ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    ‹‹تۇمان تارىغان سەھەر››رومانىدىكى تاسادىپىيلىقلار - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئاپتور: ئابدۇللا مەتقۇربان

        ‹‹تۇمان تارىغان سەھەر›› ياش يازغۇچى ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ تۇنجى رومانى بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭدا جىپسىلىشىپ كەتكەن ۋە بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان ۋەقەلىك بەزى تاسادىپىيلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئابىدەنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئۆز يۇرتىغا كەلگەندە ئۆزى ئارزۇلىغان شەھەردىكى سوت مەھكىمىسىگە ئەمەس، بەلكى شەھەردىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوشدۆڭ سوتىغا تەقسىم قىلىنىشى روماننىڭ بۇ باش قەھرىمانى ئۈچۈن بىر تاسادىپىيلىق. ئابىدە بۇنداق بولۇشىنى ھەم ئويلىمىغان ھەم بۇنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمايتتى. چۈنكى ئابىدە بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان مېھراي ئالىي مەكتەپتە ئويناپ – كۈلۈپ دېگۈدەك ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى بولغاچقىلا، ئابىدە ئىشلەشكە تېگىشلىك ئورۇنغا تەقسىم قىلىنىپ، ئابىدەنىڭ ئارزۇئارمانىغا يېتىشىگە ھە دېگەندە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەڭسىزلىك ئابىدەنىڭ قەلبىدە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ تۇيغۇ ۋە نارازىلىق پەيدا قىلىدۇ. مەھكىمە باشلىقى مەنسۇرنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇچرىغان سوغۇق مۇئامىلىگە قوشدۆڭ سوتخانىسىنىڭ باشلىقى راززاقنىڭ قوپاللىقى قوشۇلۇپ ئابىدەنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا كىيىنىش ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان مېھراي ئۈچۈن خىزمەتتىكى بۇنداق تەقسىمات شۇنچىلىك تەبىئىي تۇيۇلغاچقا، كەسىپتە ئابىدەگە يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەندىشە قىلغان بولسىمۇ، بۇنى ھەرگىز چاندۇرمايدۇ. ئەمما شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ بۇ ئىككى قىز ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت شەكىللىنىدۇ. ئەنسەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بۇ زىددىيەت يوشۇرۇن ھالەتتىن بارا – بارا ئاشكارىلىنىدۇ.

        ئابىدەنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىن يېڭى مۇھىتتا ئەنسەرنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ بىر تاسادىپىيلىق. بۇ تاسادىپىيلىق ئابىدەنىڭ قەلبىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا تۇتاشقان ياشلىق ئوتلىرىنى يەنىمۇ ئۇلغايتىپ، روماندىكى سالماقلىق بىر مەسىلە ئابىدە بىلەن ئەنسەرنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تاسادىپىيلىق بىر تالاي سىرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

        مەھكىمە باشلىقى جاپپارنىڭ ئابىدەنىڭ ئۆز دادىسى بولۇپ چىقىشى روماندىكى يەنە بىر تاسادىپىيلىق. بۇ تاسادىپىيلىق رومان ۋەقەلىكىنى جاپپار، گۈلئايىم، نۇرخان، ئابباس، ئامىنە قاتارلىق ئالدىنقى بىر ئەۋلادنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە باغلاپ، رومان ۋەقەلىكىنىڭ زاماندا سوزۇلۇش ھاسىل قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

        ئابىدەنىڭ قوشدۆڭدىكى مەلۇم يايلاقتا ئوقۇش يېشىدىكى نەبىجاننى، راززاقنىڭ چوڭ ئۆيىدە يەنە شۇ ئوقۇش يېشىدىكى ئاينۇرنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ بىر تاسادىپىيلىق. ئابىدە بۇ تاسادىپىيلىقتىن ھەيران قېلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ راززاقنىڭ قوشدۆڭدە سوتچىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ قىلغان زورلۇقلىرىنى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى مەكتەپتىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېلىپ قوي باققىلى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا سالغان يولسىزلىقلىرىنى تەكشۈرىدۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا يەرلىك كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ھوقۇقمەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشنىچۆرىدىگەن ئاساستا لېكسىيەلەر سۆزلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى راززاقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئېڭى ئۆسۈپ، راززاقنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ قانۇن تورىغا چۈشۈشىنى تېزلىتىدۇ.

        ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئابىدەنىڭ سودىگەر موللاقنىڭ ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ يارىلىنىشى، مېنىڭچە، تازا زۆرۈرىيىتى بولمىغان تاسادىپىيلىقتۇر. چۈنكى ئابىدەنىڭ دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى، راززاقنىڭ قولغا ئېلىنىشى، مېھراينىڭ موللاق بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈشى، جاپپارنىڭ پېنسىيەگە چىقىپ قوشدۆڭگە كېتىشى، شۇنىڭدەك نىياسەمنىڭ قاسىمئاخۇن بىلەن يارىشىۋېلىشى قاتارلىقلار ھەققىدە ئاللىقاچان ھەر خىل بېشارەتلەر بېرىلگەن، بۇ ھەقتىكى نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان ئەھۋالدا ئورۇنسىز ماشىنا ھادىسىسىنى تاسادىپىيلىقنى پەيدا قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئورۇنسىز ئۇرۇنۇش.

        ئومۇمەن، ماھىنۇر ئابدىلىم ‹‹تۇمان تارىغان سەھەر›› رومانىدا يۇقىرىقىدەك بىر يۈرۈش تاسادىپىيلىقلار ئارقىلىق ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان، روماندىكى زەنجىرسىمان چىرمىشىپ كەتكەن ۋەقەلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى دەل ئاشۇنداق بىر يۈرۈش تاسادىپىيلىقلارنى كۈچلۈك تەقەززا قىلغان. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، تاسادىپىيلىق، ئومۇمەن، باياننى ئاساس قىلىدىغان ئىجادىيەتنىڭ ئاساسى، چۈنكى ئۇلاردىكى ‹‹ئىجادىيلىق›› دەل ئەشۇنداق تاسادىپىيلىقلار ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئىشقا ئاشىدۇ. ئەسەردە ئورۇنلۇق تاسادىپىيلىقلار كۆپ بولغانسېرى پېرسوناژلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى شۇنچە رەڭدار بولىدۇ، بۇنداق تاسادىپىيلىقلار قانچە تەبىئىي بولسا ئەسەرنىڭ بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچى شۇنچە ئاشىدۇ. ‹‹تۇمان تارىغان سەھەر›› رومانىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۇنىڭدىكى يۇقىرىقىدەك بىر يۈرۈش تاسادىپىيلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

    ئابدۇللا مەتقۇربان

    مەنبە شىنجاڭ گېزىتى


    收藏到:Del.icio.us