ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    توتىم ۋە توتىمغا ئاىت بىر قانچە ئاتالغۇ - [ئۇقۇملار لۇغىتى ۋە ئوقۇتۇش]

    توتېمىزىم : توتېمغا تېۋىنىش. توتېم (totem) ئىندىئان تىلىدا «قاياشى»، «تۇغقىنى»، «جەمەتى» دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «ئونگۇن» (ongun) دېيىلىپ ، «ئوزۇق بولسۇن»، «قۇتلۇق بولسۇن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن. توتېم قەبىلە، قوۋىمنىڭ مەلۇم بىر خىل جانلىق نەرسىنى ئۆز نەسلىگە سىمۋول قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىدىغان ئىلاھىي قۇدرەتكە ئىگە جانلىق دەپ تېۋىنىشتىن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي ئىتىقاد تۈرى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، ئالتاي – ئورال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان باشقا قەدىمكى خەلقلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ھەر بىر ئۇرۇقنىڭ مەلۇم شەيئى بىلەن ئالاھىدە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار دەپ ئىشەنگەن. مەزكۇر شەيئى (كۆپىنچە ھايۋانلار) شۇ ئۇرۇقنىڭ توتېمى – ھىمايىچىسى ۋە تېمسالى بولۇپ قالغان. مەسىلەن : شىر(ئارسىلان)، قۇش (لاچىن، بۈركۈت، توغرۇل قۇشى، بۇلبۇل، قارلىغاچ)، ئەجدەرھا، كۆك بۆرە، ئات، تۆگە، ئۆكۈزنى توتېم قىلىش، قاتارلىقلار قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان قوۋىملاردا ئىلگىرى-كېيىن ياكى بىرلا ۋاقىتتا توتېم قىلىنغان. مەھمۇد كاشىغەرىي «باراق»(بىر خىل ئوۋ ئىتى)نى مۇنداق ئىزاھلىغان :« باراق- پاخماق يۇڭلۇق ئوۋ ئىتى. تۈرىكلەرنىڭ ئىتىقادىچە، بۈركۈت قېرىغاندا ئىككى تۇخۇم تۇغۇپ، ئۇلارنى باسار ئىمىش؛ تۇخۇملارنىڭ بىرىدىن باراق ئاتلىق كۈچۈك چىقار ئىمىش، ئىتلارنىڭ ئەڭ ئوبدىنى ۋە يۈگرۈكى ۋە ھەممىدىن ئوبدان ئوۋ قىلالايدىغىنى شۇ باراق ئىتى بولار ئىمىش؛ ئىككىنچى توخۇمدىن بۈركۈتنىڭ چۆجىسى چىقار ئىمىش، بۇ ئۇنىڭ ئاخىرىقى چۈجىسى بولار ئىمىش.»(«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم). ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان ئىپوس «ئوغۇزنامە» دە : ئوغۇزخان « پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى، پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقانىدى» دەپ سۈپەتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئوغۇزخانغا كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنىڭ جەڭدە يول باشلاپ ماڭغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. ئوغۇزخانمۇ :«بۆرە بىزنىڭ بەلگىمىز بولسۇن» دەيدۇ.

    كۆك بۆرە توتېمى : قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان قوۋىم، قەبىلىلەر كۆك بۆرىنى ئۇلۇغلاپ، كۆك بۆرىنى ئۆز نەسلىگە مەنبە دەپ قارىغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە توتىم قىلىپ تېۋىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان ئىپوس «ئوغۇزنامە» دە: ئوغۇزخانغا كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنىڭ جەڭدە يول باشلاپ ماڭغانلىقى قەيىت قىلىنىدۇ. ئوغۇزخانمۇ :«بۆرە بىزنىڭ بەلگىمىز بولسۇن» دەيدۇ. تۈرك قاغانى موتۇنچۇر قاغان مىلادى 570-يىلى ئورناتقان ئابىدە تاشقا بىر كۆك بۆرە ئانىنى ئېمىپ تۇرغان بىر بالىنىڭ سۈرىتى ئويۇلغان. بۆرىگە تېۋىنىشنىڭ قالدۇق تەسىرلىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار سەپەرگە چىققاندا پىشكەللىكتىن ساقلىنىشقا ۋە بەخىتكە بەلگە بولغان بۆرە ئوشۇقىنى ئارزۇلاپ يېنىدا ساقلايدۇ ياكى بوينىغا ئېسىۋالىدۇ. ئۇغۇل بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى ئەركىلىتىپ «بۆرە بالام» دەپ ئەركىلىتىدۇ.

    بۇقا(كالا) توتېمى : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەردە بۇقىنى ئۇلۇغلايدىغان قاراش بولۇپ، بۇ تۈركىي خەلقلەردىكى يايلاق مەدەنىيتىدە ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدا كالىنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقىدىن  شەكىللەنگەن بىر خىل ئۇلۇغلاش، تېۋىنىش قارىشى. «ئوغۇزنامە» ئىپوسىدا ئوغۇزخاننىڭ پۇتىنىڭ بۇقا پۇتىدەك دەپ سۈپەتلىنىشى مۇشۇ خىل تېۋىنىش قارىشىدىن كىلىپ چىققاندۇر.

    ئات توتېمى : قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار يايلاق مەدەنىيىتىدە ياشاپ كەلگىنى ئۈچۈن، يايلاقتىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش ۋاستىسى بولغان ئاتنى ئالاھىدە ئۇلۇغلىغان. ھەتتا ئېتى يوق ئادەمنى جېنى يوق دەپ سۈپەتلەپ، ئاتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈشكەن. شۇڭا تۈركىي خەلقلەر ئەپسانە، رېۋايەتلىرىدە ئات ۋاپادارلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ، باتۇرلۇقنى، غەلبىنىڭ تېمسالى بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىي خەلقلەردە، شۇنداقلا باشقا يايلاق مىللەتلىرىدە ئاتنى ئۇلۇغلايدىغان قاراش داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلادىكى «ئەر قانىتى ئات»، «ئەرنىڭ جېنى ئات» دېگەن ماقال-تەمسىللەر، ئالاھىدە ئۇلۇغلانىدىغان كىشىلەرنى «ئاتقا مېنگۈزۈش» مۇراسىملىرىنى ئېلىپ بېرىشى ھەم شۇنىڭدىن كەلگەن.

    مانا : ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا كەڭ تارقالغان «مانا» دېيىلگەن بىر مەنىۋىي قۇۋۋەت بار ئىدى. «مانا» سۆزى «مەنىۋىي كۈچ»، «تەڭرى قۇدرىتى» دەپ چۈشىنىلگەن بولۇپ، قەدىمكى لاتىن تىلىدا (manes) «روھ»، «ئەرۋاھ»، «جان»، «كۆزگە كۆرەنمەس نەرسە»، «ئۇ دۇنيالىق» دېگەن مەنىنى بىلدۇرگەن. ئەجداتلار بىرەر نەرسىگە ئۆز ئىشلىرىنى باغلىق دەپ قاراپ، شۇ نەرسىنى مۇقەددەس بىلەتتى. كىشىلەر بىزگە ياخشىلىق ياكى مەنپەئەت يەتكۈزگەن شەيئى دەپ مۇقەددەس دەپ ھېسابلىغان ئۆسۈملۈك(مەسىلەن، بىرەر دەرەخ)، تەبئىي مەۋجۇداتتىن ياكى تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بىرەرسىنى «تەڭرى» دەپ بىلىپ شۇنىڭغا تېۋىنغان. مەسىلەن: دەرەخكە تېۋىنىش، ئوتقا تېۋىنىش، تاغقا تېۋىنىش، بۇلاققا تېۋىنىش قاتارلىقلار.

     

    ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى» ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىپ ئىزاھلاندى.

    分享到: