ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    60 يىللىق ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ كارتىنىسى - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     ئاپتور: ئابدۇقەييۇم مىجىت

       ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا ئۆزلۈكسىز ھالدا ھەر خىل ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئىختىرا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل تۈر ۋە ژانىردىكى، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي ئەسەلەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋىي بايلىقى سۈپىتىدە مىللىي ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىپ كەلدى. ھەر مىللەت قەلەم ساھىبلىرى ئۆز خەلقى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ يۇشۇرۇن مەنبەلىرىنى ئېچىپ، تەپەككۇر ئاراچلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاۋامنىڭ ئەقىل كۆزىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىشىگە، ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە قىممىتىنى تېخىمۇ يۈكسەك چوققىلاردا تۇرۇپ چۈشىنىشىگە مەنىۋىي مۇھىت ھازىرلاپ بەردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگىكى كەڭ خەلقنىڭ مۇناسىپ ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماركىسىزملىق ئەدەبىيات قارىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئىلمىي يۆنىلىشنى بويلاپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بۇيىچە مېڭىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر تۈرلۈك شەرت- شارائىتلار ھازىرلاندى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىللىرىدىكى سۇلچىل لۇشىيەننىڭ ئاسارىتى تازىلىنىپ، ھە دېسىلا يازغۇچىلارغا قالپاق كېيگۈزىدىغان، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئۇنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىلەر قارا- قۇيۇقلا باھا بېرىدىغان زامانلار كەلمەسكە كەتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەدەبىياتىمۇ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئالغا بېسىشقا باشلىدى. «ئىنسان روھىنىڭ ساداسى» (مامبەت تۇردى سۆزى) بولغان ئەدەبىيات ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز تىلىدا تېخىمۇ جاراڭلىق ۋە يېقىملىق ئۈندە ياڭراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەدەبىي ئىجادىيەت بازار ئىگىلىكى ۋە ئىسلاھاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى ھەر خىل ئەگرى- بۈگرى يوللارنى بېشىدىن كەچۈردى. ھەبىبۇللا ئابدۇسالام باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىزدىنىش ۋە بۆسۈش ــــ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن 30 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى مۇشۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا مەيدانغا كەلگەن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە باھا بېرىش، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە- ئۇتۇقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ھەمدە ئىلمىي نەتىجىلەرنى يەكۈنلەش ئۈچۈن ھەر مىللەت تەتقىقاتچى خادىملىرى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن بىر ئىلمىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىلمىي ئەمگەك ئاساسلىقى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىدىكى ھەر مىللەت تەتقىقاتچى خادىملىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولغاچقا، كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ ئىلمىيلىكى نىسبەتەن كۈچلۈك، ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقىرى، ئۇچۇر مىقدارى مول، سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بولۇپ، چوڭراق ھەجىمدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ۋە تەشكىللەشنىڭ رولىنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ ماقالىلەر توپلىمى كىرىش سۆز (ۋۇ فۇخۇەن)؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى (ئازاد سۇلتان)؛ بۇرۇلۇش مەزگىلى ۋە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى (شارىپقان ئابدال)؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخي تەسۋىرى؛ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى؛ شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك مېلودىيىسى(ھەبىبۇللا ئابدۇسالام)؛ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشى (تۇڭ جۇڭمىڭ)؛ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاخبارات ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى (سېرىك ئۇقابەي) ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنو- تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى (شەۋكەت ئىلاخۇن) قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى تۆھپە، نەتىجىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن بايان قىلىنىپ، باھا بېرىلگەن ماقالىلەردىن باشقا، يەنە ئۇيغۇر رومان ئىجادىيىتى (زۇمرەت قەييۇم)؛ ئۇيغۇر نەسىر ئىجادىيىتى (كىرىمجان ئابدۇرېھىم)؛ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكى(مەتتۇرسۇن ئېلى)؛ ئاياللار ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى؛ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى زامانىۋىي ئىزدىنىشلەر؛ رېئالىزىم ئەنئەنىسىدىكى ۋارىسلىق ۋە راۋاجلاندۇرۇش (ئارزۇگۈل تۇراپ)؛ گۇڭگا شېئىر ھادىسىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش (مامبەت تۇردى)؛ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساياھەتنامە تۈرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى (ئابدۇقەييۇم مىجىت) قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى تۈر- ژانىرلىرى بۇيىچە مەخسۇس مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن ماقالىلەر بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ژانىر ئايرىمىسى بۇيىچە مۇلاھىزە قىلىنغان. بۇ ماقالىلەر توپلىمىنىڭ تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنىشى ئەسەرنىڭ خاتىمە قىسمىدا ئېيتىلغىنىدەك:«شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆز- ئارا چۈشىنىش، ئۆز- ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ نەزىرىيىۋىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش» ئۈچۈندۇر. بۇ ماقالىلەر توپلىمى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن ئۇزۇق ئېلىش، ئۆز ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا مىللەت زىيالىي، يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات شەكلىدىن پايدىلىنىپ شەيئىلەرنىڭ ئىچكى باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ئىگىلەش، ئۇلارنىڭ ماھىيەت، قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىش، شۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ مەنىۋىي كامالەت مەنزىللىرىنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئەدەبىي ئىزدىنىشلىرى، تەجرىبە- ساۋاقلىرىدىن خەۋەردار بولالايمىز. تۆۋەندە بىز بۇ ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:

        ھەبىبۇللا ئابدۇسالام «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشكەن تارىخي رومانلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن. ئازادلىقتىن تارتىپ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زور ئەگرى توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈردى، ھەتتا بەزى ئەدەبىي ژانىرلاردا ئۇزۇن مەزگىللىك ئۈزۈكچىلىك يۈز بەردى. پارتىيىنىڭ 11- نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئومۇمىي يېغىنىدىن كېيىن، ئىلىم- پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئوخشاش مىللىي ئەدەبىيات ساھەسىمۇ قايتىدىن گۈللىنىشكە، ئۇزۇن مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان ئەدەبىيات ئەنئەئەنىسى ئۇلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بۇرۇن «چەكلەنگەن رايون» ھېسابلىنىدىغان تارىخىي تېمىلاردا رومانلارنى يېزىپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ يېڭى تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. ھەبىبۇللا ئابدۇسالام بۇ ماقالىسىدە نوقتىلىق ھالدا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرى ھەققىدە توختالغان. تارىخىي تېمىلاردا يېزىلغان رومانلار تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇنى ئەدەبىياتنىڭ ۋاستىسى بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىپ، كىشىلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشى، مىللىي تارىخىنىڭ كۈلپەتلىك، غەم- قايغۇلۇق، ئېچىنىشلىق ياكى گۈللەنگەن، يۈكسەلگەن، روناق تاپقان باسقۇچلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ئۆز مىللىي گەۋدىسىنى قانداق ئامىللارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن تارىخى تېمىدىكى رومانلار يورۇتقان تېمىسى ئاكتىۋال، تۇرمۇش پۇرىقى رەڭدار، مۇئەييەن دەرىجىدە بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى يېتەرسىزلىكلەر، نوقسانلار ساقلىنىۋاتىدۇ. ھەبىبۇللا ئابدۇسالام بۇ ماقالىسىدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى رومان ئىجادىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە- ئۇتۇقلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، تارىخى رومانلارنىڭ مەزمۇنىنى تېماتىك نوقتىدىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە يېغىنچاقلىغان. بىرىنچى، ئۇيغۇرلار تارىخىدا پەيدا بولغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ھاياتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېزىلغان تارىخى رومانلار. ئىككىنچى، جوڭگۇ دېمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نى باش تېما قىلىپ يېزىلغان تارىخىي رومانلار. ئۈچىنچى، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى «قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى» ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ زومىگەر كۈچلەر ۋە فېئۇدال، ئىستىبدات، ئەكسىيەتچىل سىياسىي ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى تېما قىلغان تارىخى رومانلار. بۇ ماقالە ئىسلاھات يولغا قويۇلغان 30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە روياپقا چىققان تارىخي رومانلارنى ئومۇمىي نوقتىدىن چۈشىنىشتە بىزنى زور ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ھەبىبۇللا ئابدۇسالامنىڭ «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك مېلودىيىسى» ناملىق ماقالىسىدە مىللىي ئەدەبىياتتىكى ئەنئەنىۋىي تېمىلارنىڭ بىرى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى ھەققىدە توختالغان. ئۇ بۇ ماقالىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي روھنىڭ يادروسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قاراش سىستېمىسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى. مەيلى كلاسسىك ئەدەبىياتتا بولسۇن، مەيلى بۈگۈنكى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا بولسۇن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تېما قىلغان ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى ماكان ۋە زاماننىڭ ئالمىشىشى ۋە ئۆتىشى بىلەن سۇسلاپ، يوقاپ كەتمەستىن، بەلكى تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەلمەكتە. شۇڭا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەلىك ئىدىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئادەمنىڭ ۋەتەنپەرەرلىك روھىنى ئويغۇتىدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە يەنىلا مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە. ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىش- پائالىيەتلىرىدە ئۆز ۋەتىنىگە ئەقىدە قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قان- تەرى ۋە ئەجىر- مېھنىتى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىدىغان ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە يەنىلا ئەدەبىيات ئەنئەنىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىدىن ئىلھام ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، دەيدىغان ئىدىيە يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ ماقالىدە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تۆت نوقتىغا بۆلۈپ تەھلىل قىلىنغان. ئۇلار: بىرىنچى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئىككى كلاسسىك ئالىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ھازىرقى، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت. بۇ ماقالە بىزگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى، چۈشەنچىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى، ۋەتەن روھىنى ئىلمىي نوقتىدىن تەتقىق قىلىش، ئەجدادلار ۋۇجۇدىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋلادلار ۋۇجۇدىدا تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش، تېخىمۇ ئەقلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

        تۇڭ جۇڭمىڭنىڭ «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشى» ناملىق ماقالىسدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئېڭىنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى، يېزىقچىلىق ئۇسۇلى، يېزىقچىلىق ئۇسلوبى ... قاتارلىق جەھەتلەردە خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىشى، ئۆرنەك ئېلىشى ھەققىدە توختالغان.

        ئارزۇگۈل تۇراپ «ئاياللار ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى» ناملىق ماقالىسىدە ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتىنىڭ ئازادلىقتىن، يەنى يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن رەسمىي شەكىللەنگەنلىكى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش سياسىتى يولغا قويۇلغان 30-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلكى، كىچىكلىكتىن زورايغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسى، نازۇك ھېسسىياتى، ئارزۇ- ئۈمىدلىرى، ئۆزىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەتتىكى ئورنى، قەدىر- قىممىتى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئاياللىق مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرى ۋە ئاياللار مەنىۋىي دۇنياسىنىڭ نازۇك، پىنھان جايلىرى، مەنىۋىي تەقەززالىرى ۋە ئەرلەر ئاسانلىقچە ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان تەرەپلىرىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىمىزدا ئايال يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى ئادەمنى قايىل قىلارلىق ئەقلى دەلىللەر ۋە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلغان. بۇ ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتىنىڭ 30 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر مۇنداق بىر نەچچە نوقتىغا يېغىنچاقلانغان: بىرىنچى، نىسبەتەن مۇقىم ۋە مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولغان ئايال يازغۇچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلدى. ئىككىنچى، ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرى سان جەھەتتىلا كۆرۈنەرلىك بولۇپلا قالماي، سۈپەت جەھەتتىنمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلارنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى كۈنسىرى پىشىپ- يىتىلىپ، تەپەككۇرى يۈكسىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى يېڭىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت- ئىپتىخارىنى، سۈيۈنۈش، قۇۋانچىنى ئۆستۈرۈپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك ئېسىل، نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئۈچىنچى، ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلارنىڭ قەلەم تەۋرىتىدىغان تېما دائىرىسى بارغانسىرى كېڭىيىپ، چوڭ- چوڭ ۋە يېڭى- يېڭى تېمىلاردا دادىل ھالدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەسىپچانلىق روھىنى يېتىلدۈردى. ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىرىگە، پەرزەنتلىرىگە ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە ئېيتقۇسى بار كۆڭۈل سۆزلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئوي- خىياللىرىنى، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ۋە ئۈمىد- تىلەكلىرىنى ئەدەبىياتنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئېيتتى، سۆزلىدى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى نامايەن قىلدى،

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى