ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    شائىر بولماق تەس - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     

        
         (مەرھۇم خەلق شائىرى روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ 4 يىللىقى خاتىرىسىگە)
                                ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
    مەن شائىر دىگەن نامنىڭ ئالدىغا ھەرخىل سۈپەتلەرنى قوشۇشتىن بىزار ئىدىم.نىمىشقىدۇر بۇنداق شائىر دىگەن سۆزنىڭ ئالدىغا قوشۇلغان سۈپەت سۆزلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن شائىر دىگەن سۆزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كىتىۋاتامدۇ نىمە ؟بۇنداق كۇرسى چۈشۈشنى شائىرلىقنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇيا ؟دەپ ئويلاپ قالاتتىم. تالانتلىق ،ئوت يۈرەك ،خەلقپەرۋەر ،ۋەتەنپەرۋەر ،ئىمانى ئەركەك ...شائىر دىگەندەك سۈپەتلەرنى ئاڭلىغاندا قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ شائىر دىگەن ئوت يۈرەك بولماي پوق يۈرەك بولامتى،خەلقپەرۋەر ،ۋەتەنپەرۋەر بولماي نىمە بولاتتى، بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى شائىردا بولۇشى كىرەكقۇ،بۇنداق سۈپەتلەرنى شائىر دىگەن سۆزنىڭ ئالدىغا قوشۇپ ئىزاھلاشنىڭ نىمە ھاجىتى ،بۇ بۇرۇتلۇق بىر ئوغۇل بالىنىڭ مەيدىسىگە بۇ ئوغۇل بالا دەپ خەت يېزىپ قويغانغا ئوخشاپ قالامدۇ نىمە ؟دىگۈم كىلەتتى.لېكىن روزى سايىت ھەققىدە بىر خاتىرە يېزىپ قوياي دەپ تۇرغاندا ئىختىيارسىز ئۇنىڭ شائىر دىگەن نامىنىڭ ئالدىغا خەلق دىگەن سۆزنى تىركەپ قويۇپ. قىلغان قىلىقىمغا ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم. شۇنداق قىلغۇم بولمىسىمۇ شائىرلىق ۋەزىيىتىنىڭ قىستىشى مېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىدى.چۈنكى مەن يېقىندىن بۇيان شائىر دىگەن نامنىڭ زور دەرىجىدە پۇچەكلىشىپ ۋەتەننى سۆيمەيدىغان ،خەلقىنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى يوق،يۈرىكىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ كۈلى قالغان ياكى تۇرمۇشنىڭ تىنچ،خاتىرجەم ،دەخلىسىزلىكى ئۈچۈن يۈرىكىدىكى ئوتنى مەجبۇرى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ شائىرلىق  كوچىسىدا ئېزىتقۇدەك ئۇچۇپ يۈرگەن بەزى شائىرلارنىڭ بارلىقىنى سەزگەن،كۆرگەن ئىدىم.دىمەك زەيپانە شائىرلار بولغانىكەن  ئامالسىز ئىمانى ئەركەك دەپ ، ۋەتەننى سۆيمەيدىغان شائىرلار بولغانىكەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر دەپ سۈپەتلىمەي ئامال يوق.مانا شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن روزى سايىتنى ئۆزۈم تونىغان ئەڭ مۇھىم سۈپىتى بويىچە خەلق شائىرى دەپ ئاتىدىم.  
    مەن روزى سايىتنى ئەسەرلىرى ئارقىلىق قاچان تونىغانلىقىم ئېسىمدە يوق،لېكىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنجى ، ئىككىنجى  يىللىقىدا (1987-1988 يىللىرى) روزى سايىتنىڭ يېڭى قاشتېشى جورنىلىدا سان ئارىلاپ ئېلان قىلىنىدىغان شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىم، يادلايدىغانلىقىم ،شائىرنىڭ تىلىدىكى ئويناقلىق، راۋانلىق، قاپىيەسىدىكى ئۆزگىچىلىكنىڭ مېنى بەكمۇ شەيدا قىلىۋالغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەزىدە شائىرنىڭ تىلىغا قاراپ ئۇيغۇر تىلىنى بەكمۇ گۈزەللەشتۈرىۋېتىكەنغۇ كاساپەت دەپ ئويلاپ قالاتتىم، شۇ چاغلاردىن باشلاپ روزى سايىتنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىزچىل دىققەت قىلدىم.كونا ئەسەرلىرىنى ئىزلەپ تېپىپ ئوقۇدۇم، ھەتتا 1989 – يىلى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغاندىمۇ شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى ئۈزۈپ قويمىدىم.ئەينى چاغدا ئالى مەكتەپلەرنى يېڭىچە شېئىرىيەتكە بولغان تەلۋىلەرچە ئىشتىياق قاپلاپ كەتكەن ئىدى ،ھەۋەسكارلار ئۆزىنىڭ زوقلىنالماسلىقى بىلەن كارى يوق شېئىر قانچە مۇرەككەپ ،گۇڭگا بولسا شۇنچە ئېسىل بولىدۇ دەپ قارايتتى.بۇنداق قاراشقا بىر خىل قارغۇلارچە ئەگىشىش خاھىشى قوشۇلۇپ باشقىچە كەيپىيات ھاسىل قىلغان ئىدى،ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتكە بولغان ئىنكار قىلىش خاھىشىدىن بەزى  ھەۋەسكارلار كۆزى ئوچۇق قارغۇغا ،ھىچنىمىنى ياراتمايدىغان ئەشەددىي ئىنكارچىغا  ئايلانغان ئىدى.مەن شۇ يىللاردىمۇ روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى تەرك ئەتمىدىم ،لېكىن كۆڭلۈمدە ئىشتىياقتىن باشقا شائىرنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بېرىپ بېقىش خاھىشىمۇ باش كۆتەرگەن ئىدى.شائىرنىڭ بەزى شېئىرلىرىغا قارىتا باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمىغان تەنقىدىي قاراشلىرىم بار ئىدى.
    1992-
    يىلى كۈز پەسلى ،ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا ئوقۇپ يۈرگەن ،ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدا تۇرغان ،كۆزى سۈزۈلىۋاتقان ھەۋەسكار چاغلىرىم ،ساي يولى بويىغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن دادامنى يوقلىغىلى كەلدىم.دادام بىلەن ياتاقتا بىردەم ھال –مۇڭ بولغاندىن كېيىن باشقارما دەرۋازىسى ئالدىغا چىقتۇق،دەرۋازا ئالدىدا قويۇق خوتەن تەلەپپۇزىدا سۆزلەپ،چاخچاقلىشىپ يۈرگەن ئادەملەر خېلى كۆپ ئىدى، ئاپتوبۇستىن ئەمدى چۈشكەن بەزى يولىچىلارنىڭ چىرايىدا بىر خىل تارتىنىش ،ياتسىراش خاھىشى ئەكىس ئىتەتتى.ئەتراپقا گۇمان بىلەن ئىتتىك –ئىتتىك قاراپ قوياتتى.
    "-
    قارا بالام ،ئاۋۇ كىشى روزى سايىتكەن ،-دىدى بىر چاغدا دادام.
    دادام ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس قىلىپ يۈرگەنلىكىمدىن خەۋەردار بولۇپ ئاندا –ساندا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيتتى.ھەتتا بەزىدە ماڭا  ئاتاپ گېزىت-جورناللارنى مۇشتىرى بولۇپ قوياتتى.دادامنىڭ گېپى بىلەن ئالدىمغا قارىدىم.مەندىن ئۇنچە يىراق بولمىغان بىر جايدا ئىگىز بوي،بۇغداي ئۆڭ ،ئورا كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر كىشى جاراڭلىق ئاۋازدا بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى.ئىلگىرى كىتاب-جورناللاردا روزى سايىتنىڭ  رەسىملىرىنى كۆرگەن بولغاچقا ئالدىمدىكى كىشىنىڭ روزى سايىت ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىم.كۆرمەستىلا ئاچچىقى يامان لېكىن چاخچاق خۇمار بىر كىشىدەك تۇيۇلغان روزى سايىت ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن پەرقسىز بىر ئادەم بولۇپ چىقتى.روزى سايىتمۇ خوتەنگە قايتىش ئۈچۈن ئىش بىجىرىش ئورنىدىكى بىكەتكە كەلگەن ئىدى،ئەينى چاغدا خوتەنگە بارىدىغان ئاپتوبۇسلار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش باشقارمىسىدىن يولغا چىقاتتى. مەن دادام بىلەن روزى سايىتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ،شائىرنى سىنچى نەزەر بىلەن كۈزۈتۈپ تۇردۇم، بىر چاغدا شائىرنىڭ ئۆرە تۇرۇپ پۇتلىرى تالدىمۇ دادام بىلەن مەن تۇرىۋاتقان جايغا كېلىپ زوڭزايدى.دادام بىلەن ئىككىسى كۆرۈشۈپ قويدى ،دادام خوتەننىڭ ئاچچىق مۇخۇركىسىدىن شائىرغا بىر ئورام تەڭلىدى.
    مەن روزى سايىتقا ئەمدى تېخىمۇ يېقىندىن قارىدىم ،ئالدىمدىكى بۇ كىشى ماڭا بەكمۇ تونۇش ئىدى ،ئۇنىڭ نەچچە پارچە شېئىرىنى يادقا بىلەتتىم،شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى لىرىك ئىچكى كەچۈرمىلىرى ئارقىلىق شائىرنىڭ دۇنيا قاراشلىرىدىن خەۋەردار ئىدىم ياكى ئۆزۈمنى خەۋەرداردەك ھىس قىلاتتىم.لېكىن شائىر كىملىكىمنى بىلمەيتتى. مەنمۇ شائىر كىملىكىمنى بىلگۈدەك ،بىلىشكە ئىنتىلگۈدەك ئىش قىلىپ باقمىغان ئىدىم.لېكىن شائىر بىلەن مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۇچراشقىنىمدىن ،شائىرنىڭ ماڭا بەكمۇ تونۇش ،مېنىڭ شائىرغا بەكمۇ ناتونۇشلىقىمدىن ئىچىمدە ئۈستۈنلۈك ھىس قىلاتتىم. بىرەر –ئىككى يىلدىن بۇيان شائىرنىڭ ئادەمنىڭ ئېغىزىدا تەمى قالغۇدەك بىرەر شېئىرىنى ئوقۇمىغاچقىمۇ  ۋە ياكى ئالى مەكتەپلەردە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئىنكارچىلىق خاھىشى ماڭا مەلۇم دەرىجىدە  تونۇشۇمغا تەسىر كۆرسىتىپ شائىرنىڭ شېئىرلىرى كۆزلىرىمگە ئاددىي كۆرۈنۈپ قالغاچقىمۇ گەپ كوچىلىدىم:
    روزىكا ،يېقىندىن بۇيان شېئىرلىرىڭىزنى كەم كۆرىۋاتىمىزغۇ ؟-
    بۇ گېپىمگە تۈزۈكرەك ئەسەرلىرىڭىز چىقمايۋاتىدۇ دىگەن تەنقىد يوشۇرۇنغان ئىدى. لېكىن روزى سايىت ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماي جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن جاۋاپ بەردى:
    ,
    كۆرمىگەن ئوخشايسىز، پالانى ،پۇكۇنى ئەسەرلىرىم  ++ جورنالدا ئېلان قىلىندى.
    شائىر پەخىرلەنگەن ھالدا بىر يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى پۈتۈنلەي ساناپ چىقتى. مەن گەپ قىلالماي قالدىم. شائىرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ماڭا ئۆزگىچە تەسىر بەردى.شائىرنى شېئىرلىرىغا سۈپەت تەلىپى قويمامدۇ نىمە ؟دىگەن خىيال كۆڭلۈمدىن كەچتى.لېكىن ئويلىغانلىرىمنى دىيەلمىدىم.بۇ خىياللار كاللامدا گۇمان پېتى قالدى. ئۇ چاغلاردا گۇمانخور ئەمەس ئىدىم،گۇمان قىلساممۇ ئۆزىگە ئىشىنەلمەيدىغان ئادەمدەك گۇمانىمنىڭ توغرا –خاتالىقىنى دەلىللەشكە پېتىنالمايتتىم.
     شۇندىن كېيىن شائىرنى خېلى ئۇزاققىچە ئۇچراتمىدىم،لېكىن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل ئوقۇپ تۇردۇم.شائىرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇستازلىرىدىن بىرى دەيدىغان قارىشىمدىن زادى تەۋرىنىپ باقمىدىم. ئىدىئىيىۋى نوقتىدىن ماڭا ناچار تەسىر بەرگەن شېئىرلىرىنىڭ تىلىمۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىچىلىك تۈپەيلىدىن كەيپىياتىمدىكى ناچار تۇيغۇنى تارىتىپ تاشلايتتى.
    روزى سايىتنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ شۇنچىلىك موللىقى ،كۈلكە-چاخچاققا ئامراق ،ئادەمگە ئازاپلانمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ،ئەتراپىدىن كۈلكە-چاخچاق ئۈزۈلمەيدىغان ئالاھىدىلىكى كەينىگە يوشۇرۇنغان يەنە بىر دۇنيا مېنى ھەيران قالدۇردى.
    روزى سايىت بىلەن تولۇق تونۇشقان ۋاقتىم 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىدى.شۇ چاغلاردا مەن ئېلان قىلغان بەزى ئەسەرلىرىمنىڭ شاپائىتى بىلەن كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغان ئىدىم. بىر كۈنى كەچتە بىر ئولتۇرۇشتا بىللە بولدۇق.شائىر شېئىر ئوقۇپ .چاخچاق قىلىپ بىردەمدىلا سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋەتتى.سورۇندىكىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە شائىر ئارقا –ئارقىدىن شېئىر ئوقۇدى. شائىرنىڭ سورۇندا ئوقۇغان شېئىرلىرى بىلەن ئېلان قىلغان شېئىرلىرىدا خېلى زور پەرق باردەك قىلاتتى.شېئىر سورۇندا شېئىر ئوقۇسا بېشى ئاغرىيدىغانلاردىن تارتىپ تەسىر قىلغان بولسا كىرەك يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن شېئىر دىگەننىڭ بۇنچىلىك كۈچى بارلىقىنى ئەجەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمىنا دەپ غۇدۇراپ قويدى.ئەتىسى چۈشتە بولسىمۇ بىر داستىخاندا تاماق يەرمىز دەپ شائىرغا تېلىپون قىلدىم.چۈنكى شائىرنىڭ كەچلىك سورۇنلرىنىڭ نەچچە كۈنگىچە ئىگىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىم بار ئىدى.شائىر تېلىپون قىلغىنىمدىن ناھايىتى سۆيۈندى.مەن بىلەن ئايرىم مۇڭدىشىش خىيالى بارمۇ مېنى جەنۇبى قوۋۇقتىكى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ مېھمانخانىسىدىكى ياتىقىغا تەكلىپ قىلدى.مەن  ناھايىتى ئالدىرىغان ھالدا تاكسىغا چۈشۈپ شائىرنىڭ ياتىقىغا كەلدىم. شائىر ياتاقتا يالغۇز ئىدى، قارىغاندا مېنى يالغۇز پاراڭلىشىشقا ساقلاۋاتقان بولسا كىرەك.ئىككىمىز ناھايىتى ئۇزۇن كۆرۈشمىگەن قەدىناسلاردەك كۆرۈشۈپ كەتتۇق.لېكىن شائىرنىڭ چىرايى ئاخشامقى سورۇندىكىدەك خوشال ئەمەس ئىدى،ئورا كۆزلىرىدىن چوڭقۇر ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى.مەن شائىرنى بۇ قىياپەتتە كۆرۈپ ھەيران قالدىم.چۈنكى مەن ئىلگىرى شائىر بىلەن بىرنەچچە سورۇندا ئۇچراشقان ،بىر سورۇندا شائىرنىڭ چاخچاق سادالىرى ئىچىدە شائىر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم.تېخى بۇنداق تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى نەچچە ئايلا بولغان ئىدى.شۇ جەرياندا نىمەدىگەن خوشال ،غەمسىز ئادەم بۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن بۈگۈن شائىرنىڭ كەيپىياتى باشقىچە غەمكىن ئىدى،شائىر نىمە خىيال قىلىۋاتقانلىقىمنى سەزدىمۇ دەرھال چاخچاق قىلىشقا باشلىدى.بىز بىردەم چاخچاق قىلىشقاندىن كېيىن ھەر كۈنى كەچتە بولىۋاتقان سورۇنلاردىن چارچىغانلىقىنى،شۇڭا مەن بىلەن پاراڭلاشقاچ ئارام ئالغۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى،بۇ گەپ ماڭىمۇ خوش ياقتى،چۈنكى تاماق يىگەچ تالاغا چىقىپ پاراڭلىشايلى دىسەكلا يولدا نەچچە ئادەمنىڭ شائىرنى گەپكە تۇتىشى ،ھەتتا بىللە تاماق يىگىلى كىرىشى مۈمكىن ئىدى.مەن بۇنداق ئەھۋالنى ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم ئۇچراتقان ئىدىم. ئەينى چاغلاردا شائىر ‹‹دېھقان بولماق تەس›› قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىلەن خەلق قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ،خەلق راس سۆزلەشكە ،ئۆزلىرىنىڭ دەرد،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چىنلىق بىلەن بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان بۇ شائىرنى ھۆرمەت تەختىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قىسمىدا كۆتۈرگەن چاغلار ئىدى.شائىرنى كۆرگىسى ،مۇڭداشقۇسى بارلار، شائىرغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىشنى ئارزۇلاپ يۈرگەنلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى.ھەتتا 1996 –يىلى يازدا گۇما ناھىيەسىنىڭ قاراتاغىز دېھقانچىلىق مەيدانىغا بىر ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن  بېرىپ بىر كۈن تۇرۇپ قالغاندا زاكۇ بېشىدا سۇ ساقلاۋاتقان بىر نەچچە دېھقاننىڭ تاڭ سەھەردە زاكۇ بېشىدىكى توپىدا جۇۋىغا يېپىنىپ  يېتىپ كىسەك ئۈنئالغۇدىن غاجىلداپ چىقىۋاتقان، ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئاۋازى بىلەن ئوقۇغان  ‹‹دېھقان بولماق تەس ›› ناملىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئاڭلاپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.
    شائىر چاخچاقتىن كىيىن خوتەننىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى،پۇقرانىڭ كۈنى ھەققىدە بىردەم سۆزلىدى. چاخچاق قىلغان چاغدا خوشاللىقتىن تۈرۈلۈپ كىتىدىغان چىرايى جەنۇپ خەلقىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلىگەندە كەسكىن تۈس ئالدى. شائىرنىڭ كۆزلىرىنىڭ مۇڭغا پاتقانلىقىنى كۆرۈپ شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹جەنۇپقا خەت ›› دىگەن شېئىرىنىڭ ‹‹ئەي جەنۇپ،دەردمەن جەنۇپ ،ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇپ ››مىسرالىرى ئېسىمگە چۈشتى. بەلكىم شائىر ھايات بولغان بولسا ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات خەلقنىڭ ئىككى مىليۇن 50 مىڭ پەرزەنتىنىڭ كىتاب پۇلىنىڭ كۆتىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان،يەرلىك چېكىدىن ئاشقان ھاشارلارنى توسۇش ھەققىدە تەدبىر قوللانغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسا قانداق خوشال بولۇپ كىتەر ئىدى-ھە.
     
    شائىر پاراڭ ئاخىرىدا شېئىر ئارقىلىق مۇڭدىشايلى دىگەندەك يېنىدىن ئايرىمايدىغان قويۇن دەپتىرىنى چىقىرىپ شېئىر ئوقۇشقا باشلىدى.مەن شائىرنىڭ قويۇن دەپتىرىدىكى شېئىرلاردىن ئاستا-ئاستا يېڭى روزى سايىتنى كۆرۈۋېلىشقا باشلىدىم. شائىرنىڭ قەلبىمدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈيۈك ئۇستىسى دىگەن ئوبرازىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردلىرىنى شائىرلىق ۋىجدانى بىلەن دادىل كۈيلەشكە پېتىنغان ئوت يۈرەك دىگەن سۈپەت قېتىلدى.9 دەپتەردىكى شېئىرلارنىڭ زور كۆپىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشقا بولمايتتى. بەزى شېئىرلار بىرەر سورۇندا ،نەق  مەيداندا توقۇلغان بولسا كىرەك،شېئىردىن ھازىرجاۋاپلىق،يۇمۇر چىقىپ تۇراتتى، بەزى شېئىرلار  شۇنچىلىك گۈزەل ئەمما تىل نوقتىسىدىن بەدىۋىي ئىدى.بەزى شېئىرلارنىڭ جەمىيەتتىكى سوغىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن جىلىخور بولۇپ قالغان ،زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، پارتىيە دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى قوغدىغان بولىۋېلىپ پارتىيە- دۆلەتنىڭ  تەنقىدسۆيەر،تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدنى خىزمەت مىزانى قىلغان خەلىقپەرۋەر ئوبرازىنى تەنقىدتتىن قورقىدىغان ،تەنقىدكە يۈزلىنەلمەيدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ  قويۇۋاتقان،تەنقىدتتىن ئۆلگىدەك قورقىدىغان  ساختا ئالىجاناپ كىشىلەرگە ياقمايتتى.شائىر مانا مۇشۇنداق شېئىرلارنى ئوقۇغاندا ئادەم تەسۋىرلىگۈسىز چوڭقۇر  ھەسرەتكە غەرق بولاتتى.ئادەم شائىرنىڭ ھەسرەتلىنىۋاتقان تۇرقىغا قاراپ بۇ ئادەممۇ ئازاپلىنىدىكىنە دەپ ئويلاپ قالاتتى. شائىرنىڭ ئۆتكۈر تەنقىد تۈسىنى ئالغان شېئىرلارنى ئوقۇغان چاغدىكى كۆزلىرىگە قارىسىڭىز كۆڭلىڭىزدە  شائىر مەدھىيلەش ئورنىغا  تەنقىد قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئازاپلىنىۋاتامدۇ ياكى تەنقىد قىلىشقا مەجۇرلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئامىللاردىن ھەسرەتلىنىۋاتامدۇ نىمە دىگەن خىيال پەيدا بولاتتى.شائىر مۇشۇ چاغلاردا بىر ئوتقا ئايلانغان، شائىرلىق ۋىجدانى شائىرغا خەلق يىغلىسا تەڭ يىغلايدىغان،خەلق كۈلسە تەڭ كۈلىدىغان بىر خۇسۇسىيەتنى ئاتا قىلغان ئىدى.بەزىدە مەن شائىر ھەققىدە خىيال سۈرگەندە شائىر بىلەن بىللە بولغان شۇ كۈنلەرنى ئويلاپ شائىر گىرىپتار بولغان راك كىسىلىنى كۆز تىگىشمۇ يا دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ھەتتا شائىرنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۈرۈمچىگە يەتكەندە شائىرغا كۆز تەگدى،ۋىجدانلىق شائىرلىرىنى بەكمۇ ئەزىزلەيدىغان بۇ خەلققە كۆز تەگدى دەپ ئويلىغان ئىدىم. 

    شائىر ئىرا ئاتلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،2000-يىلى كۈزدە بىر قېتىم شىنخۇئا جەنۇبى يولى 41- قورادىكى ناھايىتى كونا بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى پولىنى ئوبدانراق دەسسىسە يۈرەكنى بىرقىسما قىلىپ مىدىراپ كىتىدىغان،كونىلىقىدىن تۇرىسى ئادەتتىكى كۈننۇرلۇق لامپىنىڭ جازىسىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان ئۆيۈمدە خوتەننىڭ ئەللامىلىق مۇقامىغا يەتكەن تەۋەررۇك ئادەملىرىدىن بىرى بولغان  تارىخچى  ئابدۇقادىر تۇرسۇن بىلەن بىرگە مېھمان بولغان ئىدى.
      چاي ئىچكەچ پاراڭغا چۈشتۇق، ئابدۇقادىركامنىڭ قىزىقارلىق بايانلىرى بىلەن روزى سايىتنىڭ ھەزىللىرى ئۆيۈمنى جانلاندۇردى. بىز ئەدەبىياتتىن پاراڭ باشلاپ، تارىخ ،كەلگۈسى،دۇنيا ھەققىدە يۈرەككە ئىلھام  بېرىدىغان تەلقىنلەرنى قىلىشقان ئىدۇق، روزى سايىت شۇ چاغدا كۈنلەرنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇپ كىتىدىغانلىقى ، تېخى بۇنىڭدىنمۇ قۇتلۇق،ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ئالدىمىزدا ئىكەنلىكى ،شۇ كۈنلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىدا بولغانلىقىنى لوگىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن دەلىللىگەن ئىدى.  
    كەچتە پاراڭغا قېنىشماي خوشلاشتۇق ،مەن شائىرغا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ‹‹قىز پەسلى ›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىمنى سوۋغا قىلدىم.شائىر توپلامنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ۋاراقلاپ كۆرگەندىن كىيىن كىتابتىن يەنە بىرنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى،مەن باشقا ھىچقانداق ئىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەي كىتابىنى يەنە بىرنى شائىرغا تۇتقازدىم.
    -
    توپلىمىڭىزنىڭ ئاق قالغان يەرلىرى بەكمۇ جىقكەن،-دىدى شائىر چاخچاق قىلغاچ –شۇ يەرلىرىگە شېئىرلىرىڭىز ،ئۆزىڭىز ھىققىدىكى تەسىراتلىرىمنى شېئىر قىلىپ  يېزىپ قوياي ،خوتەنگە بارغاندا ياندۇرۇپ بېرىمەن،مەندىن خاتىرە بوپ قالار
          شۇ چاغدا شائىرنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن.ئىككى كۈندىن كېيىن شائىر بىلەن مېھمانخانا ياتىقىدا ئۇچراشقاندا شائىرنىڭ نىمە قىلماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندىم. شائىرنىڭ قولىدا بىر مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرىنىڭ قاتتىق مۇقاۋىلىق توپلىمى تۇراتتى.توپلامنىڭ شېئىر يېزىپ ئاشقان گىرۋەكلىرىدىكى بوش يەرلەرگە شائىر ناھايىتى تۈجۈبىلەپ شېئىر يېزىپ چىققان  ئىدى.بەزى شېئىرلارنى توپلام ئىگىسىنىڭ شېئىرىغا يازغان شېئىرى ئوبزور دەپ قاراشقا بولسا بەزى شېئىرلارنى شۇ شېئىرغا يېزىلغان تەقرىز دىيىشكە بولاتتى.بەزى شېئىرلار ئەسلى توپلامدىكى شائىرنىڭ ئىلھامى ئاستىدا يېڭىچە پىكىر بىلەن ئەسلى شېئىرنىڭ بالاغىتىگە تەڭلەشتۈرۈپ يېزىلغان يېڭى پىكىردىكى بىر پارچە شېئىر ئىدى.مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم .شائىرنىڭ بۇنداق شېئىر يېزىش ئۇسلۇبى مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شائىرنىڭ شېئىر يېزىشىدىكى تىزلىك بولۇپ قالماي(چۈنكى بىر توپلامدىكى شېئىرلارنى قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدا يېزىپ چىققاندەك قىلاتتى، مەن شېئىرلارنىڭ يېزىلغان ۋاقتىدىن بۇ نوقتىنى ھىس قىلغان ئىدىم) شائىرنىڭ سەزگۈرلىكى ،دادىللىقى ئىدى.ناچادا توپلام ئەنە شۇنداق ھالدا قايتا نەشىر قىلىنىپ قالسا ھەتتا ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە يېڭى  مۇنازىرە دولقۇنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن ئىدى.مەن ئىلگىرى تەقلىد، تەخمىسلەرنى ئوقۇغان ،لېكىن بۇ خىل ئۆزگىچە شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىنى كۆرۈپ  باقمىغان ئىدىم، گەرچە توپلامنىڭ گىرۋەكلىرىگە يېزىلغان بۇ شېئىرلار مۇستەقىل شېئىر بولسىمۇ ،ئۇلارنى مۇستەقىل نەشىر قىلسىمۇ روزى سايىتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شېئىرلىرى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى يىراق بولمىسىمۇ شېئىرلارنى ئەسلىدىكى توپلامنىڭ شېئىرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ياكى شائىرنىڭ يازغان پېتى- پاراللىل قويۇپ نەشىر قىلغىلى بولسا  باشقىچە شېئىرى ئۈنۈم پەيدا بولاتتى
      مەن ئۆيۈمدىكى سۆھبەت بىلەن  بۇ يېڭىچە توپلامنى كۆرۈپ شائىردىكى يېڭى بىر ھالەتنى-پىكىر ۋە دۇنيانى كۈزۈتۈشتىكى يېڭى پىشىپ يىتىلىشنى بايقىغاندەك بولدۇم.شائىر قازا قىلىپ بىر نەچچە يىلغىچە شۇ چاغدىكى پاراڭلار ، ئەسلىدىكى شېئىرنىڭ يېنىدىكى بوش يەرگە سۇۋارى يېڭى شېئىر يېزىلغان توپلام زادى ئېسىمدىن چىقمىدى. بۇ شائىرنىڭ  مەن قاتارلىق بىر نەچچە ئادەم بىلىدىغان  ئىجادىيەت مەخپىيىتى بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇ توپلام روزى سايىت ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر مەلۇم دەرىجىدە چاڭ باسقان بىر  كۈنلەردە بىر يەردىن تېپىلىپ ئېلان قىلىنىپ قالسا  قايتىدىن روزى سايىت قىزغىنلىقى،روزى سايىتقا قايتىدىن ئەستايىدىل باھا بېرىش قىزغىنلىقى  قوزغايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ.
    بىر قارىماققا ئۆلۈم ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، بەلكىم تۈزۈكرەك ياشىيالماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانماسلىق ئەنە شۇنداق قورقۇنۇچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاندۇ.لېكىن ئۆلۈمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆلۈم ئۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق بولمىسا كىرەك ،مەن روزى سايىتنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ھالىتىدىن مۇشۇ نوقتىنى ھىس قىلغان ئىدىم.

    روزى سايىتنىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى شۇنچىلىك تاسادىپى ئېنىقلاندىكى شائىر كىسەل تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مەن بىلەن بىر قورۇدا تۇرىدىغان چىرا دىيارىدىن چىققان يىتۈك زىيالى ،شىنجاڭ تېلىۋىزيە ئونۋىرسىتىنىڭ ئىلمىي جورنىلىنىڭ تەھرىرى روزىمۇھەممەت ئاكام ئارقىلىق روزى سايىتنىڭ قورۇغا كېلىپ ،مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىدە بولۇپ يانغانلىقىنى ئاڭلاپ ،تۇرمۇشنىڭ قاتىلاڭچىلىقى ئىچىدە شائىرنى چۈشكۈنىدىن ئىزدەپ بولغۇچە  بولغان ئارىلىقتا يەنە شۇ روزىمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئاغزىدىن روزى سايىتنىڭ ئۆپكە كىسىلى  دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قالغانلىقىدىن ،ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بۇ خەۋەر ماڭا شۇنچىلىك تۇيۇقسىز تەسىر قىلدى. ئادەم تۇغۇلغان ئىكەن ئۆلىدۇ،لېكىن مەن روزى سايىتتىن ئىبارەت بىر شائىرنىڭ راستىن ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئىشەنگۈم كەلمىدى.بۇ خەۋەردىن خەۋەر تاپقان بىر نەچچە ئەدەبىيات ھەۋەسكارى دوختۇرغانىغا كېلىپ ھاڭ-تاڭ قالدۇق، شائىر گۈلگە تولغان كىسەلخانىدا (روزى سايىتنىڭ يوقلىغۇچىلار شائىرنىڭ ياتىقىنى گۈلگە كۆمۈۋەتكەن ئىدى)شائىر ئۆزىنىڭ كىسىلىدىن خەۋەرسىزدەك چاخچاق قىلىپ ياتاتتى. لېكىن مەن شائىرنىڭ كۆزلىرىدىن چوڭقۇر بىر ھەسرەتنى كۆردۈم .شائىر بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندەك قىلساقمۇ پارىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى پىستان چاقاتتى. بىز كىسەلخانىدا بەش مىنۇت ئولتۇرۇپ بولغۇچە ياتاقنى يەنە يوقلاپ كەلگۈچىلەر باستى ،بىز تەبىئىيلا لىققىدە بولۇپ قالغان كىسەلخانىنى بوشۇتۇپ سىرتقا چىقتۇق، خوشلىشىشىمىز ئاداققى خوشلىشىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.ناھايىتى ئاز پاراڭلاشتۇق.ئەدەبىياتقا مۇھەببىتى بار بۇ دوستلارنى  روزى سايىتنىڭ تەقدىرى كەمسۆز قىلىپ تاشلىغان ئىدى.
    2001-
    يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر ئاپتۇبۇس ئەدەبىيات ئاشىنالىرى-ئەڭ چوڭى تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر تۇردى قاتارلىق ئاقساقاللاردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكى ماڭا قەدەر 30  نەچچە ئادەم تالانتلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا  خان تەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق.ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدە يىغىنغا قاتنىشىش  ئويىدىن باشقا روزى سايىت بىلەن دىدارلىشىۋېلىش ئىستىكىمۇ بار ئىدى،ئاپتونۇم رايۇننىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىپلەر توپ-توپ بولۇپ روزى سايىتنى يوقلىدى،مەن ئاپتۇبۇستىن لوپ ناھىيىسىدىلا چۈشۈپ قالغاچقا  شۇ كۈنى كەچتە روزى سايىتنى يوقلىيالمىدىم، ئەتىسى يىغىن باشلاندى ۋە روزى سايىت كۆپچىلىك بىلەن دىدارلاشقىلى كەلگەندە شائىرنىڭ ئورۇقلاپ بىر تىرە ،بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان قوللىرىنى سىقىش، خوندەك ئۈرۈكتەك سارغىيىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.شائىرنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىميۇ نىمىدۇر قەلبىمگە تەسىر قىلىپ كۆزۈمنى ئەپقاچتىم،كۆرۈشۈش نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەدىپلەر كۆپ بولغاچقا بىرەر ئېغىز پاراڭلىشالمىدۇق.ھاياتقا ئىنتايىن چوڭقۇر  مۇھەببىتى  بار شائىرنىڭ ساقايماس كىسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقى تۇرقىدىن بىلىنىپ تۇراتتى، شائىرنىڭ ئۆيۈمدە دىگەن  تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرنى كۆرۈش ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك پاراڭلىرى ئېسىمگە چۈشتى. شائىرنىڭ يېنىدىن يىراقلاپ كەتتىم، قەلبىمنى بىر خىل بىئاراملىق بېسىۋالدى.
    يىغىن تۈگەپ ئۈرۈمچىگە ياندىم . لېكىن يېنىشىمدا باشقا شائىر –يازغۇچىلاردەك روزى سايىت بىلەن خوشلاشمىدىم. نىمىشقىدۇر خوشلاشقۇم كەلمىدى. ناۋادا يەنە بىر قېتىم خوتەنگە كەلسەم ياكى شائىر ئۈرۈمچىگە بارسا  يەنە كۆرۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىمىز  بولغان بولسا شائىر بىلەن خوشلاشقان بولاتتىم، لېكىن ئۇ دۇنياغا  كىتىشكە ئازلا قالغان بىر ئادەمگە قاراپ خوش دىيىشكە يۈرىكىم چىدىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئاستا ئۈرۈمچىگە قاراپ تىكىۋەتتىم.بەلكىم خوشلاشماسلىقنىڭ ھەر ئىككىلىمىزگە پايدىسى باردۇر...خوشلىشىش ئازاپىدا قىينالماسمىز.
    ئەمدى سۆزلەيدىغىنىم ئىبراھىم خالۋاي ئاقساقالنىڭ روزى سايىت ھەققىدە سۆزلىگەن ھىكايىسى.بۇ ئاڭلىغان ھىكايە بولغاچقا بېشىدىن كەچۈرگەن ئادەم سۆزلىگەندەك تەسىرلىك سۆزلىيەلمەسلىكىم مۈمكىن.شۇنداقتىمۇ بۇ ھىكايە روزى سايىت ھەققىدىكى مەن بىلىدىغان ،ئېيتىلىپ قالسا روزى سايىتنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى مەنىلىك ھىكايىلەر توپلىمىغا قېتىلىپ قېلىشى مۈمكىن بولغان ھىكايە بولغاچقا دادىللىق بىلەن بايان قىلىش قارارىغا كەلدىم. )
    ئىبراھىم خالۋاي چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ،گەۋدىلىك، سالاپەتلىك، قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتى ،شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان،خوش چاقچاق ، ھاياتتىن ۋايىغا يەتكۈچە زوقلىنىپ ياشايدىغان،ئۆتكۈر پىكىرلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئاقساقال ئىدى.
    ئۇ كىشى خوتەن شەھرىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا دېھقان بولۇپ كەتكەن 30 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان روزى سايىتنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ بۈگۈنكىدەك داڭلىق شائىر بولۇپ كىتىشىگە  يول ئېچىپ بەرگەن ئىكەن. مەن بۇھەقتىكى ئۇچۇرنى ئەدىپ نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ بىر يازمىسىدىمۇ كۆرگەن،بىر سورۇندا روزى سايىتنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم. 
    -
    بىر كۈنى روزى سايىتنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم،-دىدى ماڭا ئىبراھىم ئاقساقال پاراڭ سېلىپ بېرىپ-خېتىدە شائىر ماڭا ئۇزۇندىن ئۇزۇن سالام يوللاپ ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ.(مەن بۇ يەردە سەھىپە ئېھتىياجىدىن ئىبراھىم ئاقساقالنىڭ گېپىنى مەلۇم دەرىجىدە قىسقارتتىم)سىلىنىڭ ياخشىلىقلىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىم ،ئادەم ئەنە شۇنداق مەلۇم سەۋەپ ،مەلۇم ئادەملەرنىڭ ياردىمۇ تۈپەيلىدىن ھاياتتا يېڭى يول تېپىپ ،يېڭى ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ قالىدىكەن.شۇڭا سىلىنىڭ ياخشىلىقلىرىغا تۈگىمەس مىننەتدارلىقىم بار.لېكىن بۇ مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزۈشكە،ياخشلىقلىرىنى قايتۇرۇشقا پۇرسەت بولمىدى. بىزدە ۋاپاغا جاپا،ياخشلىققا يامانلىق  دىگەن بىر گەپ بار. ئويلاپ بېقىپ تۇيۇقسىز ياخشىلىقلىرىنى ياندۇرالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنمەس بولدۇم.چۈنكى مەن سىلىنىڭ ياخشىلىقلىرىغا  ھازىرغا قەدەر ياخشىلىققا يامانلىق دىگەن ھىكمەتنىڭ روھى بويىچە بىرەر يامانلىق ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرماپتىمەن ھەم  بۇندىن كېيىن شۇنداق قىلىش ئويۇممۇ يوق .دىمەك بۈگۈنكىدەك يامانلىق قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ياخشىلىق بولۇپ تۇيۇلىدىغان  كۈندە بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ياخشىلىقلىرىغا ئاللىقاچان جاۋاپ ياندۇرۇپ بوپتىمەن.بۇگەپنى كۆرۈپ شائىرنىڭ چاخچىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم.
    "
    ئىبراھىم ئاقساقالنىڭ بۇ ھىكايىسى مېنىمۇ سۆيۈندۈردى.مەن بىر نەچچە قېتىم ئىبراھىم ئاقساقالدىن روزى سايىتنىڭ شۇ سالام خېتىنى سۈرۈشتۈردۈم.ئىبراھىم ئاقساقال خەتنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەپسۇسلاندى.مەنمۇ شۇنداق ئەپسۇسلاندىم، ھەتتا مۇشۇ سالام خەتنىمۇ مەزمۇنىدىن قارىغاندا روزى سايىتنىڭ ئېسىل بىر پارچە ئەسىرى دىيىشكىمۇ  بولاتتى.;  روزى سايىت ۋاپاتىغا يىل ھىسابىدا تۆت يىل توشاي دىگەن بۇ  ئەتىياز ۋۇجۇدۇم قۇرغاق ھىسىيات ئىلكىدە نىمە قىلىشنى بىلمەي قىلغان تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە روزى سايىت ھەققىدىكى بۇ خاتىرىلەر ئاستا-ئاستا كاللامدىن ئۆتتى.ئۆز پېتى خاتىرلەپ قويدۇم.
    2005-
    يىلى مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېزىلىپ ئاپرىلنىڭ ئىككىنجى كۈنى شەنبە كەچتە تاماملاندى.

     مەنبە : بەرقى مۇنبىرى

    分享到: