ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق ئىشەنچىلىرى توغرىسىدىكى بەزى ئاتالغۇلار(2) - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    ئوغان : ئومۇمىي بۇدۇن(ئەل) نىڭ تىمسالى بولغان تەڭرىنىڭ ئېتى. ئالتاي تۈركلىرىنىڭ چۈشەنچىسىە «ئوغان» يەر-سۇ تەڭرىلىرىنى قان داۋاسىدىن، باسقۇنچىلىقتىن توساپ قالىدىكەن. ئەمما كۆپىنچە قان داۋاسى ۋە باسقۇنچىلىق «بۇدۇن»(ئەل)نىڭ سىرتىدا بولىدىكەن، بۇدۇن ئىچىدە بولمايدىكەن. ئوغان تەرتىپ-قائىدىلەرنى چىڭ ساقلايدىكەن ۋە بۇدۇن ئىچىدىكى ھەمدەملىكنى قوغدايدىكەن. ئوغان پۈتۈن تەڭرىلەرنىڭ ئاتىسى بولغاچقا، ئۇ ھەممىگە قادىر ھېسابلانغان. «ئاللاھ»، «خۇدا» سۆزلىرى قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئادەتتە «ئوغان» سۆزى قوللىنىلغان. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئىزاھلىشىچە:«ئوغان- ھەر نېمىگە كۈچى يېتىدىغان، ھەممىگە قادىر، قۇدرەتلىك. ئوغان تەڭرى-قۇدرەتلىك تەڭرى.». ئۇلار «ئوغان» تەڭرىنىڭ «تۆمۈرخان»(ئاق خان)، «سۇ خان»(قاراخان)، «ئوت خان»(قىزىل خان)، «يىغاچ خان»(كۆك خان) دەپ تۆت ئوغلى بار دەپ قارىغان.

    تاغقا چوقۇنۇش : قەدىمكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردە ئېگىز تاغلارنى، تاغ چوققىلىرىنى، مۇزلۇقلارنى ئۇلۇغلايدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي ئىتىقاد شەكلى مەۋجۇد بولغان. ئۇلار بۇ تاغلارنى ئۇلۇغلاپ، بۇ تاغلاردا يېغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ مەرىكە، نەزىرە-چىراغلارنى ئۆتكۈزگەن. «تەڭرىتاغ»، «خانتەڭرى»، «مۇزتاغ ئاتا»، «كۆكئارت» دېگەندەك ناملارنى ئۆزلىرى ياشاپ تۇرغان تاغلارغا ئۇلۇغلاپ قويغان. بۇ خىل تاغلارنى ئۇلۇغلاش قارىشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تۈركىي خەلقلەردە، تاجىكلاردا ساقلىنىپ كەلمەكتە.

    دەرەخكە چوقۇنۇش : تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغۇچى قەۋىملەردە كەڭ تارقالغان، مەلۇم خىل دەرەخنى ياكى ئۆسۈملۈكنى ئىلاھىي كۈچ بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېسە ياكى يوپۇرمىقى، تىنىسى، قوۋزىقى، يېلتىزى، گۈل(چېچەك) بەرگى، پۇرىقى قاتارلىقلاردا ئالاھىدە ئىلاھىي خىسلەت بار دەپ قاراپ، ئۇنى ئۇلۇغلاش ۋە تېۋىنىش قارىشى.  بۇ خىل قاراش بىلەن ئەل ئارىسىدا مەلۇم خىل ئۆسۈملۈك ياكى دەرەخ ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تېۋىنىدۇ. بۇنداق دەرەخلەرنى كېسىشكە ياكى تۇتۇشقا، يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن: ئۈژمىنى ئۇلۇغلاش، ئاداراسمان(بىر خىل ئۆسۈملۈك)نى ئۇلۇغلاش، قېزىلگۈلنى ئۇلۇغلاش قاتارلىقلار. دەرەخكە چوقۇنۇش «ئوغۇزنامە» ئىپوسىدا ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئىپوستا ئوغۇزخان دەرەخ كاۋىكىدىن چىققان گۈزەل قىزغا كۈيۈپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا كېيىنكى دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبىكلەر قېزىلگۈلنى ئۇلۇغلىغان. ئاداراسمان تا بۈگۈنگىچە تۇركىي خەلقلەردە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا ئۇلۇغلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئېسىرىق سالسا، يامانلىقنى قوغلپ، كىسەلنى قوغلايدۇ، بەخىت ئىلىپ كىلىدۇ دېگەن قاراش ھېلىمۇ مەۋجۇت.

    سۇ(دەريا-كۆل،بۇلاقلار)نى ئۇلۇغلاش : كىشىلەرنىڭ سۇنى جۈملىدىن مەلۇم دەريا ئېقىننى، كۆل ياكى بۇلاقلارنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ياخشىلىق، يامانلىق بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈپ تېۋىنىش قارىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېراق قەدىمدىنلا سۇنى ئۇلۇغلاش تۈركىي خەلقلەردە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار سۇ تەڭرىسى بار دەپ قارىغان. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان كۆل ئوتتۇرىسىدىن بىر قىزنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. بۇ خىل سۇنى ئۇلۇغلاش قاراشلىرى ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا « سۇ ھەممە(گۇناھ، يامانلىق، مەينەت، كىسەللىك)نى تازلايدۇ.»، «ئېقىنغا يۈندە تۆكسە يامان بولىدۇ.»، «كىم ئېقىنغا تاھارەت قىلسا شۇ كىشىنى كىسەل باسىدۇ.» دېگەندەك ماقال-تەمسىللەر بار. ئۇندىن باشقا يەنە ئەل ئىچىدە بەزى دەريا، كۆل ۋە بۇلاقلار «خىسلەتلىك» دەپ قارىلىپ ، سۈيىنى ئىچسە، ياكى سۈيىدە يۇيۇنسا مەلۇم خىل كىسەللىكنى ساقايتىدۇ، بالىلىق بولغىلى بولىدۇ ۋە ياكى ئەقىللىق بولىدۇ دېگەندەك كۆز قاراشلار كەڭ تارقالغان.

    ئەجدادقا تېۋىنىش : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەردە بار بولغان، ئەجدانى، ئەجداد روھىناتىنى ۋە شۇنداقلا ئۆزىگە قانداشلىقى بولغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى، قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلاردىن مەدەت، يارىدەم تىلەيدىغان مانېزىملىق ئىتىقاد قارىشى. بۇ خىل قاراش تۈركىي خەلقلەردە ناھايىتى ئۇزۇن دەۋىرلەر داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ خىل قاراش بويىچە، ئۇلار قاچانكى، بىر قېيىنچىلىققا يولۇقسا ۋە ياكى بىر ئىشنى باشلىماق بولسا، جەڭلەرگە ئاتلانسا، ئەجدادلارغا، ئەل ئىچىدىكى ئۇلۇغلارغا، ئۆزىدىن بۇرۇنقى قەھرىمانلارغا، باتۇرلارغا تېۋىنىپ، مۇراسىملار ئۆتكۈزۈپ ئۇلاردىن مەدەت ۋە يارىدەم تىلىگەن. ئۇلارنىڭ يارىدىمىدە قېيىچىلىقى ھەل بولۇپ، ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ خىل قاراشلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىلى ساقلىنىپ قالغان.

    قۇت : قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۇركىي خەلقلەردە بولغان بىر خىل ئىلاھىي تۈسىنى ئالغان، مانا(ئىلاھىي قۇۋۋەت، روھ)دىنمۇ كەڭرەك مەنىگە ئىگە بولغان بەخىت، ئامەت، خۇشاللىق، دۆلەت، ئۇلۇغلۇق چۈشەنچىسى. بۇخىل چۈشەنچىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، «تۇركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ۋەسىقىلەردە كۆپ خىل مەنىدە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن : 1. «قۇت ـ بەخىت، دۆلەت» (تۇركىي تىللار دىۋانى).

    2. «قۇت – قۇت، بەخىت-سائادەت، قۇتلاش، مۇقەددەس، روھ . ». «قۇت- ئۇلۇغلۇق، ھەيۋەت، ھەزرەت، ئەزىمەت .». «قۇت – تەلەي، تەقدىر، بەرىكەت، تەڭرى ھىممىتى، ئەزىز، مۇبارەك»(تۇرپان ۋەسىقىلىرى) قاتارلىقلار. بۇ خىل قۇت چۈشەنچىسى ھېلىھەم ئازدۇر-كۆپتۇر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەدەبىي تىلىمىزدا «قۇت» سۆزى ھېلىھەم «بەخىت، تەلەي، ئامەت» دېگەندەك مەنىلىردە ئىشلىتىلىدۇ. «قۇتلۇق» دېگەن ئىسىم كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر دائىم تىلغا ئالىدىغان «تەلىيىم قاچتى، نەس باستى، قارا باستى» دېگەن ئىبارىلەر مۇشۇ خىل «قۇت» چۈشەنچىسىدىن كەلگەن.

    كۈنگە چوقۇنۇش : بۇ ئەجدادلارنىڭ كۆك(ئاسمان)كە چوقۇنۇش قاراشلىرىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز تەبىئەتكە چوقۇنۇش جەريانىدا، كۈن(قۇياش)نىڭ ھاياتلىقتىكى تەڭداشسىز رولىنى، كۈننىڭ كۈندۈز ۋە ئاپتاپنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، كۈنگە تېۋىنىشقا باشلىغان. ئۇلار كۈن(قۇياش) نى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىر-چىراق، مۇراسىملارنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن بەختىنى تىلەپ، يامانلىق، بالا-قازالاردىن پاناھلىق تىلىگەن. قاغانلار ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆككە باغلاپ ئۆزىگە «كۆك تەڭرىدە قۇت بولمىش قاغان» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مۇتەپپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسىرىدە ھۆكۈمدار خاقانغا «كۈنتۇغدى» دەپ ئىسىم قويغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ خىل كۈننى ئۇلۇغلاش قارىشى ئازدۇر-كۆپتۇر مەۋجۇت بولۇپ، كىشىلەر ئەتىگەنلىرى قۇياشقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشىپ، بەخىت تىلەپ، يامانلىقتىن پاناھلىق تىلەپ كەلمەكتە.

    كۈنتەڭرى : قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆك(ئاسمان)، كۈن(قۇياش)گە چوقۇنۇشىدىن شەكىللەنگەن ئىلاھلىق قارىشى بولۇپ، قەدىمكى ئەجدادلار ناتۇرىزىم(تەبىئەتچىلىك) دەۋرىدىكى ئىلاھلارنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلگەن. ئاسمان توققۇز قەۋەت بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بىرىنچى تۈركۈمدىكى كۆكتەڭرىلىرى تۇرىدۇ. ئاستىنقى قەۋەتتە يەر (زېمىن) تەڭرىسى تۇرىدۇ. كۈنتەڭرىسى دەل ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىدىكى كۆكتەڭرىلىرىدىن بولۇپ، كۆكتەڭرىلىرى مۇكاپات تەڭرىلىرىدۇر.

    ئايغا چوقۇنۇش :   بۇمۇ ئەجدادلارنىڭ كۆك(ئاسمان)كە چوقۇنۇش قاراشلىرىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئاينى تۈننى يورۇتقۇچى قۇدرەت، ئاينىڭ تولۇش ۋە كېمىيىش قانۇنىيىتىنى بىمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھادىسىنىمۇ بىر ئىلاھىي كارامەت دەپ قىياس قىلغان ۋە ئۇنىڭغا تېۋىنغان . ئۇنىڭ نامىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭدىن يارىدەم سورىغان. «ئاينى قول بىلەن ئىشارەت قىلسا يامان بولىدۇ» دېگەن چۈشەنچە ھېلىمۇ بار بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرىمۇ دىۋاندا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ :« ئاي تولۇن بولسا، ئەلكىن ئىملاماس»(ئاي تولۇن بولسا، قول-ئىلكى بىلەن شەرت قىلماس) . ئۇندىن باشقا قەدىمكىلەر ئايتۇغدى دېگەندەك ئىسىملارنى ئۇلۇغلاپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئىسىملار تاكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازىرمۇ كىشىلەردە ئاينى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار بولۇپ، كىشىلەر يېڭى ئاي چىققاندا ۋە ئاي تولغاندا ئۇنىڭغا قاراپ دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ يامانلىقتىن ساقلاپ، ياخشىلىق ئېلىپ كىلىشىنى تىلەيدۇ.

    ئايتەڭرى : قەدىمكى ئەجدادلارنىڭ كۆككە چوقۇنۇپ، ئاينى ئۇلۇغلاپ تېۋىنىش قارىشىدىكى كۆكتەڭرىسىنىڭ بىرىنىڭ نامى. ئۇمۇ كۈنتەڭرىگە ئوخشاشلا ئاسماننىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە تۇرىدىغان، مۇكاپات تەڭرىسى دەپ قارالغان بولۇپ، كىشىلەر ياخشىلىق، بەخىتنى ئۇنىڭغا باغلاپ چۈشەنگەن. ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە بەخىت كىلىدۇ دەپ قارىغان. «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇزخان ئاي خاقاندىن تۇغۇلغان دەپ تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئايتەڭرىگە باغلاپ ئىلاھىي سۈپۈتكە ئىگە قىلىنغان.

    ئوتقا چوقۇنۇش : قەدىمكى خەلقلەر ئوتنىمۇ بىر خىل تەبىئەتتىن سىرىتقى ئالاھىدە ئىلاھىي كۈچ دەپ قارىغان بولۇپ، ئوتقا چوقۇنۇش دەسلەپكى ئىپتىدائىي دىنلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېيىنچە زورو ئاستىر (ئاتەشپەرەسلىك) دىنىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تۈركىي خەلقلەرمۇ ھەم ئوتقا چوقۇنغان، ئوتنى ئۇلۇغلىغان، ئوتنى بىر خىل ئىلاھىي سۈپەتتە چۈشەنگەن. ئۇلار ئوغان تەڭرىنىڭ تۆت ئوغلىنىڭ بىرى «ئوت خان »(قىزىل خان) دەپ قارىغان. ھازىرقى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلاردا تويدا كىلىنچەكنى گۈلخان يېقىپ ئوتتىن سەكرىتىدىغان ئادەتلەر بار.

     

    ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى» ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىپ ئىزاھلاندى.

    分享到: