ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    رەشىد:ئەدەبي ئەسەرلەردە كۆپ قوللىنىلىدىغان باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى توغرىسدا - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئەدەبي ئەسەرلەردە كۆپ قوللىنىلىدىغان باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى توغرىسدا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىسستىر ئاسپىرانتى

    «تارىم» 2010-يىللىق 7-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

       ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاپتۇرنىڭ مۇئەييەن ئىستېتىك مۇددىئادىكى ئىزدىنىشى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە بىر خىل قوش يۆنۈلۈشلۈك مەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى. يەنى يازغۇچى ئىشلەپچىقارغۇچى بولسا، ئوقۇرمەن ئالاھىدە قوبۇل قىلغۇچى ياكى ئالاھىدە ئېستىمالچىدۇر. بۇ يەردە ئوقۇرمەننى ئالاھىدە ئېستىمالچى دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، ئوقۇرمەن ئەينى «مەھسۇلات» بولغان ئەدەبىي ئەسەرنى ئېستىمال قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مۇئەييەن مەنىۋىي تەلىپى بويىچە تاللايدۇ ۋە يەنە ئۇنى قوبۇل قىلغاندا(ئېستىمال قىلغاندا) ئۆزىنىڭ ئىستېتىك سەۋىيەسى، ئىستېتىك قىزىقىشى ۋە تەلىپىگە بويسۇندۇرغان ئاساستا قوبۇل قىلىدۇ. بىر ئوقۇرمەن ئوخشاش بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. ۋە شۇنداقلا، ئوخشاش بىر ئەسەرنى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇرمەننىڭ قوبۇل قىلىش سەۋىيەسى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

    ئەدەبىي ئەسەر مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا شەخىسنىڭ ئىستېتىك مۇددىئاسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئىستېتىك مۇددىئاسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىر تەرەپتىن شەخىسنىڭ ياكى ئاپتۇرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ساپاسى، تەربىيەلىنىشى، بەدئىي دىتى، ئىستېتىك تەلىپى ۋە مۇددىئاسى، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئىجادىيەتتىكى تاللىغان ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئومۇمىي بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاۋاسى يەنى مەنىۋىيەت سەۋىيەسى، ئىستېتىك يۈزلىنىشى، جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي گورۇھ ۋە مەزھەپلەرنىڭ كۈچى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى نىشانى ۋە تەلىپىنىڭ بىر خىل سىتىخىيلىك نەتىجىسىدىن ئىبارەت.

    يازغۇچى يۇقارقىدەك تەلەپ ۋە مۇددىئالار تەسىرىدە تېما تاللاپ قولىغا قەلەم ئىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى باشلىغان چېغىدىلا، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال دۇچ كىلىدىغان مەسلىلەرنىڭ بىرى ئەدەبىي ئەسەرنى قانداق باشلاشتۇر. خۇددى باشقىلارنىڭ «ياخشى باشلىنىش يېرىم غەلىبە» دېگىنىدەك، ئەدەبىي ئەسەرنى قانداق باشلاش ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بىر ھالقا. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ باشلانمىسى ئەمەلىيەتتە، ئالدى بىلەن يازغۇچىنىڭ ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسەرنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى قانداق قانات يايدۇرۇشنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل. ۋە يەنە شۇنداقلا، بۇ ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرگە كىرىشتىكى «ئىشىكى» دۇر. ئۇ ئوقۇرمەننى ئەسەرگە قىزىقتۇرۇشتىكى تۇنجى قەدەم بولۇپلا قالماستىن يەنە، ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنى چۈشۇنىشىدىكى ئالاھىدە كۆۋرۈك. ئۇ ئاپتۇردىن قانداق قىلىپ ئەسەرنىڭ تېماتىك مەزمۇنىغا، كېيىنكى بۆلەكلىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقىغا، ئوبرازلارنىڭ جانلىقلىقىغا، باياننىڭ بەدئىي كۈچىگە، ئوقۇرمەنگە يېقىشلىق، قىزىقارلىق بولىشغا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىپ باشلاپ يېزىشتەك ئالاھىدە بەدئىي دىتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ھالقا ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنسا، يازغۇچىنىڭ ئەسەرگە قانداق كىرىشى ھەل بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوقۇرمەننىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاش، ئەسەرگە قانداق يېتەكلەش مەسلىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىنغان بولىدۇ.

    ئەدەبىي ئەسەرنى باشلاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بار :

    بىرىنچى خىل ئۇسۇل – ئەسەرگە مۇئەييەن دەرىجىدە چوڭقۇر مەنا يۈكلىيەلەيدىغان، ئەسەرنىڭ ئىددىيىۋى مەزمۇنىنى خۇلاسىلاپ بېرىدىغان، ياكى ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىگە كۈچ قوشىدىغان ماقال-تەمسىل، ئەقلىيە سۆز، خەلق قوشاقلىرى، شېئىرىي پارچىلار بىلەن باشلاش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە چوڭراق ھەجىملىك ئەسەرلەرنى باشلاشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يازغۇچى ئەسەرنىڭ بېشىغا قىستۇرغان بۇ پارچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئەسەرنىڭ ئاساسلىق ئىددىيىۋى مەزمۇنىنىڭ ئىخچام بايانى بولغاچقا، يازغۇچىغا بىر پۈتۈن ئەسەرنى يېزىپ چىققۇچە خۇددى يول كۆرسەتكۈچتەك، بىر خىل ئىددىيىۋى نىشاننىڭ رولىنى ئوينايدۇ. يازغۇچى ئۇنىڭ يارىدىمىدە ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرىنىڭ ماسلاشقان، ئىزچىل بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ يەنە ئەسەرگە ئالاھىدە بەدئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى قوشىدىغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىنى ئاشۇرىدۇ. ئوقۇرمەنلەر بۇ خىل پارچىلار ئارقىلىق گاھىدا ئاپتۇرنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ ئۈلگۈرسە، گاھىدا ئەسەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك زوقلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىدە بىر خىل ئەسەرگە ماسلاشقان كەيپىيات ھازىرلايدۇ. بۇنداق پارچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەرگە قىزىقتۇرۇش، ئەسەرگە باشلاپ كىرىش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردە يازغۇچى شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەسەرگە قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ياكى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا، ياكى بەدئىيلىكىگە كۈچ قوشالمايدىغان قىستۇرمىلار ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ يازغۇچىدىن ئۆزگىچە تاللاش كۈچىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل تالانتلىق يازغۇچى، شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ئادىتى بولۇپ، بىز بۇ خىل باشلاش ئۇسۇلىنى ئۇنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق شېئىرىي ئەسەرلىرى ۋە «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىدىن كۆرىۋالالايمىز. ئۆتكۈر ئەپەندىدىن باشقا بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىدىغان يازغۇچى-شائىرلارمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل بىر قەدەر ئومۇملاشقان.

    ئىككىنچى خىل ئۇسۇل – ۋەقەلىكنىڭ ياكى تېمىنىڭ دەسلەپكى پەيدا بولۇش نۇقتىسىدىن باشلاپ ئەسەرگە كىرىش. بۇ خىل ئۇسۇل كۆپىنچە ئىپىك ئەسەرلەرگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، لىرىك ئەسەرلەردە بولسا، ھېسىياتنىڭ دەسلەپكى باشلىنىش يەنى تۆۋەن ھالىتىدىن باشلاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. بۇ بىر خىل بىر قەدەر ئەنئەنىۋىي باشلاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا باشلىغاندا يازغۇچىنىڭ ئەسەرنى يازغاندا قەدەممۇ-قەدەم ئىچكىرلەپ كىرىشىگە ۋە ئوقۇرمەننىڭمۇ ئەسەرنى چۈشۈنىشتە قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلىشىگە قولايلىق بولىدۇ. بېراق، بۇ خىل ئۇسۇل يازغۇچىدىن كۈچلۈك ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسىياتىنى بېسىپ تۇرۇپ، سالماقلىق بىلەن ئىلگىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋە شۇنداقلا ئوقۇرمەننى ئەسەرگە بىر قەدەمدىلا قىزىقتۇرۇش ئۈنۈمى سەل تۆۋەن بولىدۇ. بېراق ئوقۇرمەنگە ئەسەرنى چۈشۈنۈش، ئەسەرنى ئىگەللەشتە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن : پىشقەدەم شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ  «چوغلۇق باللادىسى» مانا مۇشۇ خىل باشلاش ئۇسۇلىدا يېزىلغان. شائىر ئەسەرنى لىرىك، يىنىك كەيپىيات بىلەن باشلاپ، بارا-بارا چوغلۇقنىڭ فانتازىيەلىك، قان ياشقا تولغان كەچمىشلىرىنىڭ بايانى بويىچە چوڭقۇرلاپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تىراگىدىك گۈزەللىك بىلەن يۇقىرى دولقۇنغا ئىلىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا شائىر روزى سايىتنىڭ «دېھقان بولماق تەس» ناملىق داڭلىق شېئىرىمۇ مۇشۇ خىل باشلاش ئۇسۇلى بىلەن باشلانغان.

    ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرنى كولىمناتسىيە (يۇقىرى باسقۇچ) دىن باشلاش. بۇ خىل ئۇسۇل بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ خىل باشلاش ئۇسۇلىدا، يازغۇچى ئەسەرگە ۋەقەلىكنىڭ ياكى ھېسىياتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدىن كىرىپ، ئاندىن ئۇنىڭ باشلىنىش تۈگۈنى ۋە يىشىمىنى تاپشۇرىدۇ. لىرىك ئەسەرلەردە  ئەسەرگە ھېسىياتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدىن كىرگەن پىتى ئەسەر ئاخىرلاشقۇچە شۇ خىل كەيپىيات ئاجىزلاشمايدىغان، باشلىنىش تۈگۈنى، راۋاجى، يىشىمى ئالاھىدە گەۋدىلەنمەيدىغان، ياكى يىشىمىمۇ شۇنداق يۇقىرى كەيپىياتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەۋزەللىكى يازغۇچىنىڭ قايناق ھېسىياتىنى چەكلىمەيدۇ. شۇ خىل قايناق ھېسىياتنىڭ بىۋاستە ئىپادىلىنىشگە قولايلىق. ئەمما يازغۇچى بىر نەپەستىلا ھەممىنى دەۋىتىپ، ئەسەر ئاخىرىدا «گەپ» قالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەنە يازغۇچىدىن كۈچلۈك ھېسىيات، بەدئىي ئىزچىللىق ۋە پىشقان بايان ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ. چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسەرلەردە بولۇپمۇ پوۋېست، رومانلاردا ئەسەردىكى مەلۇم بىر ۋەقەلىكنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدىن باشلايدىغان ئۇسۇلمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلغا تەۋە بولۇپ، ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن بۇ خىل ئۇسۇل بىر قەدەر تەسىرچان. ئوقۇرمەننى ئەسەرگە بىر يولىلا قىزىقتۇرالايدۇ. ئەمما ئوقۇرمەندىن يەنە ئەسەرنىڭ باشقا بۆلەكلىرى يەنى تۈگۈن، راۋاج، يىشىمىنى چۈشۈنىشتە سەل كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا باشلانغان ئەسەرلەردىن تالانتلىق يازغۇچى زورۇدۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئەسەرنىڭ باشلانمىسىدىكى «-ئوغرى !... ۋاي ئوغرى كەلدى !!!...» دېگەن بىر قارىسىلا كىشىنى نېمە بولغانلىقىغا قىزىقتۇرىدىغان بۇ جۈملە ئوقۇرمەننى ئەسەرگە باشلاپ ئەكىرىپ كىتىدۇ.

    تۆتىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرنىڭ يىشىمىدىن كىرىش. بۇ خىل ئۇسۇل لىرىك ئەسەرلەرگە قارىغاندا، ئىپىك ئەسەرلەرگە بەكرەك ماس كىلىدىغان بولۇپ، يازغۇچى مەسلىنىڭ يىشىمىنى ئاۋال تاپشۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدە ئەسەرنىڭ قالغان بۆلەكلىرىنى چىكىنمە بايان ئۇسۇلىدا تاپشۇرىدۇ. بۇ خىل ئەسەرلەر ئاپتۇرنىڭ ئالاھىدە بايان ماھارىتىنى سىنايدىغان بولۇپ، ئەسلىمە تىپىدىكى ئەسەرلەرنى باشلاپ يېزىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر. ئوقۇرمەن بۇ خىل باشلانغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا، ئالدى بىلەن ئەسەر يىشىمىگە ئىگە بولغاچقا، ئەسەرنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا يازغۇچى بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئوقۇرمەننىڭ قىزىقىشىنىڭ سۇسلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، باشقا تەپسىلاتلارنىڭ جانلىق، راۋان، قىزىقارلىق، ئۆزگىچە بولىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئوقۇرمەندە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق نەتىجە ياكى ئاقىۋەت كىلىپ چىقتى دېگەن سۇئال پەيدا بولۇپ، ئوقۇرمەن ئەسەرنى يەنىمۇ چۈشۈنۈشكە قىزىقىدۇ. تالانتلىق يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇردىن كەتكەندە» ناملىق ھېكايىسى دەل مۇشۇ خىل باشلاش ئۇسۇلىدا يېزىلغان بولۇپ، بىز ئەسەر باشلىنىشى بىلەنلا، ئەينى دەۋىرنىڭ قۇربانى بولغان باقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى بىلەن تونۇشىمىز.

    بەشىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرگە «مۇناسىۋەتسز» بىر بۆلەكتىن كىرىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلدا يازغۇچى ئەسەرنى ئەسەرنىڭ ئەسلى ۋەقەلىكىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان، بېراق يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان بىر «مۇناسىۋەتسىز» بۆلەكتىن باشلايدۇ. بۇ خۇددى ئەسەرگە بېرىلگەن «ئىلۋە» ياكى «ئىزاھات» قا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، مۇشۇ بۆلەكتىن كېيىن يازغۇچى ئاساسىي ۋەقەلىكنى يېزىشقا ئۆتىدۇ. بۇ بىر خىل ئۆزگىچە بايان شەكلى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئالاھىدە بايان ماھارىتىنىڭ مەھسۇلى. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل لىرىك ئەسەرلەرگە ماس كەلمەيدۇ. بۇ خىل باشلاش ئۇسۇلى بويىچە يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا ئوقۇرمەن قولىغا ئىلىپلا بىر خىل ئەركىن، ئازادە، ئىختىيارى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلىۋاتقاندەك يىنىك تۇيغۇدا بولىدۇ ۋە ئەسەرگە نىسبەتەن تەبئىيلا بىر خىل كۈچلۈك قىزىقىش شەكىللىنىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەسەرلەرنى چۈشۈنۈشتە ئوقۇرمەن يازغۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىغا، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئۇسۇلدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «ساراڭ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلىرىنى، «كىرورەن» ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق  -سانىدا ئىلان قىلىنغان يازغۇچى غاپپار تەۋەككۇلنىڭ «گۆر سودىگىرى» ناملىق ھېكايىسىنى مىسالغا ئېلىش مۇمكىن.

    بەشىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرنىڭ خالىغان بىر بۆلىكىدىن كىرىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل بىر قەدەر پىشقان قەلەمكەش ئەدىبلەرنىڭ ھازىر جاۋابلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بەزى ئەسلىمە، سۆھبەتلەردە، ئېيتىشىش، مۇشائىرىلەردە مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا يازغۇچى ئالاھىدە ئويلىنىش ۋە تەييارلىقسىزلا «ئالاھىدە ئىجادىيەت جەريانى»نى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. يەنى ئىختىيارى، خالىغان تېمىدا چاقماق تىزلىكىدە بىر پارچە ئىجادىيەت مېۋىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ بەلكىم يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئىجادىيەت ئادىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىشى ھەم مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنى ئېنىق پەرىق قىلماق بىرقەدەر قىيىن. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەسەر باشلاش يەنە بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئۆزگىچە بايان ئۇسلۇبى بولۇپ، پەرھات تۇرسۇن، مۇھەممەد باغراش قاتارلىق بەزى يازغۇچىلارنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدا بۇنداق ئۇسۇل قوللىنىلغان. مەسىلەن: يازغۇچى مۇھەممەد باغراشنىڭ «جىنايەت ۋە جازا»، «شوپۇرنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋېستلىرى مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا باشلانغان.

    ئالتىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرگە ئەسەردىكى مەلۇم بىر تەبىئەت مەنزىرىسى، كونكىرىت ئورۇندىن كىرىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى باشلاشتا باياننىڭ ئالتە چوڭ ئامىلىنىڭ بىرى بولغان ئورۇندىن باشلاپ يېزىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بەزى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قولىمىزغا ئېلىپلا بايقايمىزكى، يازغۇچى ئەدەبىي ئەسىرىنى ئەسەردىكى مەلۇم بىر كونكىرىت ئورۇندىن باشلاپ يېزىپ، ئەسەردىكى ۋەقە ياكى ھېسىياتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي ئارقا كۆرۈنىشىنى يېزىشتىن باشلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل يازغۇچىنى ئەسەرگە قەيەردىن كىرىشنىڭ كونكىرىت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئەسەرنىڭ باشقا بۆلەكلىرىگە ئۆتۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئوقۇرمەنگە بولسا، ئوقۇرمەننىڭمۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك ۋە ھېسىياتنىڭ تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەردىنمۇ كۆپلەپ مېسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. مەسىلەن: تالانتلىق يازغۇچى نۇر روزىنىڭ «ئەنجانباي» رومانى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇملۇق تىترەۋاتىدۇ»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنىڭ بېشىدىلا ئوقۇرمەنلەرگە ئەسەردىكى تەبئىي مۇھىت تەسۋىرى بېرىلگەن.

    يەتتىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرگە ئەسەردىكى مەلۇم بىر كونكىرىت ۋاقىتتىن كىرىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلمۇ يۇقارقى ئۇسۇلغا ئوخشاش كۆپرەك قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئاپتۇر قولىغا قەلەم ئېلىپلا ئەڭ ئاۋال ئەسىرىدىكى ۋاقىتنىڭ قاچان ئىكەنلىكىدىن تارتىپ يېزىشنى باشلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلمۇ يازغۇچىغا بىر قەدەر كونكىرىت ۋاقىت تەرتىپىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئەسەرنى يېزىشتا ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشى بويىچە يېزىشتەك قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئوقۇرمەنگە بولسا، ئوقۇرمەننىڭ ئەسەردىكى ۋەقە ۋە ھېسىياتنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشىنىشىگە ۋە شۇ بويىچە ئەسەرگە ئىچكىرلەپ كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەممىدىن بەك بىئوگىرافىك ياكى تارىخىي تىمىلاردا قەلەم تەۋرەتكەندە كۆپرەك قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئۇسۇلدا باشلانغان ئەسەرلەردىن يازغۇچى تىيىپجان ھادىنىڭ «پالۋان كەلدى» ناملىق ھېكايىسى، توختى ئايۇپنىڭ «بۆرە ئانا»، ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە»، پەرھات جىلاننىڭ «ئورخۇن شەجەرىسى» قاتارلىق رومانلارنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

    سەككىزىنچى خىل ئۇسۇل - ئەسەرنىڭ نېمە سەۋەبىتىن، قانداق ئىلھام، قانداق مۇددىئا بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن باشلاپ يېزىش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلدا يازغۇچى مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا نېمىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى، نېمە ئۈچۈن، قانداق مۇددىئا بىلەن قەلەم تەۋەتكەنلىكىدىن باشلاپ يېزىپ، ئاندىن رەسمىي ھالدا ئەسەرنىڭ ئاساسىي بۆلىكىنى يېزىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل يازغۇچىغا بىر خىل ئەسەرنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئازادە سۆزلەش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەسەرنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنى يېزىشىدا كۆرسەتكۈچلۈك نىشاننىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئوقۇرمەنگىمۇ ئەسەرنىڭ مەيدانغا كىلىش ئارقا كۆرۈنىشىنى ئالدىن چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن مەزمۇنىنى چۈشىنىشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

    ئەدەبىي ئەسەرنى باشلاشقا ئوخشاشلا، ئاخىرلاشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا. ئەلۋەتتە، ھەممىمىزگە ئايانكى، «ئاخىرلاشمايدىغان ئەسەر» مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىقى ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا، بەدئىيلىكىگە كۈچ قوشالايدىغان، ئەسەرگە نىسبەتەن يىشىم، خۇلاسە بولالايدىغان، ئوقۇرمەن قۇبۇل قىلالىغۇدەك، ۋە شۇنداقلا ئوقۇرمەننى ئويلاندۇرالايدىغان قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇش يازغۇچىنىڭ ئالاھىدە ماھارىتىنى نامايەن قىلىشنىڭ ئەدەبىي ئەسەردىكى ئاخىرىقى پۇرسىتى ۋە سەھنىسى.

    ئەدەبىي ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا لىرىك ئەسەرلەر بىلەن ئىپىك ئەسەرلەرنى ۋە مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى باشلاش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاشلا ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. لىرىك ۋە ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇنىڭدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ۋە سىيۇژىت يىشىمىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئايرىش مۇمكىن.

    ئىپىك ئەسەرلەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى :

    بىرىنچى خىل ئۇسۇل - ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاخىرىقى يىشىمىنى ئوقۇرمەنگە ئوچۇق تاپشۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇل ئومۇمەن زور كۆپچىلىك ئەسەرلەردە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، يازغۇچى ئەسەردە ئەسەردىكى ۋەقەلىك ياكى ھېسىياتنىڭ يىشىمىنى، مۇۋاپىق خۇلاسىسىنى ياكى ئۆزىنىڭ يەكۈنىنى ئوقۇرمەن بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. بۇ يىشىمنى ئاپتۇر ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن بولىشىمۇ، دەسلىپىدىلا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئومۇمەن ئەسەر ئاخىرىدا، ئوقۇرمەن ئەسەردىن بىر خىل مۇئەييەن ئىنىقلىققا، قانائەتلىنەرلىك بىر يەكۈنگە، بىر پۈتۈنلىككە ئىگە ھېسىي ۋە ئەقلىي تەسىرات خۇلاسىسىگە ئىرىشىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاخىرلاشقان ئەسەرلەردىن تالانتلىق يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ «بەش تال ئوق» ھېكايىسى، ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ «كاككۇك قايتا سايرىغاندا»، «قەشقەر گۈزىلى» ناملىق ئەسەرلىرى، جالالىدىن بەھرامنىڭ «لىيىغان بۇلاق»، «ئامەت ۋە ئاپەت» رومانلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

    ئىككىنچى خىل ئۇسۇل - يازغۇچى ئەسەرنىڭ يىشىمىنى ئومۇمەن ئەسەردە بەدئىي غۇۋالىق ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بولغان بولسىمۇ، ئەسەر ئاخىرىدا ئەتەي ئوچۇق تاپشۇرماسلىق. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاپتۇر ئەسەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە ئەسەر يىشىمىنى، ئەسەر خۇلاسىسىنى گاھى ئوچۇق، گاھى غۇۋا تۈستە سىڭدۈرىۋىتىپ، ئەسەر ئاخىرىدا ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرنىڭ يىشمى، خۇلاسىسىنى ئۆزى ئويلىنىشقا قالدۇرىدۇ. ئوقۇرمەن بىر پۈتۈن ئەسەردىن بىر خىل غۇۋالىق ئىچىدىكى يىشىم خۇلاسىنى ھېس قىلسىمۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزى تاپشۇرغان ئىنىق خۇلاسىسىگە ئىرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئەسەرنىڭ يىشىمى، خۇلاسىسى توغرىلىق ئويلىنىپ، ئۆزى يەكۈن چىقىرىدۇ. بۇ يازغۇچىنىڭ ئۆز ئەسىرىنىڭ ئوقۇرمەندىكى تەسىرىنى، ئويلاندۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى، ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىنىشىغا تاپشۇرۇشتىكى بىر خىل ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ياش يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلىۋىلىش سەنئىتى» رومانى، مۇھەممەد باغراشنىڭ «زەيتۇنە» ناملىق پوۋېستىنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل – بىر پۈتۈن ئەسەردە يىشىمىنى كۈچلۈك غۇۋالاشتۇرۇپ، ئىنىق يىشىمنى تاپشۇرماي ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلدا يازغۇچى بىر پۈتۈن ئەسەرنى ياكى ئەسەرنىڭ يىشىمىنى كۈچلۈك غۇۋالىق ئىچىگە ئىلىپ، ئوقۇرمەنگە ئەسەرنىڭ يىشىمىنى تاپشۇرماي، ئوقۇرمەننى ئەسەرنىڭ يىشىمىنى ئۆزى پەرەز قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل يۇقارقى ئۇسۇلغا ئوخشاپ قالسىمۇ، ئەمما يۇقارقى ئۇسسۇلدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئەسەردىن ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىۋى تەشەببۇسىنى ياكى مۇددىئاسىنى پەرىق قىلماق تەس. ئوقۇرمەنگە قالدۇرۇلغىنى پەقەت بىر خىل كۈچلۈك ھېسىيات ياكى تولىمۇ مۇرەككەپ ئويلىنىش بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇرمەن ئۆزى بۇ ئەسەرنىڭ يىشىمىنى ئويلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئوقۇرمەن ئوخشىمىغان يىشىم چىقىرىش بىلەن بىرگە، ئوخشاش بىر ئوقۇرمەن بىر قانچە قېتىملىق ئوقۇشتىن ئوخشىمىغان خۇلاسە، يىشىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەردىن ياش شائىر ئادىل تۇنيازنىڭ «مازار يۆتكەش»، «ئۆمۈچۈك ناخشىسى» ناملىق داستانلىرىنى، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم»، «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

     ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن يۇقارقى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ  ئۆزگىچە ئۈنۈمى بولۇپ، ئەسەردە ئوقۇرمەنگە بىر خىل ئالاھىدە بوشلۇق قالدۇرۇلغان. ئەسەر ئاخىرلىشىپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىدا ئەسەر تېخى تۈگەللەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەن ئەسەردە قالدۇرۇلغان بوشلۇقتا ئۆزىنىڭ ئىستېتىك ساپاسى، ئىجتىمائىي شارائىتى، ئىددىيىۋى ھېسىياتى، پىسخىلوگىيەلىك ھالىتى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئەسەر توغرىلىق ئويلىنىدۇ ۋە ئۆزى خۇلاسە چىقىرىدۇ.  بۇمۇ يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە ماھارىتى بولۇپ، ئەسەرگە ماس كەلگەن بۇ خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىنى ئاشۇرىدىغان يەنە بىر ۋاستىدىن ئىبارەت. بېراق بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئاخىرلاشتۇرۇش بىز ماقالىمىزنىڭ بېىشدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن «ئەسەرنىڭ يىشىمىدىن باشلاش ئۇسۇلى» بىلەن «يازغۇچى ئەسەرنىڭ يېزىلىش مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشلاش ئۇسۇلى» قوللىنىلغان ئەسەرلەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ئۈچىنچى خىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بولغان «يىشىمنى تاپشۇرماسلىق ئۇسۇلى»غا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئەسەرنىڭ بۇ خىل باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىر-بىرىنى يەكلەيدۇ. مەجبۇرىي ھالدا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئەسەر چۈشىنىكسىز بىر يازمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

    لىرىك ئەسەرلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تۆۋەندىكىچە ئايرىش مۇمكىن :

    بىرىنچى، ئەسەرنى لىرىكا بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. بۇ بىر خىل كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئاپتۇر ئەسەردە باشتىن-ئاخىر بىر خىل كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان لىرىك مىسرالارنى، لىرىك قۇرلارنى يېزىپ، لىرىك ھېسىياتنى ئىزھار قىلىدۇ. ئەسەرمۇ ئاشۇ خىل لىرىكىلىق تۈستە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خىل ئەسەرلەر ئاپتۇردىن كۈچلۈك تەسەۋۋۇر، چوڭقۇر ھاياجان ۋە ئويناق تىل ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇرمەنگە كۈچلۈك لىرىكىلىق كەيپىيات ۋە ھاياجان ئاتا قىلىدۇ. ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى تەسىراتى بولسا ھايات يولىدىكى مۇھاكىمە ۋە پەلسەپىۋى ئويلىنىشلاردىن كۆرە، كۈچلۈك ھېسىي ھاياجان، روھىي زىلزىلە بولغان بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەردىن بىز تىيىپجان ئىلىيوپنىڭ «سېغىنىش»، بۇغدا ئابدۇللانىڭ «ئەسكى يارلىقتا»، قۇربان باراتنىڭ «يىشىل ھايات»، «كەچكۈز لىرىكىسى» قاتارلىق لىرىكىلارنى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قاشتېشىغا مەدھىيە» ناملىق نەسىرىنى مىسال كۆرسىتەلەيمىز.

    ئىككىنچى، ئەسەرنى مۇھاكىمىلىك تۈستە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. گەرچە لىرىك ئەسەرلەردە ھېسىيات ۋە كۈچلۈك ھاياجان ئاساسىي ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن بەزى لىرىكىلىق ئەسەرلەردە، كۈچلۈك ھاياجان بىلەن بىرلەشكەن بىر خىل كىشىلىك ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق، ۋاپا، مېھىر-شەپقەت، قېرىنداشلىق قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىر


    收藏到:Del.icio.us