ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق ئىشەنچلىرى توغرىسىدىكى بەزى ئاتالغۇلار(4) - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    ئوماي : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر ئشىنپ ئىتىقاد قىلغان بىر ئايال ئىلاھە. بۇ ئايال ئىلاھە شامانلىقنىڭ تۈركىي خەلقلەردە تارقالغان «ئاماغات» دېگەن مۇئەننەس(ئاياللىق، ئايالغا خاس) بىر ئەقىدىسى بولۇپ، ئۇلار «ئاماغات»نى ئۇلۇغلىغان. «ئاماغات» ياكى «ئوماي»غا تېۋىنىش كەڭ تارقالغانىدى. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئوماي»نىڭ قەدىمدىن تاتىپ تۈركىي خەلقلەردە، خاسىيەتلىك نەرسە، دەپ ئەقىدە قىلىپ تېۋىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئوماي – ئەش، يولداش، ھەمراھ. ئاياللارنىڭ كۆزى يورۇغاندا، بالىدىن كېيىن چۈشىدىغان نەرسە. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئومايغا تاپىنسا ئوغۇل بولۇر – ئەشكە تېۋىنسا ئوغۇل تاپار؛ كىم تۇغۇت ئىشىغا خىزمەت قىلسا ئوغۇللۇق بولىدۇ. خوتۇنلار بۇنى ياخشىلىققا جورۇيدۇ.»(تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-توم). بورخان : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر بەخىت – سائادەت ئېلىپ كەلگۈچى، بالا – قازادىن ساقلىغۇچى دەپ ئالاھىدە چوقۇنغان بىر ئىلاھنىڭ نامى. «بورخان» يورۇقلۇق تەڭرىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلغان مەزگىللەردە بۇ تەڭرىنىڭ ئىسمى «تەڭرى بورخان» دەپ ئاتالغان؛ مانى دىنىغا ئىتىقاد قىلغان مەزگىللەردە «تەڭرى مانى بورخان» دەپ ئاتالغان. مەيلى قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلغان مەزگىللەردە بولسۇن، بورخان كىشىلەر تەرىپىدىن بەخىت سائادەت ، قۇت، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغان. تۆت بورخان : بۇ بۇددا دىنى ئاتالغۇسى بولۇپ، تۆت تەرەپتىكى تۆت بورخاننى، يەنى شەرىقتىكى پۇراقلىق دۇنيانىڭ بورخانى ئاكشۇبۇيا، جەنۇبتىكى شادلىق دۇنياسىنىڭ بورخانى گۆھەر كۆرۈملۈك بورخان، غەرىبتىكى كۆڭۈللۈك دۇنيا بورخانى ئامىتابا، شىمالدىكى نېلۇپەر گۈللۈك دۇنيانىڭ نازۇك ئۈنلۈك بورخانىنى كۆرسىتىدۇ. خەنزۇچىدا «四坲» دېيىلگەن. يەلۋى : تۈركىي خەلقلەر ئەپسانىلىرىدە سۆزلىنىدىغان سېھرىگەرلىك بولۇپ، بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەر ئۇنى «شامانلىق» ئىتىقادى بويىچە «تەڭرىنىڭ ئاشكارا كۆرىنىشى»، «تەڭرىنىڭ كارامەت كۆرسىتىشى» دەپ ئىتىقاد قىلىپ ئىشەنگەن بولۇپ، تۇغۇلۇش، قېرىش، ئاغرىش، ئۆلۈش، ئۇرۇشۇش، يارىشىش قاتارلىقلارنى ئۇنىڭغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. تويۇن – تويىن : قەدىمكى سېھرىگەرلىكتىن تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك دىنىي ئەخلاقىي كۆز قاراش، دۇنيا قاراش ۋە ئىددىيە سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنگەن تويۇنلۇق دىنىنىڭ تەلىم ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئىگەللىگەن ۋە شۇنى تەرغىب قىلىدىغان پازىل كىشى، راھىب. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق يازىدۇ: «تويىن – ئىسلام دىنىدا بولمىغانلارنىڭ دىنىي باشلىقى. بۇ بىزدىكى ئىمام ۋە مۇفتىلارغا ئوخشايدۇ. تويىن ھەر ۋاقىت بۇت ئالدىدا بولۇپ، كىتابلارنى ۋە ھۆكۈملەرنى ئوقۇيدۇ.». تويىنلارنىڭ قولىدا «مۇقەددەس» دەپ قارىلىدىغان دىنىي دەستۇرلىرى، كىتابلىرى بار ئىدى. ئەينى دەۋىرلەردە تويۇنلار دىنىي باشلىق بولۇشى بىلەن بىللە يەنە سىياسىي باشلىقلار ئىدى. مەسىلەن : ئوغۇزنىڭ 24 قەبىلە بېگى ۋە ئەل بېگى تويۇنلاردىن ئىدى. نوم : قەدىمكى ئەجدادلار ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ قارىغان دىنىي دەستۇرلىرى ۋە كىتابلىرىنى شۇنداق ئاتىغان بولۇپ، نوم ھەققىدە مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق دەيدۇ :«نوم – دىن، شەرىئەت. تەڭرى نومى – تەڭرىنىڭ دىنى ۋە شەرىئىتى دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. ھەممە دىنلارغا نوم دېيىلىدۇ.». «تۈركچە تۇرپان تېكىستىلىرى»نى تەتقىق قىلغان ئالىملار :«نوم سۆزى قانۇن، دىن، ئەقىدە، ئىشەنچ، دۇئا، دىنىي ئەسەر دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ؛ سوغدىچە نوم، يۇنانچە نومو (nomos) دېيىلىدۇ. » دەپ قارىغان. يات ~ يادا : بۇ بىر خىل قۇرغاچلىق بولغاندا يامغۇر، قار ياغدۇرۇش ۋە ياكى شامال ۋە باشقىلارنى تىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سېھىرلىك تاش ياكى شۇ خىل تاشنىڭ سېھرى بىلەن ئىلىپ بېرىلىدىغان ھۆل- يېغىن ياغدۇرۇش پائالىيىتىنىڭ نامى. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق يازىدۇ: «يات – يادا. بۇ بىر خىل سېھرىگەرلىك بولۇپ، يامغۇر، شامال ۋە باشقىلارنى تىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس تاشلار(يادا تاشلار)نىڭ يارىدىمى بىلەن سېھىر قىلىنىدۇ. بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. مەن بۇنى ياغمىلاردا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇ يەردە بىر يانغىن بولغاندا، يانغىننى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنغانىدى، تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن يازدا قار ياغدى، كۆز ئالدىمدا ئوت ئۆچۈرۈلدى.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-توم). ھازىرمۇ جانلىق تىلدا «يادا قىلدى»(جودۇ قىلدى)، «يادا قىلىپ يامغۇر ياغدۇرۇلدى»، ۋە شۇنىڭدەك يەنە ناھايىتى كەپسىز – شوخ بالىنى «ئىچىدە يادا تېشى بارمىكىن.» دېيىلىدۇ. خۇمارۇ(قۇمارۇ) : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئىتىقادى بويىچە ئۇلۇغلار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۆلگۈچىنىڭ ئېسىل نەرسىلىرىدىن قاغانغا ھەدىيە قىلىش ئادىتى يەنى ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاردىن قالغان نەرسىلەرنىمۇ ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى يەنە ئاشۇنداق ئۇلۇغ بولغان قاغانلارغا يادىگار قالدۇرۇش كۆز قارىشى. قاغانلار ئەينى دەۋىرلەردە دىنىي جەھەتتە يۇقىرى ئورۇندا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆلگەن ئۇلۇغ، چوڭ كىشىلەرنىڭ نەرسىسىنى يادىگار قىلىش ساۋاپ بولىدۇ دەپ قارالغان. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇنداق دېگەن: «خۇمارۇ – يادىگار، ئەستلىك ئۈچۈن بېرىلگەن مال ياكى نەرسە. چوڭلاردىن بىرى ئۆلگەندە، تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۇنىڭ مېلىدىن ئەڭ ئېسىل بولغان بىرەر نەرسە قاغانغا تەقدىم قىلىنىدۇ. شۇ نەرسە خۇمارۇ دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەر-ئاياللارغا ئىسىم بولۇپمۇ كېلىدۇ؛ ئۇزۇن سەپەرگە كەتكەن كىشى، ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلىرىغا يادىكارلىق قالدۇرغان نەرسىمۇ خۇمارۇ دېيىلىدۇ.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-توم). قۇلباق : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر چوقۇنغان ۋە ئىشەنگەن بىر ئىلاھىي شەخىس، ئەۋلىيانىڭ نامى. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «قۇلباق ـ تۈركلەردىن بىر ئەۋلىيانىڭ ئىسمى، ئۇ بالاساغۇن تاغلىرىدا ياشايدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قارا تاشقا تەڭرى قۇلى قۇلباق دەپ يازسا، ئاق بولۇپ چىقىدىكەن؛ ئاق تاشقا يازسا، قارا بولۇپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئىزلىرى تا ھازىرغىچە بار ئىكەن.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-توم). ئاق – قارا رەڭ ئىتىقادى : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەردە «ئاق»، «قارا» ئىككى رەڭنى ئالاھىدە دەپ قارىغان بولۇپ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا، مۇئەييەن مەنىدە رەڭ ئىتىقادىنى شەكىللەندۈرگەن. «ئاق» كۈننىڭ، يورۇقلۇقنىڭ، بەخىت-سائادەتنىڭ تېمسالى بولسا، «قارا» تۈنننىڭ، قارڭغۇ زۇلمەتنىڭ، بالا-قازانىڭ، بەخىتسىزلىك، مۇسىبەتنىڭ تېمسالى بولغان. بۇ خىل قاراش بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن : بۈگۈكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار بىرسى سەپەرگە ماڭماقچى بولسا ئۇنىڭغا مۇۋاپىقيەت ۋە ئامان – ئېسەنلىك تىلەپ «ئاق يوللۇق بولغىن» دەپ ئۇزىتىدۇ. بىر كىشىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى «ئاق كۆڭۈل، قارا كۆڭۈل» دەپ سۈپەتلەيدۇ. خاسىيەتلىك سانلار چۈشەنچىسى : ئومۇمەن تۈركىي خەلقلەردە ئىلگىركى زامانلاردىن تارتىپلا مەلۇم سانلارنى مەسىلەن : «ئۈچ»، «يەتتە»، «توققۇز»، «قېرىق» قاتارلىقلارنى ، ئالاھىدە بىر خىل ياخشىلىق-يامانلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن بولۇپ، بۇ خىل ساننى ئۇلۇغلاش قارىشى قەدىمكى دەۋىرلەردىن تارتىپلا مەيلى شەرق ياكى غەرپ ئەللىرىدە بولسۇن، ھەممىسىدىلا مەلۇم پەرىقلەر بىلەن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. خەلقىمىزدىمۇ ناھايىتى ئۇزندىن بۇنداق قاراشلار داۋاملىشىپ كەلگەن. مەسىلەن: «ئۈچ»نى ئۇلۇغلاش قارىشىدىن : «ئوغۇزنامە» ئىپوسىدا ئوغۇزخاننىڭ ئۈچ ئۆيلىنىش، ئۈچ ئوغۇللۇق بولىشى. «قۇتادغۇبىلىك» تە شاھنىڭ ئۈچ پۇتلۇق تەخىت كۇرسىدا ئولتۇرىشى ۋە بۈگۈندىكى «مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم»، «ئۈچ نەزىرە» دېگەندەك ئىبارەلەردىن ئىبارەت. «يەتتە»نى ئۇلۇغلاش : «يەتتە پۇشتى»، «يەتتە ئاتىسى»، «يەتتە سەييارە»، «يەتتە ئىقلىم»، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «يەتتە باشلىق يالماۋۇز»، «يەتتە نەزىر» دېگەنلەر. «توققۇز»نى ئۇلۇغلاش: «توققۇز تۇغلۇق خاقان»، «توققۇزى تەل»، «توققۇز ئۇيغۇر»، «توققۇز تارام»، «توققۇز سۇ»، «توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇش» دېگەنلەر. «قېرىق»نى ئۇلۇغلاش : «قېرىق كۈن توي»، «قېرىق تۆگە مال دۇنيا»، «قېرىق قاراقچى» «قېرىق ئوغۇل» دېگەنلەر. بۇ خىل سانلارنى ئۇلۇغلاش چۈشەنچىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى» ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىپ ئىزاھلاندى.

    分享到: