىراق مېنىڭ بۇ نالەمگە ئىچ ئاغرىمتاڭ. مەن پات ئارىدا يەنە باشقىلاردىن مەن توغرىلىق يېڭى- يېڭى گەپلەرنى ئاڭلىشىم مۈمكىن. 
      
        رېسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتنىڭ جېنىنى مەنادا دەپ قارامسىز، شەكىل دىمۇ ؟    
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھازىر شېئىر يېزىشتا مەقسەت مۇددىئا بولمايدۇ، شېئىر يېزىش پەقەتلا شېئىر ئۈچۈندۇر دېمەكتىمەن. ھەرقانداق ئىددىيە ۋە كۆز قاراشلار كونىرايدۇ، تىلنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ھەم مەڭگۈلۈكتۇر دەيدىغان بولۇۋالدىم. شېئىر ئەڭ بۈيۈك ئاشىقانىلىقتۇر، شائىردا ئۆزىنى بىغىشلاش ئىستىكى باركى، ئۇندىن ئارتۇق مەقسەت يوق... دېگەن سۆزگە مەپتۇنمەن. مەن قايسىدۇر بىر شامالنىڭ شائىرغا مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: ئۆلۈپ تۇرۇپ ياز، تىرىكلەرنى سەگىتىدۇ؛ تىرىلىپ تۇرۇپ ياز، ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ؛ شەكىلگە بەنىد قىلما، يىقىلمايدىغان ئىمارەت يوق؛ مەنىگە بىقىنما، كونىرىمايدىغان ئىددىيە يوق؛ جان ئاتا قىلما، جان بار يەردە قازا بار؛ روھ بەر، مەڭگۈ ياشايدۇ، چۆلدەك ئەمەس، بورانلاردەك ئەركىن- ئازادە، خۇشال بەختىيار... 
                   رېسالەت مەردان: شېئىرىي ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز ؟ 
               غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شەيتاندىن، دېسەم كۈلۈپ كېتەرسىزمۇ؟ شېئىرنىڭ غايىبتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىراق ئۇ ۋەھىي ئەمەس. بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرگە ۋەھىي نىسىپ بولمىغان. شەيتاندىن، دېسەم ئەمدى كۈلمەيسىز...  قارىغاندا مەن شېئىرىي ئىلھامنى ئىچىمدىكى ۋەسۋەسىدىن، بەندىلىك ئىزتىراپلىرىدىن، دوزاخ يالقۇنلىرىدەك بىسىقماس ھەم ئەبەدىي ئۆچمەس مۇھەببەتتىن ئالسام كېرەك. بۇ مۇھەببەت مەن تۈركىينىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە قەيىت قىلغان«كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز»غا بىغىشلانغان. 
            رېسالەت مەردان:                   شېئىرلىرىڭىزدىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز قايسى ؟ 
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا ئادەتتە ئۇنى ياخشى- يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىكەنمەن. بىراق مەن بەزىدە مېنى شۆھرەتكە ئىرىشتۈرگەن «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال»قاتارلىق شېئىرلىرىمنى دوسىتلىرىمغا ئوقۇپ بېرىشكە ئامراق...
           رېسالەت مەردان: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يەنە نىمىلەر كەمچىل؟   
            غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىقىنى شېئىرغا بىغىشلىيالايدىغان، شېئىر ئۈچۈن رىيازەت چېكەلەيدىغان، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان«مۇنداق» ئۈچۈن ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن «شۇنداق»قا ئوت ئاچالايدىغان پىداكار شائىرلار كىرەك. قاراڭە، جاھاندا تەڭدىشى يوق پاساھەتلىك تىل، مۇكەممەل يىزىق، گاڭگىراش، ئازاب، يىمىرىلىشلەر يەتكۈچە تۇرۇپتۇغۇ. شۇنداق رىسالەت، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شائىردىن باشقا ھىچنەرسە كەمچىل ئەمەس. i@`T_&6l  
    O,!4 W\s        رېسالەت مەردان: زامانداش شائىر-شائىرەلەرگە دەيدىغىنىڭىز بارمۇ؟ 7(bE;(4  
           غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېىنىڭ زامانداش شائىر- شائىرەلەرنىڭ ھەممىسسىگە دەيدىغان نۇرغۇن- نۇرغۇن  گېپىم بار. گېپىمنىڭ يىغىندىسى مەن ھەممىڭلارنىڭ دوستۇڭلار. مەن ھەممىڭلار بىلەن دوست بولغاچقا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دېيىش ئۈچۈن ئىسمىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئاتىشىم كېرەك. بىراق بۇنىڭغا ھازىرچە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەيدۇ. بىرنەچچىڭلارنىڭ ئىسمىڭلارنى ئاتاپ يەنە بىر نەچچىڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ئازار بەرگۈم يوق. ھاياتلا بولساق گەپلىرىمىزنى بىر- بىرلەپ دېيىشىۋالىمىز، ئاشۇ گۈزەل دەملەرگە يېتىش ئۈچۈن سىلەرگە ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن! 0P6< 4
      
    b-,]21     رېسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتتە ئۇسلۇب ياراتتىم دەپ قارامسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇسلۇب خاسلىقتىن شەكىللەنسە، خاسلىق بىر خىللىقنى بىشارەتلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەن ئۇسلۇبقا قارشى. ۋەھالەنكى، كۆپ زامانلار ئىلگىرى مەن تولۇپ تاشقان قايناق ھاياجان بىلەن يۈرىكىمنى بېسىپ ياتقان ئەل- يۇرت تەشۋىشلىرىنى، ئىنسانلىق ئىزتىراپلىرىنى، ۋەسلىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇھەببەت ئىنتىلىشلىرىنى كۈيلىگەنىدىم. ئاۋازىم ئىنتايىن مىسكىن ۋە ئىغىر ئىدى، ۋارقىراپ يىغلايىتتىم،  ئايال!... دەيىتتىم قۇرۇپ كەتكەن باياۋاندەك... بۇ بوزلاشلىرىم  بىر- ئىككى يىللا داۋاملاشقان بولسىمۇ مەن ناھايىتى كۆپ يىغلىغاچقا باشقىلار تەرىپىدىن «يىغلاڭغۇ» دەپ ئاتالدىم. ئاڭلىشىمچە بەزى كىشىلەر يىغلىغان چاغدىكى ئاۋازىمغا قاراپ، سانسىز ئاھۇ- زارىلەر ئىچىدىن  مېنىڭ يىغامنى ئاسانلا تونۇۋالىدىكەن. سىز دېگەن «ئۇسلۇب» مۇشۇ بولسا مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىمنى ئىيتىمەن: «مەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمەن، چۈنكى ئۇسلۇب قانچە ئۆزگىچە بولغانسىرى باشقىلار شۇنچە ئاسان تەقلىد قىلىدۇ- دە، مەنمۇ ئۇسلۇبۇمدىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قالىمەن... ئۇسلۇب- ئۆز ئىزىغا سەكرەش، ئۆزگىچىلىكنى تەكرارلاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئۆزگىچىلىكنىڭ جەلىپكارلىقى، يوچۇنلۇقى ۋە تەسىرچانلىقى تەكرارلانماسلىقى كېرەك...  سىز توختىماي ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، بولۇپمۇ باشقىلار قارشى چىقمىغان شارائىتتا ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز زوقلانغۇچىنى چارچىتىپ قويىسىز. سىز قانچە زورۇققانسىرى شۇنچە مەزىسى قالمايدۇ» ...

      رېسالەت مەردان: بۇرۇنقى شېئىرلىرىڭىز بىلەن ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا قانداق پەرقلەر بار دەپ قارايسىز؟

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يۈرەكتىن ئىبارەت  كۆكسىۈمدىكى ئىلغۇغا ئېسىلغان تەڭرىنىڭ بۇ سەپەر سومكىسىنى تاشلىۋىتەلمىدىم. پانى دۇنيانىڭ ھەممە ئازاب- ئوقۇبەتلىرى قاچىلانغان بۇ سومكا ماڭا ھامان ئىغىرلىق قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ئاز-ئازدىن ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ سىلەرگە ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق يىنىكلىمەكچى بولىمەن. بىراق تەڭرى ئالغانلىرىمنىڭ ئورنىغا يەنە نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى سېلىپ تۇرىدۇ.  سومكا كۈنسىرى ئىغىرلىشىپ قەددىمنى پۈكىدۇ. دەسلەپ مەن بۇ سومكىدىكى ئەڭ جۇلالىق ۋە چىرايلىق بولغان خوتۇن- قىزلار ھەسرىتىنى ئېلىپ سېلەرگە بەرگەن ئىدىم، بىراق مەن خوتۇن- قىزلارغا ئىرىشكەندىن كىيىن بۇ ھەسرەتلەر توزۇپ كەتتى. ئاندىن مەن بۇ سومكىدىن يۇرت، قەۋم ئىزتىراپلىرىنى ئالدىم. بۇ ئىزتىراپلار بەكلا سۈلكەتلىك ھەم جەزبىدار بولغاچقا مېنى تولىمۇ ئالىيجاناب قىلىۋەتتى. كىشىلەر تەرەپ- تەرەپتىن ماڭا مەدھىيە، ئالقىشلارنى ياڭراتتى، بىراق سومكا تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ قەددىمنى رۇسلىيالماس  قىلىۋەتتى. بۇ سومكىدا خۇشاللىق دېگەن نەرسە يوق ئىكەن، ئەركىنلىك، ساراڭلىقنىڭ بارلىقىدىن ئىغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدىكەن. بۇ سومكىدا بۇرچ، مەسئۇلىيەتلەر ساماندەك تولۇپ يېتىپتۇ. يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن، چىرىپ سېسىپ كەتكەن، چېقىلىپ ياكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. ئاھ، خۇدا!... بۇ سومكىدا ھەممە نەرسە بار ئىكەن، بىراق مەن يوق ئىكەنمەن، مەنلا يوق ئىكەنمەن... بارا- بارا بۇ سومكىغا قول ئۇزاتماس بولدۇم،-دە، كۆڭلۈمگە ئەگەشتىم. كۆڭۈل دېگەنگە ئىت- ئىشەكلەر ئەگىشىدۇ، دېدى كىمدۇ بىرى.   شۇ چاغدا سىلەر مېنى شائىرلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلىدىڭلار. مەن بىلەتتىم، بۇ ھايات ئاخىرلىشاتتى، شۇندىلا قەددىمنى پۈككەن ئىغىر سومكىدىن خالاس بولاتتىم. ھازىر مەن كوچا غەزەلخانلىرىغا مەپتۇن. ئۇلارنىڭ غەزەللىرى شۇ قەدەر ئەركىن- ئازادە بولۇپ، ھىچقانداق نەرسىنى ئۆزىگە يۈك قىلمايدۇ. يەتتە قات ئاسماننىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدىن، يەتتە قات يەرنىڭ يەتتىنچى تەكتىگىچە يېتىپ بارالايدۇ. بۇ غەزەللەردىن ئۆزۈمنىڭ تامدىن تامغا ئارتىلىپ، ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ ياكى ئۇلغايتىپ، سۇلارنىڭ ئۈستىدە شامالدەك يورغىلاپ كېتىۋاتقان توسقۇنسىزلىقىمنى كۆردۈم. مەن ھازىر يىغلاۋاتقان ئادەمنى كۈلۈشكە قىستىمايمەن. ئۆلۈۋاتقان ئادەمگە ھايات ھەققىدە ۋەز ئىيتىپ ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن ئىبارەت مۇقەددەس يۈزلىنىشىگە كاشىلا قىلمايمەن. قارىسام ھەممە ئۆز يولىدا، ھەتتا يولسىزلىقمۇ يولنىڭ تېشىدا خاتىرجەم كېتىۋىتىپتۇ..
    مەنبە: چوغلان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us