ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق ئىشەنچلىرى توغرىسىدىكى بەزى ئوقۇملار (1) - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    ئۆز : ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ئادەمنىڭ بەدىنىدە بار دەپ ئىشەنگەن بىر خىل «روھ»، «ئەرۋاھ» چۈشەنچىسى بولۇپ، «ئۆز» ئادەم ھايات چېغىدا ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىنمۇ بولىدىغان بىر خىل ئىنساننى ئوراپ تۇرغان جانلىق مەۋجۇداتقا ئوخشاش دەپ قارالغان. ئۇلار «ئۆز» (روھ-ئەرۋاھ) ئۆلمەيدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك بولىدۇ، بەدەنلىرى ياشىغان ماكانلارنى يوقلاپ تۇرىدۇ دەپ ئىشەنگەن ۋە شۇنداقلا، ئۇلار ئۆزلىرى ئۇلۇغ دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ، ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا تېۋىنغان. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئۆز» سۆزىنىڭ بىر قانچە مەنىسىنى بەرگەن : 1. ئۆز- جىلغا، تاغ ئۆزى؛ 2. ئۆز- ئۆز كىشى، يېقىنى؛ 3. ئۆز- يۈرەك ۋە قورساققا ئوخشاش ئىچكى ئەزالار. ئۆ〗ۈم ئاغرىدى – قورسىقىم ئاغرىدى؛ 4. ئۆز- ئۆزەك، تومۇر، يىغاچ ئۆزى – ياغاچ ئۆزىكى؛ 5. ئۆز- ئۆز قۇنۇقى-بەدەن(گەۋدە) دە ھەرىكەت قىلىدىغان نەرسە، روھ، جان. بۇ سۆز ھازىرمۇ ئۇيغۇر تىلىدا «ھۇش»، «خۇد»، «ئەس» مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    تەگى : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەردە بولغان «ئۆز»(روھ-ئەرۋاھ) چۈشەنچىسى بولۇپ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھايات مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان «جان»، «ئەرۋاھ» غا ئوخشاش نەرسە. مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا : «تەگى ـ كېچىلەردە ئاڭلىنىدىغان گۇڭ-گۇڭ ئاۋاز. تۈركلەر شۇنداق قارايدۇكى، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى ھەر يىلى بىر كېچە توپلىنىپ، ئۆزلىرى ياشىغان شەھەرگە كىلىپ زىيارەت قىلىدۇ. كېچىدىكى مۇشۇ ئاۋازغا كىم ئۇچراپ قالسا ئۆلىدۇ. بۇ تۈركلەردە كەڭ تارقالغان چۈشەنچە.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-توم).

    كۆككە(ئاسمانغا) چوقۇنۇش : بۇ ئەڭ قەدىمكى ئىتىقاد شەكلى بولۇپ، ئاسمان(كۆك)نى، ئاسماندىكى كۈن، يۇلتۇز، ئاي، بۇلۇت، شامال، يامغۇر، بوران، چاقماق، قارلارغا بولغان ئۇلۇغلاش، تېۋىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا كۆككە چوقۇنۇش كەڭ تارقالغان. ئۇلار ئۆز يارالمىشىنى ياكى بەختىنى كۆك(ئاسمان)، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، يامغۇر، بوران، چاقماق قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن باغلاپ چۇشۈنۈپ، بۇلارنى ئۇلۇغلاپ تېۋىنغان بولۇپ بۇ خىل قاراشلار ئومۇملاشتۇرۇپ «كۆك ئىتىقادى»، «كۆككە چوقۇنۇش» دېيىلىدۇ. قەدىمكىلەر مۇشۇ خىل ئىتىقاد قارىشى بىلەن، مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزلىرىگە بەخىت تىلەپ، بالا-قازادىن ئېسەنلىك تىلىگەن. تۈركىي خەلىقلەردە ناھايىتى ئۇزۇندىنلا كۈن، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئىسىملارنى ئۇلۇغلاپ قويۇش ئومۇملاشقان بولۇپ، قاغانلار ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆككە باغلاپ ئۆزىگە «كۆك تەڭرىدە قۇت بولمىش قاغان» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان كۆك نۇر ئىچىدىكى ساھىپجامال بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولىدۇ ۋە باللىرىغا شۇ خىل قاراش بويىچە ئىسىم قويىدۇ.  11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مۇتەپپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسىرىدە ھۆكۈمدار خاقانغا «كۈنتۇغدى»، ئۇنىڭ ۋەزىرىگە «ئايتولدى» دەپ ئىسىم قويغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ خىل ئىسىملار كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا. ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۇركىي خەلقلەر ئارىسىدا كۆككە چوقۇنۇشتىن كىلىپ چىققان «يامغۇر تىلەش مۇراسىمى»دا كىشىلەر :«كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دەپ كۆككە قاراپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىش ئادىتى بار. قۇمۇلدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان «كۆك مەشرىپى» دىمۇ كۆككە تېۋىنىشنىڭ خېلى كۈچلۈك ئىپادىلىرى ساقلىنىپ قالغان.

    يېشىن (چاقماق) قا چوقۇنۇش : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەردە بولغان كۆك(ئاسمانغا) چوقۇنۇش ئىتىقادىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، قەدىمكىلەردە يېشىن(چاقماق)نى ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنىڭدىن ئىلاھىي جازا سۈپىتىدە قورقۇپ پاناھلىق تىلەيدىغان قاراش مەۋجۇت بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭدىن  پاناھلىنىش ئۈچۈن يېنىدا قاشتاش ئېلىپ يۈرۈشكەن. بۇ توغرىدا مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇنداق دەيدۇ: «ياشىن – يېشىن، چاقماق. كىمىڭ بىلە قاش بولسا ياشىن ياقماس – كىمنىڭ يېنىدا قاشتاش بولسا، ئۇنىڭغا يېشىن يېقىن كەلمەس(تەگمەس) دېگەن بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. قاشتاش ئاق، سۈزۈك بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئۈزۈك قىلىپ سالىدۇ. بۇنداق ئۈزۈكنى سېلىۋالغان كىشىگە چاقماق تەگمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تەبىئىتى شۇنداق. بۇ تاشنى بۆزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا، بۆزمۇ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ. بۇ سىنالغان. ئۇسسىغان ئادەم بۇنى ئاغزىغا سالسا، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ»، «قاش-قاشتاش. بۇ بىز خىل سۈزۈك تاش بولۇپ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئېقىنى گۈلدۈرمامادىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە يېشىن چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-توم). بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا بەكرەك قاتتىقراق گۈلدۈرماما بولۇپ، چاقماق چاقسا «خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى» دەيدىغان قاراش مەۋجۇت.

    تۇپراق (زېمىن)غا چوقۇنۇش :  تۇپراقنى ئۇلۇغلاش، تۇپراققا تېۋىنىش ئومۇمەن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىر خىل ئىپتىدائىي ئىتىقاد شەكلى بولۇپ، تۇپراققا تېۋىنىشمۇ كۆككا تېۋىنىشقا ئوخشاشلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئىتىقادلىرىدىن بىر خىلى بولۇپ، قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر ئەپسانىلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ چوڭ تەڭرىنىڭ بىرىنىڭ نامى يەر تەڭرىسى بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇپراقنى ئۇلۇغلاش يەنىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن: مىيىت يەرلىكىگە قويۇلىدىغان چاغدا مىيىت ئۇزاتقۇچى جامائەت ھەر بىرى بىر سىقىمدىن توپا ئېلىپ دۇرۇت ئوقۇپ ئۇنى مىيىت ئۈستىگە چېچىپ قويىدۇ. ئىككى كىشى سودا قىلىشقاندا، رازى بولۇشقاندىن كېيىن، يەرلىك ئادەت بويىچە قوللىرىنى توپىغا سۇۋاپ قول ئېلىشقاندىن كېيىن ئاندىن سودا پۈتكەن بولىدۇ. قەسەم بەرگەندىمۇ «يەر ئۇرسۇن!» دېيىشىپ قەسەم قىلىشىدۇ.

    بوزتەڭرى : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر چوقۇنغان يەر(زېمىن) تەڭرىسىنىڭ نامى. ئۇ تۈركىي خەلقلەر ئۇلۇغلىغان ئۈچ چوڭ تەڭرىنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇراسىم، نەزىرە-چېراق ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىق ئىلىپ كىلىشىنى تىلىگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەر بىر يۇرتنىڭ ئۆزىنىڭ تەڭرىلىرى بولۇپ، بۇ تەڭرىلەر شۇ خەلقنى بالا-قازادىن ساقلايدۇ. ئەگەر ئىككى يۇرت ئارىسىدا جەڭ بولسا، بۇ تەڭرىلەرمۇ ئۆزىگە چوقۇنغان خەلقلەرگە بولۇشۇپ قارشى تەرەپنىڭ تەڭرىسى بىلەن ئۇرىشىدۇ. بۇ تەڭرىلەرنىڭ ئەسكەر جىنلىرى بار بولۇپ، قايسى تەرەپنىڭ تەڭرىسى يېڭىلسە، شۇ تەرەپنىڭ خەلقىمۇ يېڭىلىىدۇ، ۋە خانىۋەيران بولىدۇ دەپ قارالغان. ئەپسانىدە، ئۆتۈكەن تېغىدىن 500 يول يېراقلىقتا بىر ئېگىز تاغ بار. ئۇنىڭ ئۈستى تاقىر بولۇپ، «بوز تەڭرى» دېيىلىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.

    چىۋى : يەر-سۇ تەڭرىلىرىنىڭ جىن ئەسكىرى. قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر يەر ۋە سۇ تەڭرىلىرىنىڭ ئەسكەر جىنلىرى بولۇپ، ئىككى يۇرت ئۇرۇشسا، ئۇ يۇرتنىڭ يەر، سۇ تەڭرىلىرىنىڭ بۇ ئەسكەر جىنلىرى ئۆز يۇرت خەلقىنى قوللاپ ئۇرىشىدۇ دەپ قارىغان. «چىۋى» توغرىسىدا مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»(3-توم) دا مۇنداق يازغان :« چىۋى – جىنلار گۇرۇھىدىن بىرىنىڭ ئېتى. تۈركلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئىككى يۇرت كىشىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئىككى يۇرتتىكى جىنلارمۇ ئۆز يۇرتىنىڭ ئىگىلىرىنى قوللاپ ئۇرۇشىدۇ. جىنلارنىڭ قايسى تەرىپى يەڭسە، ئەتىسى شۇ يۇرتنىڭ ئىگىلىرى غەلبە قىلىدۇ. كېچىلىرى ئىككى يۇرت جىنلىرىنىڭ قايسىبىرى يېڭىلسە، شۇ جىنلار تۇرغان يۇرتنىڭ پادىشاھىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ. تۈرك ئەسكەرلىرى ئۇرۇشتىن قايتقان كېچىسى جىنلارنىڭ ئوقلىرى تېگىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىپ، چېدىرلىرىغا كىرىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەڭ تارقالغان بىر خىل چۈشەنچە.».

     

    ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى» ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىپ ئىزاھلاندى.

    分享到: