ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    قىسمەت ئاچىلىدىكى ئەڭگۈشتەر زادى نەدە؟ - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئاپتور: رىسالەت مەردان

      كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان زامانىۋىيلىق بىزگە ئۆزىنىڭ زامانغا خاس مەئىشەتلىرى، قولايلىقلىرى ۋە پايدىلىرىدىن باشقا، قىممەت قارىشىمىز، ئەنئەنىمىزگىمۇ نۇرغۇن خىرىس ئېلىپ كەلدى. قىممەت قارىشىدىكى پەرق ۋە مەدەنىيەت ئەندىكىشى نۇرغۇن كىشىنى ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. بەزىلەر ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئىلكىدە تېڭىرقاپ، قايسىسىنى، قانداق تاللاشنى بىلمەي قىينالدى ھەم پۇلنى قوۋم – قېرىنداش، ئەل – ئاغىنىدارچىلىق، مېھىر – مۇھەببەت ۋە ئائىلىنىڭ ئۈستىگە دەسسەتمەكچى بولدى.

        ئىلغارجان سادىقنىڭ ‹‹قىسمەت ئاچىلىدا›› ناملىق رومانىنى ئوقۇپ، يۇقىرىقىلارنىڭ روماندا ئوبدانلا ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. رومان ۋەقەلىكى مۇنداق: قادىر ئاخۇن ۋاپات بولۇشى بىلەن، چوڭ ئوغلى ئادىل بۇ ئائىلىدە ئەۋلادتىن – ئەۋلاد قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان قاشتېشى بۇيۇمىنى سېتىپ سودىغا كىرىشىدۇ، ئۇ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىن، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن يىراقلىشىپ، بىر قىزغا يوشۇرۇنچە ئۆيلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلۇپ، بالىلىرى يېتىم بولۇپ، ئايالى باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىنىسى زامانىدىن زەھەر چېكىپ ئۆلىدۇ، سىڭلىسى بىر چەت ئەللىككە ئەگىشىپ ‹‹چەت ئەل چۈشى›› كۆرۈپ، كۆرمىگىنى قالمايدۇ. قولىدىن بالىلىرى ئۈچۈن يۈرىكى پارە بولۇشتىن باشقىسى كەلمەيدىغان خەلچىخان ئانا پەرزەنت غېمىدە ئاھ ئۇرىدۇ، يۈرىكى سەكپارە بولىدۇ. ئادىل سودىدا قويۇلۇپ كېتىپ، خوتەننىڭ يۇمىلاققۇم قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن ئاسار ئەتىقە كولاپ ساتماقچى بولغاندا، ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلار بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئويغىتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئەتراپىدىكىلەر ھەققىدە قايتا ئويلىنىدۇ، تەجرىبەساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يېڭىباشتىن جەم بولۇشقا تىرىشىدۇ.

        ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئەڭگۈشتەردىن ئايرىلدۇق، تېرىق كەبى چېچىلدۇق››، دېگەن قوشاق روماننىڭ باشئاخىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ ھەم روماندا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. روماندا قادىر ئاخۇن ئەۋلادتىن – ئەۋلاد ساقلىغان، جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆينىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن نېمىنىدۇر ئىزدىگەندەك، نېمىنىدۇر دېمەكچى بولغاندەك، نېمىنىدۇر بالىلارغا كۆرسىتىپ، جېكىلىمەكچى بولغاندەك، جىددىيلىك ئىچىدە ئەتراپقا قاراپ تېڭىرقاپ تۇرغاندا، ئايالى خەلچىخان قاشتېشى بۇيۇمىنى كۆرسەتكەندە، قادىر ئاخۇن بىر نېمە دېمەكچى بولىدۇ. ئايالى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ‹‹بۇنى ئوبدان ساقلاڭلار دېمەكچىمۇ›› دېگەندە، مەقسىتىنى ئاز – تولا ئۇقتۇرالىغان قادىر ئاخۇن رازىمەنلىك بىلەن كۆز يۇمىدۇ. ئادىل شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، قاشتېشى بۇيۇمىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ئائىلىدە پاجىئە ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى سىر نەدە؟ بۇلارنى يۇقىرىقى قوشاق بىلەن بىرىكتۈرۈپ چۈشەنگەن كىتابخان بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتەلەيدۇ.

        قاشتېشى بۇيۇمى، قارىماققا، مىراستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن روماننىڭ ‹‹ئەڭگۈشتەر ھەققىدە چۆچەك›› دېگەن بابىدا ئۇ بۇيۇمنىڭ ئاددىي مىراسلا ئەمەس، بەلكى ئەسىرلەردىن بېرى خەلقىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق مۇجەسسەملەشكەن ئېسىل خىسلەتنىڭ نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئادىل قاشتېشى بۇيۇمىنى سېتىپ سودا قىلىپ پۇل تاپىدۇ – يۇ، ئەمما ئاشۇ ئېسىل خىسلەتتىن چەتنەپ، ئانىسىنى يوقلاپمۇ قويمايدۇ، ئىنىسىنىڭ تۈرمىگە كىرىشى، سىڭلىسىنىڭ ئازغۇنلۇقى ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغىتالمايدۇ. ئۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۈرمىگە قامالغاندا ئاندىن ھوشىنى تاپىدۇ. ئۇ يېرىم ئۆمرىنى ۋەيران قىلىپ دۇچار بولغان پاجىئەسى ئەسلىدە ئەجدادلاردىن ئۇدۇم قالغان ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ئەمەل قىلسىلا يۈز بەرمەيتتى.

        ئاپتور تەۋەررۈك قاشتېشى بۇيۇمىدىن ئەنئەنىمىزنىڭ، تۇرمۇش مىزانلىرىمىزنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە پايدىلانغان. كىمكى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەنئەنىلەردىن ۋاز كەچسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. روماندىكى ئادىل، ئەقىدە، زامانىدىن، رەشىدەلەر ئەنە شۇنداق ئاقىۋەت تۈپەيلى نورمال تۇرمۇشتىن چەتنىگەنلەردۇر. ئاپتور ئېسىل ئەنئەنىدىن ئىبارەت بۇ ئابستراكت ئۇقۇمنى قاشتېشى بۇيۇمىدىن ئىبارەت سىمۋوللۇق نەرسىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنى كونكرېتلاشتۇرغان.

        روماننىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، روماندا ئىككى ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش تۇيغۇسى ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ئاتا – ئانىسىنى ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا. ئادىل پۇل تاپقاندا ئانىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھالىغا يەتمەيدۇ. ئەقىدە، زامانىدىنلارمۇ مېھنەتسىز پۇلغا ئېرىشىشى بىلەن نىيىتىنى بۇزىدۇ، ئەمما ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قاق سەنەم بولغاندا، يەنىلا ئانىسىنىڭ ئىللىق قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.

        ‹‹قىسمەت ئاچىلىدا›› روماندىكى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇژىت لىنىيەلىرى كىشىلەرنى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي ئاڭ ۋە ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. دەرۋەقە، رومان قىسمەن چەكلىمىلىك ۋە سەۋەنلىكلەردىنمۇ خالىي ئەمەس. روماندا زامانىدىن بىلەن ئەقىدەنىڭ بىردىنلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ پىسىخىك ئاساسى كۆرسىتىلمىگەن. يەنى، ئۇلار پۇلنى ئېلىپلا تۇيۇق يولغا بېشىچە كىرىپ كەتكەن قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ روھىدا كۆكلىگەن يىلتىزى بولىدۇ، لېكىن ئاپتور بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان.

        يەنە بىرى، ئەقىدە ئۆزىنى ياردىن ئاتقاندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، شۇ يەردىكى ماھىر ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، ئەقىدەنىڭ شۇنچە ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاسانلا بىر زىيالىي بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلىش باسقۇچىغا يېتىشى سەل غەلىتىلىك بولامدۇقانداق؟

        قىسقىسى، يۇقىرىقى بىر نەچچە كىچىك تەپسىلاتلارنىڭ چىنلىققا ئانچە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىدىن باشقا، بۇ روماننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان رومان دېسەك ئوشۇق كەتمەس.

    مەنبە شىنجاڭ گېزىتى


    收藏到:Del.icio.us