ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    قەدەىمكى ئۇيغۇر خەلق ئىشەنچلىرى توغرىسىدىكى ئاتالغۇلار (3) - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    چۈر ~ چور : تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى «مانا» دىن باشقا يەنە بىر قانچە ئەرۋاھلارنى «ئىزۇق»، يەنى «مۇبارەك» ۋە «مۇقەددەس» بىلىپ ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۇلارغا ئىشەنگەن. ئەنە شۇنداق ئەرۋاھلاردىن بىر قىسمى «چۈر» ياكى «چور» دەپ ئاتالغان. بۇلار «ئاق چور»، «قارا چور» دەپ ئىككىگە بۆلەنگەن. كېيىنچە «چور» بەگ-خانلارغا بېرىلىدىغان مەنسەپ نامى بولۇپ قالغان. مەسىلەن : تۇدۇن چور، بۆگۈ چور، كۈل چور قاتارلىقلار.

    يەك : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قورققان، پاناھلىق ئىزدىگەن بىر خىل يامانلىق، بەخىتسىزلىك ، بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان  جىن، شەيتان، ئالۋاستى. بۇ ئەرەپچىدىن «جىن»، «شەيتان» دېگەن ناملارنى قوبۇل قىشتىن ئىلگىرى قوللىنىلغان  نام بولۇپ مەھمۇد كاشىغەرىيمۇ شۇنداق ئىزاھلىغان ۋە مۇنداق ماقالنى مىسال كەلتۈرگەن :«بىلمىش يەك بىلمە دۈك كىشىدەن يەگ»(بىلمىگەن-تونۇمىغان كىشىدىن بىلگەن-تونۇغان جىن-شەيتان ياخشى)(«تۈركىي تىللار دىۋانى». 3-توم).

    شامال (بوران)غا چوقۇنۇش : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر شامال، بوران قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىلاھىي چۈشەنچىلەر بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن بولۇپ، شامالدىن قورققان ۋە ئۇنىڭ بالا-قازا ئىلىپ كىلىشىدىن پاناھلىق تىلەپ شامال ئىلاھىغا تېۋىنغان. بەزى كىسەللىكلەرنى ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان دەپ قاراپ، داۋاسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىرە-چېراق ئۆتكۈزگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ خىل قاراشلار ئەل ئارىسىدا ھىلىھەم مەۋجۇت بولۇپ، بوراندا قالسا بىر خىل قولى تۇتمايدىغان، پۇتى باسمايدىغان ۋە ياكى گەپ قىلالمايدىغان غەلىتە مىيىپلىق، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ. قۇيۇندا قالسىمۇ ساراڭ بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ. «قۇيۇندا قالغان ساراڭ» دېگەن ئىبارە دەل شۇ خىل چوقۇنۇش چۈشەنچىسىدىن كىلىپ چىققاندۇر.

    يەل : قەدىمكى خەلقلەرنىڭ ئىتىقاد چۈشەنچىسىدىكى بىر خىل يامانلىق، بالا-قازا ئىلىپ كەلگۈچى دەپ قارالغان  جىن، ئالۋاستى، ئەرۋاھ، جىن شامىلى. شامالغا چوقۇنۇشتىن كىلىپ چىققان بىر خىل جىن ئەرۋاھ چۈشەنچىسى. بۇ يامانلىق، بالا-قازا، كىسەللىك، بەخىتسىزلىك ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارالغان ئەسكى جىن. كىشىلەر ئۇنىڭدىن قورققان ۋە پاناھلىق تىلىگەن. مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن « يەل- جىن، جىن شامىلى. ئەر يەلپىندى – ئادەمگە يەل(شامال) دارىدى، يەنى جىن چاپلاشتى»(«تۈركىي تىللار دىۋانى». 3-توم).

    ئاباچى : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قورقىدىغان، پاناھلىق تىلەيدىغان، يامانلىق، بالا-قازا ئېلىپ كىلىدۇ دەپ قارىغان بىر خىل بەتبەشىرە، سەت، قورقۇنۇچلۇق جىن، ئالۋاستىنىڭ نامى. مەھمۇد كاشىغەرىي بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاباچى – ئالۋاستى – ھۈجۈ. بالىلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، ئاباچى كەلدى – ھۈجۈ كەلدى دېيىلىدۇ.» («تۈركىي تىللار دىۋانى». 3-توم).

    قورۇق – تابۇ : قەدىمكىلەرنىڭ بىر ئادەمنى ياكى بىرەر شەيئىنى مۇقەددەس، يەنى ئىدۇق دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا ياكى ئۇنىڭغا چېقىلىشقا ياكى ئۇنى قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر خىل ئىتىقاد قارىشىدىن ئىبارەت. «قورۇق» ياكى «تابۇ» - «مانا» ۋە «توتىم» دىن پەيدا بولغان خاس ئىسىم بولۇپ، قاغان ياكى بەگ ئۆلگەندىن كېيىن ئىسمى «قورۇق» بولىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ ئىسمىنى يىل بويى ئاغزىغا ئالمايدۇ. قاغان ياكى بەگ بىلەن ئىسىمداش بولغۇچىلارمۇ ئۆز ئىسىملىرىنى يەڭگۈشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ۋاپات بولغان قاغان ياكى بەگنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا ئىسىم بىلەن ئاتايدۇ. بەزى ھايۋانلارنى ئۆلگۈچىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن مۇكاپات قاتارىدا ئەركىن-بوش قويىۋىتىدۇ. بۇلارنىمۇ «ئىدۇق» دەپ قورۇق ھېسابلايدۇ.

    شامانلىق : «شامان» ئەسلىدە تۈركچىدە «قام-قامان» دېيىلىدىغان بولۇپ، ئەرەبچىدە «كاھىن» دېيىلىدۇ. بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي دىنى ئىتىقادىدۇر. بۇ خىل دىنىي ئىتىقادتا مۇقىم ئىبادەتخانا تەسىس قىلىنمايدۇ؛ يېزىلغان نوم-بېتىكلىرى بولمايدۇ. شامانلىق ئىتىقادى بويىچە ئالەمنى ئۈچ قاتقا بۆلىدۇ. ئۈستۈنكى ئالەم-ئۇجماج(جەننەت) بولۇپ، ئۇ يەر تەڭرىلەر ماكانىدۇر. ئوتتۇرا ئالەم-يەر يۈزى بولۇپ، بۇ يەردە ئىنسانلار تۇرىدۇ؛ ئاستىنقى ئالەم – تامۇ – تامۇغ - دوزاخ بولۇپ، ئۇ يەردە جىن-شەيتانلار تۇرىدۇ. شامانلىق سېھىر-ئەپسۇننى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، «قامان» -شامان بارلىق قۇدرەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگۈچى سۈپىتىدە، جىن-شەيتانلارنى ئىشقا سېلىپ، «يىگ»(كېسەل) داۋالايدۇ، شۇنىڭدەك «ئىرىق»(پال) بېقىپ، ياخشىلىق-يامانلىقتىن ۋە كەلگۈسىدىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ دەپ قارالغان. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق يازغان :«قاملار قامۇغ ئەرۋەشتى-ھەممە كاھىنلار ئەپسۇن ئوقۇدى. يۈز-كۆزگە چىققان يامان جاراھەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا سۈف-كۆچ قىلىشقىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.». «قام» سۆزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 10-، 11-ئەسىرلەردىمۇ ئوتاچى(تېۋىپ) سۆزى بىلەن بىز قاتاردا «داخان»، «ھەكىم» دېگەن مەنىلىرىدە قوللىنىلغان. «شامانلىق» بەزىدە ئىرسىيەتلىك، بەزىدە كەسپى ۋە بەزىدە تۇغما بولاتتى. ئۇنىڭدا «سول»نى قۇتلۇق دەپ قارىغان.

    تويۇنلۇق : قەدىمكى ئەجدادلار «يەر-سۇ» مۇئەككىلىگە ياكى تەڭرىگە ۋە ئۆزىلىرى خاس بولغان توتېملىرىغا ياكى روھقا تېۋىنىپ، مۇراجىئەت قىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنغان بولۇپ، قەدىمكى سېھرىگەرلىكتىن تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك دىنىي ئەخلاقىي كۆز قاراش، دۇنيا قاراش ۋە ئىددىيە سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنگەن دىنىي ئىتىقاد قارىشى. «تويۇنلۇق» ئوڭ قولغا، «شامانلىق» سول قولغا مەنسۇپ بولۇپ، يەنى قەدىمكى دىن ئوڭ نى قۇتلۇق ھېسابلايدۇ. «شامانلىق» بولسا

    سولنى قۇتلۇق ھېسابلايدۇ. «تويۇنلۇق» ئىرسىيەتلىك بولۇپ، تەڭرىلەر ۋە باشقا سىمۋوللار تويۇنلارنىڭ ئاتىلىرى ھېسابلىناتتى. تويۇنلار ئەجدادى ھېسابلانغان «يەر-سۇ» مۇئەككىلىگە ياكى تەڭرىگە ۋە ئۆزلىرى خاس بولغان توتېملىرىغا ياكى روھقا تېۋىنىپ، مۇراجىئەت قىلاتتى.

    分享到: