ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رولى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    مەمەت ئېلى ئابلەت

     

     

    ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ داۋامى، كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلارنىڭ بىلىش، چۈشىنىش قابىلىيىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان، بالىلارغا خاس تەسەۋۋۇر، خىيال، مۇبالىغە ۋە ئوي- پىكىرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بالىلار چۆچەكلىرى بالىلار ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەڭ بورۇن شەكىللەنگەن ژانىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى باشقا ژانىرلارغا ئوخشاش، خەلق ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەت كەڭ تارقىلىپ كەلگەن قەدىمكى مۇھىم ژانىرلارنىڭ بىرى.

     

    بالىلار قوشاقلىرى ۋە شېئىرلىرى، بالىلار ھېكايىلىرى ۋە قىسسىلىرى، بالىلار تىياتىرلىرى ۋە مەسەللىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان، شۇنداقلا بالىلار ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئۇنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان بالىلار چۆچەكلىرى ئەلمىساقتىن بۇيان بالىلار ياقتۇرۇپ ۋە ئاڭلاپ كەلگەن مۇھىم بىر ئەدەبىي ژانىردۇر.

    «بالىلار چۆچەكلىرى ئىسمىدىن مەلۇمكى، مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن يارىتىلغان چۆچەكلەردۇر. ئۇ ھەرقانداق مىللەتنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىدا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەدەبىي شەكىل. ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىمۇ بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەممىدىن بورۇن باشلانغان.»1

    ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىكىر- خىيالى، قىزىقىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا لايىقلىشىپ، ئۇلارغا قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ، ئۆز سېھرىي- مەنالىرى بىلەن بالىلارنى تەربىيىلەش مەقسىتىگە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرىمۇ پېرسوناژ- ۋەقەلىرىنىڭ بالىلارچە تەسەۋۋۇر- تەپەككۇر قاتلىمىغا ئىگە بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوي- پىكرىنى ئۇلغايتىپ، خىيال ۋە تەسەۋۋۇرىنى گۈزەل قاناتقا ئىگە قېلىدىغانلىقى، ئەقلىنى ئېچىپ زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغانلىقى، سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ئىنكاسىنى تىزلىتىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتىمىز ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.

    بىز بالىلار ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتىپ ئۇنى گۈللەندۈرىۋاتقان بالىلار چۆچەكلىرىمىزنى تىلغا ئالغىنىمىزدا «چىن تۆمۈر باتۇر»، «ئۇر توقماق» قا ئوخشاش ئەجدادلىرىمىز، ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئىجاد قىلىپ بەرگەن بالىلار چۆچەكلىرى ۋە مۇھەممەد روزى يارقىن، ئابدۇراخمان ئەبەي، ماخمۇتجان ئىسلام، توختاش بەكرى، زامانىدىن پاكزات... قاتارلىقلارغا ئوخشاش بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى، ئىستىقبالىنى ئويلاشنى ئىنسانىي بۇرچ دەپ بىلگەن تۆھپىكار ئۇستازلار تۈزگەن بالىلارنىڭ شېئىرلىرى ۋە نەسرىي چۆچەكلىرى كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئەخمەتجان قۇربان سابىرىمۇ دەل ئەنە شۇ تۆھپىكار ئۇستازلارغا، پەرزەنت سۆيەر ئاتىلارغا، مىللەتپەرۋەر زاتلارغا ئوخشاش، دىلىغا ھەر ۋاقىت كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارى بولغان بالىلارنى پۈككەن، بالىلار ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى.

    شائىر، يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 1960- يىلى قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھەربىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1983- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەممىلا ژانىرىدا ئەسەر يازغان بولۇپ، كۆپلىگەن شېئىر، ناخشا تېكىستى، ھېكايە، پوۋېست، مەسەل- چۆچەكلەرنى ئېلان قىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۆز زېھنى- قۇۋۋىتىنى بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە بېغىشلاپ، بالىلار ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى.

    بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلدۇرغان «كالتە قۇيرۇق چاشقان»، «بالىلار يۇمۇرلىرى»، «بالىلار چاقچاقلىرى»، «تونۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر»(3قىسىم)، «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە رەسىملىك بالىلار تېپىشماقلىرى»(5قىسىم)، « ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە قىزىقارلىق سوئال- جاۋابلار»(10قىسىم)، «ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى»(6قىسىم) ۋە 5 قىسىملىق «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى» قاتارلىق بىر قاتار بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى يازغۇچىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى سېپىدىكى بالىلار ئۈچۈن قىلغان ئەمگىكىنىڭ سەمەرىسى.

    بولۇپمۇ ئۇنىڭ 5 قىسىملىق «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى» توپلىمىدىكى چۆچەكلەر بالىلارنىڭ پسىخىكىسىغا ناھايىتى ماسلاشقان بولۇپ، بۇ چۆچەكلەرنىڭ ھازىرقى زامان پۇرىقى كۈچلۈك. بەزى چۆچەكلەر ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن چۆچەكلىرىدە ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ھاياتى ماھىرلىق بىلەن بايان قىلىنغان. قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ مەيلى شېئىرى چۆچەكلىرى ياكى نەسرىي چۆچەكلىرى بولسۇن، تىل جەھەتتە يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق، چۈچۈك ۋە رىتىمدارلىققا ئىگە. ئۇنىڭ كۆپلىگەن چۆچەكلىرى بالىلار ياشاۋاتقان رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ چۆچەكلەر ۋەقەلىكلىرى، پېرسوناژلىرى ۋە تىل تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بالىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئىگە قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىپ، ئەقىل بۇلىقىنى ئۇلغايتىدۇ، تىلىنى تاۋلايدۇ.

    چۆچەكلەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور بولۇپ، «دۇنيادا ئىبرەت بولمايدىغان ھېچ نەرسە يوق، ئۆزىدە دىداكتىك ئىبرەت ۋاستىلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرمىگەن بىرەرمۇ چۆچەك تېپىلمايدۇ» دېگەنىدى گوركىي.【2】 «بالىلار چۆچەكلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ ئوبرازلىق سەمەرىسى، بالىلارنى تەربىيىلەشنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق ۋاستىسى. شۇڭا تارىختا يازغۇچىلار، تەربىيىچىلەر، پىداگوگلار بالىلار چۆچەكلىرىنى رەتلەشكە، ئىجاد قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن».【3】 نۆۋەتتە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا بۇ تۈر ۋە ساھەگە بارلىقىنى بېغىشلىغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىرى دەل ئەخمەتجان قۇربان سابىرىدۇر. ئەخمەتجان قۇربان سابىرىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ كېلەچىكى بولغان ئۆسمۈر بالىلارنى تەربىيىلەشنى چىقىش قىلىپ بىر قاتار چۆچەكلەرنى يازدى. ئۇ يازغان بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنى تەربىيىلەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    تۆۋەندە مەن ئەخمەتجان قۇربان سابىرى يازغان بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەشتىكى رولى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

    ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنى ھەر قايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمەن ئۇ ئىجاد قىلغان بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رولى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.

     

    1.بالىلارنى كوممۇنىستىك ئىددىيۋى- ئەخلاق پەزىلىتىگە ۋە ساپاغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى گۈزەل غايە بىلەن تەربىيىلەشتىكى رولى

     

    «بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنى تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى».【4】 ئۇ ئۆزىدىكى باي مەزمۇنلار، سېھرىي مەنالار بىلەن تەبىئىي ھادىسىلەر ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ھەققىدىكى مۇرەككەپ چۈشەنچىلىرىنى بالىلارغا چۈشەندۈرۈشتە بىر ياخشى ۋاسىتە بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ سوتسىيالىستىك بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ، جۈملىدىن، بالىلار چۆچەكلىرىمىزنىڭ كوممۇنىستىك ئىددىيۋى- ئەخلاق ۋە غايە مەزمۇنى بار. بۇ خىل مەزمۇنمۇ ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار چۆچەكلىرىدە چىن، ھەقىقى، جانلىق تۇرمۇش تەسۋىرى ۋە قەھرىمان شەخسلەرنىڭ بەدىئىي ئوبرازىدا ئىنتايىن روشەن گەۋدىلەنگەن. قەھرىمان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش- ئىزلىرى چۆچەكتە يېزىلغان بۇ بالىلارغا مەنىۋى كۈچ بېغىشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بالىلار ئۆزى ئوقۇغان بالىلار چۆچەكلىرى ئارقىلىق مۇئەييەن قاراشقا ئىگە بولىدۇ. چۆچەكلەردىن ۋە ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى نۇقسانلىرىنى تۈزىتىدۇ. توغرا بولغان تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش غايىسىنى تۇرغۇزىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەخمەتجان قۇربان سابىرى يازغان «ئاتا سۆزى»، «ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن دوستسىز قالار»، «ۋاپادار توشقانلار»، «يالغانچى بارات»، «ھەسەن بىلەن ھۈسۈن»… چۆچەكلەر ناھايىتى ياخشى مىسال بۇلالايدۇ.

    ئاپتور «ئاتا سۆزى» دېگەن چۆچەكتە، بىر ياش يىگىتنىڭ بىر ئەلگە پادىشاھ بولۇپ، كەيپ- ساپاغا بېرىلىپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئۇنتۇغانلىقى، ئەل غېمىنى يېمەي ۋاقتىنى بىھۇدە ئىشلار ۋە تاماشا بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، يىللار ئۆتكەنسېرى بۇ ئەلدە ئېغىر غۇربەتچىلىك ۋە قۇرغاقچىلىق دەستىدىن كىشىلەر ھەتتا جېنىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغۇدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى، تېخى ئەڭ يامان بولغىنى بۇ يۇرتنى قەھەتچىلىك بېسىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھ- ۋەزىرلەرنىڭمۇ ئامال قىلالمىغانلىقى، ئاخىرى پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈپ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان كىشىگە پادىشاھلىقىنى بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، كىيىن بىلال ئىسىملىك بىر بوۋاينىڭ زىلال ئىسىملىك ئوغلى دادىسىنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ئەل- يۇرتنى خاتىرجەم قىلغانلىقى، يۇرتقا شادلىق- خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنلىكىدەك ئىش- پائالىيەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يازغۇچى بىر تەرەپتىن، بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، چوڭ ئىشلاردا ئۆز مەنپەئەتىگە بېرىلمەي ئەل- ئاۋامنى ئويلاشقا، باشقىلارنىڭ، ئەل- ئاۋامنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىشكە چاقىرىق قىلىدۇ. بۇنداق جانلىق بىر دەرسلىك، ئېسىل ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيىسى «ئاتا سۆزى» ناملىق چۆچەكنىڭ مۇھىم تەربىيىۋى رولىدىن ئىبارەت.

    «ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن دوستسىز قالار» ناملىق چۆچەكتە، دوستلۇققا توغرا ئۆلچەم قويمىغان، ئەيىبسىز، نۇقسانسىز دوست ئىزلەشكە توتۇنغان ئۆردەكنىڭ ئالتۇنبېلىق، ئاققۇ، چاشقان، كىرپە، ھۆپۈپ…قاتارلىق ھايۋانلارنى ياراتماي، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزلەپ ئاخىرى دوستسىز قالغانلىقىدەك ۋەقەلىك يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ئارقىلىق بالىلارغا دوستلۇققا قانداق ئۆلچەم قويۇش توغرىسىدا ئىبرەتلىك دەرس سۆزلەپ ئۆتكەن. ئاپتور يەنە «ھەسەن بىلەن ھۈسۈن» ناملىق چۆچەكتە، قېرىنداشلار ئارا ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش، چوڭلار كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىچىكلەرمۇ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق، باشقىلار بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش لازىملىقىنى ھەسەن بىلەن ھۈسۈندىن ئىبارەت ئاكا- ئۇكىلارنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى يېزىش ئارقىلىق سۆزلەپ ئۆتىدۇ. «يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام»، «يالغانچى بارات»، «ھىيلىگەر پاقا» قاتارلىق چۆچەكلەردە بولسا، يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ناھايىتى نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ناچار، بولمىغۇر قىلىقنى ۋاقتىدا تۈزەتمىسە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزى قالمايدىغانلىقىنى ئەمەلى مىساللار بىلەن شەرھىيلەپ، بالىلارنى سەمىمىي، كەمتەر، راستچىل بولۇشقا، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى شەرەپ دەپ بىلىشكە چاقىرغان. يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى يېزىش ئارقىلىق بالىلارنى راست سۆزلۈك، كەمتەر بولۇشقا ئۈندىگەن.

    ئومۇمەن، ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ بىر قىسىم چۆچەكلىرى يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بالىلارغا كوممۇنىستىك ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى ناھايىتى جانلىق دەرسلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەربىيىۋى- ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەر بىلەن تويۇنغان ھەر بىر چۆچەكلىرى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشقا، ئاتا- ئانىلارنى قەدىرلەش، باشقىلارنى ۋە ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتەك ئېسىل ئىستىلنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ. راست سۆز، سەمىمىي، كەمتەر بولۇپ، ئېسىل - پەزىلەتلىك بالىلاردىن بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۇلارنى ئەخلاق- ساپاغا ئىگە قىلىدۇ. شۇنداقلا يەنە، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىدا يېڭى غايە تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان بىر ئەۋلاد ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا ياردەم بىرىدۇ.

     

    2. بالىلارغا بىلىم- ھېكمەتنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇش، ئۇلارنى بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن قوراللاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ نەزەر- دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى رولى

     

    «بالىلار ئەدەبىياتى يارقىن بىلىم بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بالىلارنىڭ پەن- مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئاشۇرۇپ، نەزەر- دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى رولى زور».【5】 ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار چۆچەكلىرىدىمۇ بالىلارغا بىلىم بېرىپ، ئۇلارنى ئەقىل بىلەن قوراللاندۇرىدىغان ھەم ئەقىل ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدىغان، دۇنيانى چۈشىنىشكە ئۈندەيدىغان مەزمۇنلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق چۆچەكلەر بالىلارنى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن جەھەتتىكى بىلىم بىلەن تەربىيىلەپلا قالماستىن،  يەنە ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا…ھەم رەسىم، ناخشا- قوشاق، ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىق پەنلەردىكى تونۇش ۋە چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئاپتورنىڭ «ئالتۇن كەش»، «كىتابنىڭ خاسىيىتى»، «چېكەتكىنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىشى»، «ئاق توشقاننىڭ دېلو رازىۋىد قىلىشى»، «تېپىشماق ئويۇنى»، «ياغاچ ئات»… قاتارلىق چۆچەكلىرى ناھايىتى ياخشى مىسال بۇلالايدۇ. مەسىلەن، ئاپتورنىڭ «كىتابنىڭ خاسىيىتى» ناملىق چۆچىكىدە، ئالىم باي ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ قاسىم ۋە ئاسىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ئوتتۇرىسىدا مىراس تالىشىش يۈز بەرگەنلىكى، قاسىم بولسا ئىنىسىدىن پۇل- بايلىقلارنى قىزغىنىپ، ئۇنى ھەتتا ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولىدۇ. لېكىن ئاقكۆڭۈل ئاسىم ئاكىسىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا چىداپ، پەقەت دادىسىدىن قالغان« كىتاب» لارنىلا ئېلىپ، پۇل- بايلىقلارنى ئاكىسىغا قالدۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. كىيىن ئاكىسى قاسىم ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ كېتىپ پۇل- بايلىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھالى خارابلىشىپ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ. ئىنىسى ئاسىم بولسا، دادىسىدىن قالغان كىتابلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاقىۋەت داڭلىق، يېتىشكەن تېۋىپ بولۇپ خەلقى- ئالەمگە تونۇلىدۇ. كىيىن ئىنىسى ئاكىسىنى داۋالاپ ساقايتىدۇ. دادىسىدىن قالغان، ئاكىسى سېتىۋەتكەن ئۆينى يۇقىرى باھادا قايتۇرۇۋېلىپ، ئاكىسىنى يەنە شۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرۇلما ئارقىلىق ۋەقەلىك ۋە ئىدىيە يورۇتۇلغان بۇ چۆچەك ئارقىلىق، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر بىلىم ئىگىلەشنىڭ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. يەنە بۇ دۇنيادا كىتاب ۋە بىلىندىنمۇ ئارتۇق بايلىقنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

    ئومۇمەن، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى چۆچەكلىرى يۇقاردا شەرھىيلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بالىلارنىڭ دۇنيانى، تەبىئەتنى تونۇپ يىتىشىدىكى، نەزەر- دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەقىل ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۈتۈرىىشىدىكى بىر ئەپچىل قۇرالدىن ئىبارەت. بالىلار ئۇ چۆچەكلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن، ئۆزىدە تەبىئەت، جەمئىيەت، ۋە تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىلىمىنىڭ خېلى كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. ئۇ ئىجاد قىلغان چۆچەكلەر بالىلارغا پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرى، تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى جەھەتتىن، بىلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا بالىلاردا بىلىمگە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت قوزغاشتەك ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

     

     

     

     

    3. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر، كۆزىتىش، تىل- تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى

     

    بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر، كۆزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، تىل- تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەرەقى قىلدۇرۇش رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. «نادىر بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنى ئاكتىپ خىيال قىلىشقا، كۈچلۈك تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەلۇمكى، خىيال ئىدىيىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر».【6】 باي فانتازىيە (خىيال) بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەم خىيالدىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا خىيال قىلىش، بولۇپمۇ ئاكتۇئال خىيالغا باي بولۇش ئادەمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پەزىلىتى ۋە ئادەم ھاياتىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. بىز يەنە شۇنى ئىنكار قىلالمايمىزكى، خېلى چوڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى، ئىجادىيەت ھادىسلىرىمۇ ئەڭ ئاۋۋال بىرەر مەسىلە ياكى شەيئى ھەققىدىكى خىيال، تەسەۋۋۇرىنى بارا- بارا تەرەققىي قىلدۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆزىتىش، پىكىر قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. شۇڭلاشقا بىز شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، مول فانتازىيە ۋە چوڭقۇر تەسەۋۋۇر بىلەن يېزىلغان بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر، كۆزىتىش، تىل- تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى.

    بالىلار خىيال ۋە تەسەۋۋۇرغا باي بالىلار چۆچەكلىرىنى ئوقۇغان ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغاندىن كىيىن بارا- بارا خىيال سۈرىدىغان، تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، چۆچەكتىكى دۇنيا بىلەن رېئاللىقتىكى دۇنيانى سېلىشتۇرىدىغان، شۇنداقلا رېئال دۇنيادىكى جىسىم ۋە ھادىسىلەرنى كۈزىتىشكە ئامراق بولۇپ قالىدىغان خاراكتېرنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ. يەنە تېخى بۇ ھەقتە ئوي- پىكىر قىلىشقا، ئۆزى بىلەن ئۆزى بۇ ھەقتە دە- تالاش قىلىشقا ئورۇندىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ دەل بىز ئېيتىۋاتقان بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ بالىلارنىڭ خىيال- تەسەۋۋۇر، كۆزىتىش، پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولىنىڭ مۇئەييەن نەتىجىسى.

    بالىلار ئۆزى ئۈچۈن  يارىتىلغان ھېكايە- چۆچەكلەرنى ئوقۇغاندا ياكى شۇنداق بىر چۆچەكنى ئۇچراتسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سىرداش دوستىدەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنى قايتا- قايتا ئوقۇيدۇ. بۇنىڭ بولسا بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۈنۈمى خېلى كۆرۈنەرلىك. «بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرىدىغان روھتا تەربىيىلەپ، ئۇلارنى مۇرەككەپ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا راۋان ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىش بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىلىرىدىن بىرى».【7】 ئەلۋەتتە، بۇمۇ ھەم بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى.

    بالىلار بالىلار چۆچەكلىرىدە ئىشلىتىلگەن توغرا، يارقىن، ئوبرازلىق، جانلىق، ئاددىي- ساددا، شاۋقۇنلۇق، چۈچۈك بەدىئىي تىلنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سۆزلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. توغرا، راۋان، قائىدىلىك سۆزلىيەلەيدىغان قابىلىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۇقىرىقى قاراشلىرىمىزغا بىز ماقالىمىزدا تىلغا ئالغان ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ «يېرىل تاشىم»، «ئور توقماق»، «مۈشۈكلەر سەنئەت ئۆمىكى »… قاتارلىق چۆچەكلەر ياخشى مىسال بولالايدۇ.

    «يېرىل تاشىم» ناملىق چۆچەكتە، غالىبجان ئىسىملىك بالىنىڭ مەكتەپتىكى ۋە ئائىلىسىدىكى بېسىمدىن ئىنتايىن زېرىككەنلىكى، تاپشۇرۇق ۋە ئۆگىنىش بېسىمى بولمىغان مەكتەپتە ئوقۇشنى خىيال قىلىدىغانلىقىنى، تەتىل كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى دالا پائالىيىتىگە ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا بىر چوڭ تاشنى كۆرگەنلىكى، كىيىن ئۇ تاشنى ئۆزى مومىسىدىن ئاڭلىغان چۆچەكتىكى «يېرىل تاشىم» غا ئوخشاتقانلىقى، شۇنداقلا ئىختىيارسىز ھالدا «يېرىل تاشىم» دىكى قوشاقنى ئوقۇغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. مانا بۇلاردىن بىلىمىزكى، بۇ ئارقىلىق يازغۇچى غالىبجان ئىسىملىك پېرسوناژنىڭ روھى دۇنياسىدىكى بېسىمدىن قۇتۇلۇش، ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇھىتقا ئېرىشىش خىيالى بىلەن ئۆتمۈشتىكى قىز «يېرىل تاشىم» دەپ كىرىپ كەتكەن ئاشۇ سىرلىق تاشنى ئەسلەپ، ئالدىدىكى تاشنى «يېرىل تاشىم» دەپ سالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چۆچەكتە:«-پاھ، مانا ماۋۇ ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كىشىنەۋاتقان تۇلپارغا ئوخشايدىكەن. مانا ماۋۇ قوش لۇكىلىق قامەتلىك تۆگىنىڭ ئۆزى ئىكەن. مانا ماۋۇ ئۇچۇش ئالدىدىكى بۈركۈتكە نېمە دېگەن ئوخشايدۇ- ھە! توۋا، ماۋۇ ئاق تاش خۇددى مىنىڭ مومامغا ئوخشايدىكەن. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشلىرىمۇ دەل مومامنىڭ ئۆزى…» دېگەن مونولوگلار غالىبجاندىن ئىبارەت پېرسوناژنىڭ تىلى ئارقىلىق ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. بالىلار بۇنداق تەسەۋۋۇر، خىيالغا باي ئىبارىلەرنى ئوقۇغاندا تەبىئىي ھالدا ئۆزىمۇ ئەنە شۇنداق شەيئىلەرنى كۈزىتىشكە، شەيئىلەر ھەققىدە خىيال سۈرۈشكە، تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. مانا بۇ چۆچەكتىكى پېرسوناژلاردىن ئۈلگە ئېلىش جەريانى ھېسابلىنىپ، بالىلار ئاشۇ پېرسوناژ ۋە ئۇلارنىڭ ئوبرازى، سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئاشۇ پېرسوناژلارنى سېلىشتۇرىدۇ، تەبىئىي ھالدا ئۇلارغا ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىشقا، پىكىر قىلىشقا، كۆزىتىش ۋە تىل ئىشلىتىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.

    يەنە بەزى چۆچەكلەردە بولسا، ئاپتورنىڭ لىرىك بايان تىلى بىلەن چۈچۈك، قىزىقارلىق، ئاددىي- ساددا قوشاقلىرى بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان بولۇپ، بالىلار بۇنىڭدىكى قوشاقلارنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز ھالدا كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، ھۇزۇرلىنىدۇ ۋە ھەتتا بۇ قوشاقلارنى يادلىۋېلىشى مۇمكىن.

    مەسىلەن:

    «كۆزۈم قىزىل، ئۆزۈم ئاق،

    ماكانىمدۇر كەڭ ئوتلاق.

    قۇلىقىم تىك، كۆڭلۈم توق،

    مەن سەكرەيمەن تاق، تاق، تاق.»

    -«مۈشۈكلەر سەنئەت ئۈمىگى»دىن

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە:

    «قاق، قاق، قاق،

    چۈشۈڭلار پاتراق.

    كىم كىيىن قالسا،

    يوق ئاڭا تاماق.»

    -«ئېيىقچاقنىڭ تۇنجى ساياھىتى»دىن

    بۇنىڭغا ئوخشاش چۆچەك، يۇمۇرىستىك ئاددىي- ساددا قوشاقلار ئەخمەتجان قۇربان سابىرى چۆچەكلىرىگە ناھايىتى تەبىئىي ھالدا سىڭىشكەن بولۇپ، بالىلار بۇ چۆچەكلەرنى ئوقۇغاندا ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇنى يادلاپ دوستلار ئارا ئېيتىشىپ ئوينايدۇ. بەزىلىرى ئاتا- ئانىلىرىغا ئېيتىپ بىرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بارا- بارا ئۇلارنىڭ تىل- تەپەككۇر قابىلىيىتى، پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ئېشىپ بارىدۇ.

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش چۈچۈك تىل بىلەن يېزىلغان ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ شېئىرى ۋە نەسرىي چۆچەكلىرى ئۆزىنىڭ راۋان، كۆركەم، تەمسىللىك تىلى بىلەن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. تەسەۋۋۇرىنى ئۇلغايتىدۇ. كۆزىتىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

    دېمەك، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى چۆچەكلىرى بالىلارنىڭ خىيال- تەسەۋۋۇرىنى ئۇلغايتىپ، بۇلارنى يېڭى پىكىر قىلىشقا يېتەكلىسە، ئەقلىنى غىدىقلاپ، تىلىنى تاۋلايدۇ.

    4. بالىلارنىڭ ئېكولوگىيە ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىكى رولى

     

    دەۋرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئادەم، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلىرى چوڭقۇرلاشتى. قىممەت قاراشلىرى، كىشىلىك تۇرمۇش قاراشلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنسانىيەت تەقدىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىلمۇ- خىل تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن باش قاتۇردى ھەم ئىزدەندى. ئەنە شۇ تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ئېكولوگىيە تېمىسىبۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت ھايات- ماماتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، پۈتكۈل دۇنيا خەلقى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەرشارى خاراكتېرلىك مۇھىم تىمىلاردۇر.

    ئەنە شۇنىڭدەك، ئىنسانىيەتنىڭ ئەتىسى ۋە كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارى، قۇرغۇچىلىرى بولغان بالىلارنى ئىكىلوگىيەنى سۆيۈش، ئانا تەبىئەتنى قوغداشقا، ئۇنى ئاسراشقا، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ئۈندەيدىغان ئېكولوگىيە تىمىسىمۇ بارا- بارا بالىلار ئەدەبىياتى ۋە ئەسەرلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىلار بالىلارغا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى، ئۇنىڭ رەڭگارەڭ نېمەتلەرگە تويۇنغانلىقىنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرىپ، ئۇلارنى تەبىئەت بىلەن يېقىنلىشىشقا چاقىردى. ئەخمەتجان قۇربان سابىرى قەلىمى ئاستىدىكى بالىلار چۆچەكلىرىمۇ يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن ھەم خالىي ئەمەس.

    بىز ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ بالىلار چۆچەكلىرىگە قارايدىغان بولساق، بالىلارغا خاس تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن بېزەلگەن كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار؛ تاغ، دەريا، كۆللەر؛ ئۆسۈملۈك، ھايۋان، يەر- جايلار ناھايىتى گۈزەل ۋە ئۇلۇغ تەسۋىرلەنگەن. ئۇلارنى دەپسەندە قىلغانلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قاتتىق قامچىلانغان. مانا بۇ تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئىددىيسى. تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاسراش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدىن بىرى. بۇ نۇقتىنى ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلارنىڭ تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيە توغرىسىدىكى قارىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئىزدىنىپ، تەبىئەت ھەققىدىكى ئۇلانما تەسەۋۋۇرىنى ناھايىتى تەبىئىيلىك بىلەن چۆچەكلىرىگە سېڭدۈرىۋەتكەن. ئۇنىڭ بۇ كۆزقاراشلىرى «ئالتۇن كەش»، «تۇغراق بوۋاي » قاتارلىق چۆچەكلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: ئۇنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق چۆچىكىدە، تۇغلۇقنىڭ تەنتەربىيەگە ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىغ


    收藏到:Del.icio.us