ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە تەتبىقلىنىشى ھەققىدە - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    زەمىر سەيىدۇللازادە
    ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركى تىللىق شېئىرىيەتكە تەتبىقلىنىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا بۇ ساھەگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات بېرىلمىگەننىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئورنى تېخى تولۇق تەتقىق قىلىنىپ، ئىلىم ساھەسى قايىل بولغۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگىنى يوق. ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتقا سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىغا ئايلىنىشى بەزىدە كىشىگە تاسادىپىي ھادىسىدەكمۇ تۇيۇلىدۇ. چۈنكى ئەگەر بىر تۈركى تىللىق خەلقلەر (ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەر)نىڭ ئەدەبىيات تارىخلىرىدا بىردەك يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1070-1069-يىللىرى ئارىلىقىدا خاقانىيە ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا تۇنجى بولۇپ ئارۇز ۋەزنىدە يارىتىلغان يېرىك ئەسەر دېگەن خۇلاسىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولساق، كاللىمىزدا دەرھاللا تۈركىي تىللىرىدا ئارۇز ئىلىمىگە ئائىت ھېچقانداق ئەسەر يارىتىلمىغان ۋە تۈركىي تىللىرىنىڭ ئارۇزدىكى ئۆلچەملىرى تېخى بەلگىلەنمىگەن بىر شارائىتتا يەنى تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا ئارۇز ئىلىمىگە ئائىت ھېچقانداق نەزەرىيىۋى ئاساس بولمىغان بىر شارائىتتا ئارۇزدىكى شېئىرىي ئۆرنەكلەر ئاساس قىلىنغان بۇنداق بىر يىرىك ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنمۇ، دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا ئارۇز ئىلىمىگە ئائىت تۇنجى ئەسەر ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مىزانۇل ئەۋزان»(شېئىرلار ئۆلچىمى)ى بولۇپ، ئۇ
    ⅩⅤ
    ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىللىرى، ئېنىقراقى «1499-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن سەل كېيىنرەك يېزىلغان»①. تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان تۇنجى بەدىئىي ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن ئارۇز ئىلمىي نەزەرىيىسىگە بېغىشلانغان تۇنجى ئىلمىي ئەسەر «مىزانۇل ئەۋزان» نىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن بەش ئەسىرلىك ۋاقىت پەرقى مەۋجۇت. مۇشۇ بىرلا مەسىلىدىن بىز ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتقا تەتبىقلىنىشى مۇرەككەپ بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇ باشلىنىشىدىلا ئىستىخىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ مەسىلە يەنە تۈركى تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇزنىڭ قائىدىلىرىنى بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئۆز ئىچىدىن ئەمەس، بەلكى ئەرەب ۋە پارس-تاجىك شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ئىلىمىدىن ئىزدەشكە ۋە شۇ نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق رەۋىشتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ:
    ئەرەبچە، تاجىكچە كىتابلار تولا،
    بىزنىڭ تىلىمىزدا بۇ يالغۇز، شۇلا②.
    دېگەن سۆزىمۇ باشقا ساھەلەر بىلەن بىرگە، شۇ دەۋرگىچە ئەرەب ۋە پارس-تاجىك ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىجادىيىتىدە نەزەرىيىۋى ئاساس سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئارۇز ئىلىمىگە ئائىت كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. ئەگەر بىز ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە تەتبىقلىنىشىنى ئىسلام دىنىنىڭ شەرقتە كەڭ تارقىلىشى بىلەن يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئوخشىمىغان ئىرىق ۋە مەدەنىيەت سىستېمىلىرىغا تەۋە خەلقلەرنىڭ ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرى قويۇق تۈس ئالغان چوڭ مەدەنىي مۇھىت ئىچىگە قويۇپ يەنى مۇشۇ چوڭ مۇھىت ئىچىدە كۈزىدىغان بولساق، ئۇھالدا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قانداق بولۇپ ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغانلىقى تاسادىپىي بىر ھادىسە بولۇپ تۇيۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە تەتبىقلىنىش جەريانىدىكى كۆپلىگەن چىگىش سۇئاللارغىمۇ قايىل قىلايلىق جاۋابلارنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
    ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە تەتبىقلىنىشى، ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك خېلىلا مۇرەككەپ بولغان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭدا خۇددى ئەرەب ۋە پارس-تاجىك شېئىرىيىتىدىكى ئارۇزدەك ئارۇز ئىلمىدە مەۋجۇت بولغان ئومۇمىي قائىدىلەرمۇ ۋە تۈركى تىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خاس قائىدىلەرمۇ مەۋجۇت. تۈركى تىللىق شېئرىيەتتىكى ئارۇزدا ئىپادىلىنىدىغان بۇ خىل ئومۇمىيلىق بىلەن خاسلىقنى توغرا پەرق ئېتىشتە ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئرىيەتتىكى كونكرېت قائىدىلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇكى، ئەرەب شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ئەرەب تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ يېزىقتىكى ئىپادىلىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. قىسمەت قوشۇمچە قائىدىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ خىل ئەنئەنە پارس-تاجىك ئارۇزىدىمۇ ساقلاپ قېلىنغان. تۈركى تىللىق شېئىرىيتتىمۇ ئارۇز ۋەزنىنىڭ قوللىنىلىشى ئەرەب يېزىقىنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارسىدا ئومۇملىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئەمما تۈركىي تىللىرىدا قوللىنىلغان ئەرەب يېزىقى ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىكىدەك مەۋجۇت تاۋۇشلارنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. يېزىق بىلەن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئوتتۇرىسىدا خېلىلا چوڭ پەرق مەۋجۇت. بۇ خىل پەرق ئاخىرقى ھېسابتا تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇز قائىدىلىرىنىڭ قېلىپلىشىشىغا ناھايىتى كۆپ توسالغۇچلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب ۋە پارس تىللىرى ئارۇز ئىلمى كەشىپ قىلىنغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن. مىڭ يىل ئىلگىرى رۇدەكى ئىجاد قىلغان ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى پارس تىللىق خەلقلەر ئۆز ئورىگىنالىدا ئوخشاشلا كۆرەلەيدۇ. ئەرەب پارس تىللىرىنىڭ يېزىقتىكى ئىمىلاسىمۇ مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىمىلا بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما تۈركى تىللىرى تەخمىنەن مىڭ يىللىق بۇ جەرياندا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. نەتىجىدە ئارۇز ئۆرنەكلىرىدە يېزىلغان تۇنجى ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىلى بۈگۈنكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن چۈشىنىش تەس بولغان ھەتتا تەرجىمسىز تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىي تىللىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ ئىملاسىغىمۇ ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى لاتىن ۋە سىلاۋىيان يېزىقلىرىدىكى ئىملاغىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى. تۈركىي تىللىرىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئارۇز قائىدىلىرىگە مايىللىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر قايسى تىللار لېكسىكىسىنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ۋە ھەرقايسى يېزىقلاردىكى ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى تارىختا تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا كېيىنكلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن خەۋەرسىز قالىدىغان، ئەدەبىياتنىڭ ئۆزى ئەنئەنىۋى جەھەتتە بىر ئۇلىنىپ، بىر ئۈزۈلۈپ قالىدىغان، دائىم تەسىرگە ئۇچرايدىغان ئورۇندا تۇرۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇز ئىلىمىنىڭ قېلىپلىشىشىغىمۇ ناھايىتى زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇز قائىدىلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشقىنىمىزدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەلبىي تەسىرلەرنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايمىز.
    1. تۈركىي تىللىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىشى
    ئارۇز ئۆلچەملىرىدە ئۇزۇن ۋە قىسقا بوغۇم ئاساس قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلەيدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خاقانىيە تىلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە بولۇپمۇ ئۇنىڭ فونتېكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۈستىدە خېلى ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان تىلشۇناس ئالىملىرىمىزدىن خەمىت تۆمۈر، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، ئامىنە غاپپار قاتارلىق تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا تۇنجى قېتىم ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان. ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ تىلىدا «
    ü,u,o,θ،i,a,ə دىن ئىبارەت يەتتە سوزۇق تاۋۇ فونېمىسى بار»③ دەپ قارىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «i
    » تاۋۇشىنىڭ يەنە «1» دىن ئىبارەت بىر ۋارىيانىتنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ ۋارىيانىتنىڭ بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ماسلىشىش رولىنى، كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۇزۇن ئاھاڭداشلىقىنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، شۇ دەۋرىگىچە قوللىنىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ بىرلا ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ دەۋردىكى تىلنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ.
    مىر سۇلتان ئوسمانوۋ بىلەن خەمىت تۆمۈر ئەپەندى چاغاتاي تىلىدىمۇ «سوزۇق تاۋۇش فونېمىلىرى يەتتە، يەنى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار تۆت
    o,ü,u,θ؛ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچ: i,a,ə»④ دەپ قارىشىدۇ. يەنە بەزىلەر  
    چاغاتاي تىلىدا سەككىز سوزۇق تاۋۇشى بار ئىدى دېگەن قاراشنى ياقىلايدۇ⑤. دېمەك، مەيلى خاقانىيە تىلى بولسۇن ياكى چاغاتاي تىلىدا بولسۇن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ سانى ۋە تەلەپپۇزىدا ئاساسەن چوڭ پەرق كۆرۈلمەيدۇ. ئارۇز ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا گەپ ئۇلارنىڭ قانچە بولۇشى ۋە تەلەپپۇزدىكى پەرقىدە ئەمەس، بەلكى يېزىقتا قانداق ئىپادىلگەنلىكىدە بولۇپ، تۈركى تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇزدا دۇچ كېلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرمۇ دەل شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.
    بۈگۈنكى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا، ئەرەب تىلىدىمۇ، پارس تىلىدىمۇ ئالتە سوزۇق تاۋۇش بار بولۇپ، بۇلاردىن ئۈچى ئوخشاشلا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش، ئۇلار يېزىقتا ئايرىم ھەرىپلەر (ا، او، اى) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەنە ئۇچى قىسقا سوزۇق تاۋۇش بولۇپ ئۇلار ئايرىم شەرتلىك بەلگىلەر (1، ا، ا) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەيلى ئەرەب تىلى ياكى پارس تىلىدا بولسۇن بىر ھەرپ ياكى شەرتلىك بەلگە بىلەن بىر نەچچە سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋال يوق. بۇ نۇقتىدىن ئەرەب پارس تىلىنىڭ ھەر ئىككىسىدە سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئۇنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىشىدە چوڭ پەرق كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما تۈركىي تىللىرىغا تەتبىقلانغان ئەرەب يېزىقى، قىسمەن ئىلاۋىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەسلەپتە ئەرەب تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان شەكىلدە، قوبۇل قىلىنغاچقا، ئۇ تۈركىي تىللىرىدا مەۋجۇت تاۋۇشلارنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن. بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    1) يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈركى تىللىرىدىكى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار تۆت (
    o,ü,u,θ) بولۇپ، ئۇلار ئەرب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقتا بىر ھەرپ (او) ۋە بىر شەرتلىك بەلگە (ا) بىلەن ئىپادىلگەن. ئۈچ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش (i,a,ə
    ) يېزىقتا ئىككى ھەرپ (1 اى) ۋە بىر شەرتلىك بەلگە (1) بىلەن ئىپادىلگەن. يەنى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر يېزىق ئەدەبىي تىلىدىمۇ ۋە كېيىنكى چاغاتاي تىلىدىمۇ يەتتە تاۋۇش ئۈچ ھەرپ ۋە ئۈچ شەرتلىك بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلگەن. بۇ ھال يېزىق بىلەن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئوتتۇرىسىدا خېلى چوڭ پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئىملادىكى ئىپادىلىنىش قائىدىلىرى تۇراقسىز بولۇپ، گاھىدا ھەرپ بىلەن ئىپادە قىلىنسا، گاھىدا ھەرىكە (شەرتلىك بەلگە) بىلەن ئىپادىلەنگەن. نەتىجىدە سۆز تەركىبىدىكى بۇنداق سوزۇق تاۋۇشلارنى قانداق تەلەپپۇز قىلىشتا يېزىققا ئەمەس، تىل تەجرىبىسى ياكى تۇيغۇغا تايىنىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ئەھۋال يېزىق تىلىدا مەقسەتنى ئىپادىلەشكە بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىي تىللىق شائىرلار ئۈچۈن سۆزلەرنى ئارۇز قېلىپلىرىغا چۈشۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغان.
    2) بۈگۈنكى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئەرەب ۋە پارس تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار قىسقا ۋە ئۇزۇندىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئارزۇ كەشىپ قىلىنغان دەۋرلەردە تاۋۇشلارنى ئۇزۇن ۋە قىسقا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈش ئادىتى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىندىغانلىرى يەنى سوزۇشقا بولىدىغانلىرى ئايرىم ھەرپ ( ا، او، اى) لەر بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئۇلار ھەم ئۈزۈك تاۋۇشلار، ھەم ئوخشىمايدىغان تۈردىكى سوزۇق تاۋۇشلاردىن پەرقلەندۈرگەن ھالدا «ھەرفى ئىللە» نامى بىلەن ئاتالغان. قىسقا تەلەپپۇز قىلىندىغان ۋە سوزۇشقا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلار يېزىقتا شەرتلىك بەلگىلەر (1،1،1ياكى
    ،،)بىلەن ئىپادىلىنىپ، «ھەرىكە» نامى بىلەن ئاتالغان. يەنى مەيلى ئەرەب تىلى ياكى پارس تىلىدا بولسۇن، ئۇزۇن ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىندىغان سوزۇق تاۋۇشلار يېزىقتىمۇ روشەن رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇڭا، سۆزلەرنى ئارۇز قائىدىلىرى بويىچە بوغۇملارغا ئايرىغاندا، ئۇلارنىڭ يېزىقتىكى ئىپادىلىشىگە قاراپلا بوغۇمنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. تەركىبىدە ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بار، يەنى ھەرفى ئىللە بىلەن يېزىلغان سۆزلەر ھېچ ۋاقىت قىسقا بوغۇم بولالمايدۇ. بىر قىسقا سوزۇق تاۋۇش ياكى ئۇنىڭغا يەنە بىر ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇلغانغا قەدەر ھېچ ۋاقىت ئۇزۇن بوغۇم بولالمايدۇ. قىسقا سوزۇق تاۋۇشلۇق بوغۇملار تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سانى ئىككىگە يەتكەندىلا، ئاندىن ئۇ ئۇزۇن بوغۇم بولالايدۇ. بۇ، ئەرەب تىلىدىكى ئارۇزدىمۇ قېلىپلاشقان قائىدە، ئەمما تۈركىي تىللىرىدا سوزۇق تاۋۇشلارنى ئۇزۇن ۋە قىسقا دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىش ئەزەلدىنلا مەۋجۇت ئەمەس. خەمىت تۆمۈر قاتارلىق ئالىملارمۇ تۇنجى ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» تە سوزۇلما سوزۇق تاۋۇش فونېمىلىرىنى كۆرسىتىدىغان ھەرپلىك بەلگىلەر يوق»⑥ دەپ قارىشىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ «گەرچە بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ باش بوغۇمىدا بوغۇم بېشى بولۇپ كەلگەن بەزى سوزۇق تاۋۇشلار ھەرپى لىن(ا، او، اى)⑦ نىڭ قاتنىشىشى بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئىملاسى باشتىن-ئاياغ ئىزچىل ئەمەس»⑧.1/a،u،/uاو، /i اى تاۋۇشلىرى بار سۆزلەر ئارۇز نۇقتىسىدىن ھەم ئۇزۇن بوغۇم، ھەم قىسقا بوغۇم بولالايدۇ. ئەمما بۇ ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان سۆزلەر ئەرەب ۋە پارس ئارۇزچىلىقىدا پەقەت ئۇزۇن بوغۇملا ھېسابلىنىدۇ. قالايمىقانىچلىق شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇكى، چاغاتاي تىلىدا زور تۈركۈمدىكى ئەرەب، پارس سۆزلۈكلىرى مەۋجۇت. بۇ سۆزلەر چاغاتاي تىلىنىڭ ئىمىلاسىدىمۇ ئاساسەن ئۆز ئەسلىنى ساقلاپ قالالىغان. ئارۇز ئىلمىدە مۇنداق سۆزلەرنى بوغۇملارغا بۆلگەندىمۇ ئەرەب ۋە  
    پارس ئارۇزىدىكى تەقتېئ قائىدىلىرى رىئايە قىلىنىدۇ.
    يەنى بوغۇملارنىڭ تەركىبىدە ھەرفى ئىللە (ا، او، اى)بولغان بولسا، بۇنداق بوغۇملار ئادەتتە قىسقا بوغۇم دەپ قارالمايدۇ. ئەمما تۈركىي تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، تەركىبىدە ھەرفى ئىللە(ا، او، اى) كەلگەن سۆزلەر بولسا، يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمىغان ھالدا بەزىدە قىسقا، بەزىدە ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ قالىدۇ. شۇ مەنىدە «سادىق مىرزايۋنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېك ئارۇزىدا ھەر بىر سۆزنى بىر نەچچە سىخېمىدا كەلتۈرۈش مۇمكىن. مەسىلەن، ‹بىرى› سۆزىنى ئىككى ئۇزۇن بوغۇم (--)، بىر قىسقا، بىر ئۇزۇن(
    v-)، بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا بوغۇم(-v)، ئىككى قىسقا بوغۇم (v v)تۆت خىل شەكىلدە ۋەزىنگە چۈشۈرسە بولىۋېرىدۇ»⑨. بۇ سۆزدىنمۇ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇزدا يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزى جەھەتلەردە بىرلىككە كەلگەن قائىدىنىڭ يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. «ئارۇز يازما پوئىزىيىدە يېزىق ئارقىلىق رېئاللىشىدۇ. ئارۇز تەقتېئى ئەرەب يېزىقى بىلەن باغلىقتۇر»⑩. ئەمما بۇ سۆزنى پەقەت ئەرەب ۋە پارس شېئىرىيىتىدىكى ئارۇزغىلا تەتبىقلاشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى تىلدىكى ئارۇزدا سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ يېزىقتىكى شەكلى ئاساسى ئورۇنغا قويۇلىدۇ. تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە بولسا، سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن يېزىقتا ئىپادىلىنىشىدە خېتى چوڭ پەرق مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلماي، پەقەت يېزىقتىكى شەكىلگە قاراپلا، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ تۈركىي تىللىرىدىكى ھەرفى ئىللە (ا، او، اى) بىلەن يېزىلىدىغان سۆزلەرنىڭ بوغۇمدىكى تۇراقسىزلىقى ئارۇزدا بۇنىڭغا ئائىت مەلۇم قائىدە بەلگىلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئارۇز ۋەزنىدە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغۇچىلارنىمۇ تولا ۋاقىتلاردا قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. داڭلىق توركولۇگ. ئى.ۋ. سىتېبلېۋا خانىمنىڭ «ئارۇزنى تۈركىي تىلىغا ماسلاشتۇرۇش ماھارەتكە ھەم باغلىق»
    دېيىشىدىمۇ مۇشۇنداق بىر ئەمەلىيەت كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
    3) تۈركىي تىللىرىدا قەدىمكى ئەسەرلەرنى بۈگۈنكى يېزىققا ئۆرۈشتىمۇ نۇرغۇن قېيىنچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ؛ بۇ بىرىنچىدىن، تۈركىي تىللىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەر قايسى تەرەپتىن خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى بىلەن، ئىككىنچىدىن، يېزىقتىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۆزبېكىستانلىق ئالىم ئۇممەت تويچىيېۋ بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىلگىرىكى ئارۇز ۋەزنىدە شېئىر يازغان شائىرلار شېئىرلىرىنى ئاساسەن ئەرەب يېزىقىدا يازغان (چۈنكى ھازىرغىچە ئارۇزنىڭ رۇس گرافىكسى ئاساسىدىكى مۇكەممەل نەزەرىيىسى يارىتىلمىدى). ئەرەب يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان شېئىر رۇس گرافىكىسىگە ئۆرۈلگەندە بەزى چەلكەشلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئارۇزدىكى شېئىر توغرىدىن توغرا رۇس گرافىكىسى ئاساسىدىكى ھازىرقى ئۆزبېك يېزىقىدا يېزىلسا، بۇنداق چەلكەشلىك كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭدىكى ئەيىب ئەرەب گرافىكىسىدا دەپ ئېيىتىشقا بولمايدۇ. گەپ «ۋ»نى ھازىر «ئوۋ-
    yB»،«y»،«ى»،«ئىИ،«ИЙ» شەكىللىرىدە يېزىشقا بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ. «سۇۋ-CyB» سۆزى ئەرەب يېزىقىدا «سو» يېزىلىدۇ. بۇ شۇ يېزىق نۇقتىئىنەزەرىدىن قىسقا بوغۇمدۇر. لېكىن بۇ سۆز ھازىرقى رۇس گرافىكىسىغا ئۆرۈلسە، «CyB» شەكلىدە يېزىلىدۇ ۋە ئۇ ئۇزۇن بوغۇمغا ئايلىنىدۇ»
    .
    ئۇممەت تويچىيېۋنىڭ بۇ سۆزنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە بۇ تىلدا قوللىنىلىۋاتقان يېزىققىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق ئوتتۇرا ئەسىر ۋە چاغاتاي تىلى دەۋرىدىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئەڭ تىپىك پەرقلەرنىڭ بىرى شۇكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەممىسى ئايرىم ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تەلەپپۇزى بىلەن يېزىقنىڭ ئوتتۇرىسدا پەرق يوق دېيەرلىك. شۇنداقتىمۇ كلاسسىك شېئىرلارنى ھازىرقى يېزىققا ئۆرىگەندە، خۇددى ئۈممەت تويچىيېۋ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، سۆزلەرنىڭ بوغۇملىرىدا ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇزى ئىلگىرىكىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىدا بولۇپ، بۇنداق پەرق يېزىقتىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. مەسىلەن، چاغاتاي تىلىدىكى «ساۋۇق»
    سۆزى شۇ شەكىلدە ئىككى ئۇزۇن بوغۇم (--) دىن تەركىب تاپقان بولسا، ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزى بىلەن «سوغۇق» شەكىلدە يازىدىغان بولساق، بىر قىسقا ۋە بىر ئۇزۇن بوغۇم (v-)غا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، يەنە چاغاتاي تىلىدا ئەرەب، پارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردە ئەسلىدىكى تەلەپپۇز ساقلانغان. ئەمما، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، بۇ خىل سۆزلەر ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە يېزىقتىمۇ شۇ تەرىزىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، چاغاتاي تىلىدىكى «جەفا» سۆزى بىر قىسقا ۋە بىر ئۇزۇن بوغۇملۇق(v
    -) سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇز شەكلى «جاپا»نى ئىككى ئۇزۇن بوغۇم (--) دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. كلاسسىك شېئىرلارنى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرىگەندە بوغۇملارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان، ۋەزىنىدە قالايمىقانىچلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە باشقا ئامىللارمۇ بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئامىللارنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىقىش ناھايىتى زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىلمىي ئەمگەك. شۇڭا، بىز بۇ تېمىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تۈركىي تىللىق ئارۇزدىكى رۇكنگە ئائىت قائىدىلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ باقايلى.
    2. تۈركىي تىللىق ئارۇزدىكى رۇكنىگە ئائىت چۈشەنچىلەر
    تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا ئارۇز ۋەزىنىدە تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىنغان ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» مەيدانغا كەلگەندىن تاكى تۈركىي تىلىدا ئارۇز ئىلمىگە ئائىت تۇنجى ئىلمىي ئەسەر «مىزانۇل ئەۋزان» بارلىققا كەلگۈچە بولغان تەخمىنەن بەش ئەسىرلىك ۋاقىت جەريانىدا تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە ئارۇز ئىلمىگە دائى تۈركىي تىللىرى ۋە بۇ تىللاردىكى شېئىرىيەتنىڭ خاس قانۇنىيەتلىرىگە ماس كېلىدىغان بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ياكى قوللانما بولمىغان. بۇ دەۋرلەردە ئارۇز ۋەزىنىدە تىللىرىنىڭ پارس تىلى بىلەن فونېتىكا ۋە بوغۇم تۈزۈلۈشى جەھەتلىرىدىكى يېقىنچىلىقىغا تايىنىپ، ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە پارس تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئارۇز ئۆلچەملىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە تەتىبقلاپ، ئۇنىڭ ۋەزنىنى تەڭشىگەن. يەنى بۇ ئىشتا تۈركىي تىللىق شائىرلار بىرلككە كەلگەن قائىدىگە ئەمەس، بەلكى خۇددى ئ. ۋ. سىتېبلېۋا خانىم ئېيىتقاندەك، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ماھارەتلىرىگە تايانغان.
    ئەلشىر نەۋائىينىڭ «مىزانۇل ئەۋزان»ى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن زەھىرىددىن بابۇرنىڭ «مۇختەسەر»ى بارلىققا كەلگەندىن كېيىنمۇ، قىسمەن قائىدىلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقىدەك ئەنەئەنە يەنىلا داۋاملىشىۋەرگەن. چۈنكى تۈركىي تىلىدا ئارۇز ئىلمىگە بېغىشلانغان بۇ ھەر ئىككى ئەسەردە ئوخشاشلا ئاپتورلار ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە ماس كېلىدىغان ۋە كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن. ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئرۇز قائىدىلىرىنى بۇ ۋەزىنىدە شېئىرىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان بارلىق خەلقلەر ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئورتاق قائىدە دەپ قاراشقان. ئۆزبېكىستانلىق ئالىم ئۇممەت تويچىيېۋ ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنى نوقۇل ھالدا ئۆزبېك شېئىرىيىتى دەپ ئاتاپ، بۇ ھەقتەشۇنداق پىكىرلەرنى بايان قىلىدۇ:«ئۆزبېك ئارۇزى ھەققىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تەلىماتى ئومۇمەن ئەرەب، پارس-تاجىك ئارۇزى ئاساسىدا، خۇسۇسەن پارس-تاجىك ئارۇزى ئاساسىدا شەكىللەندى. بۇ تەلىماتقا ئاساسلانغان پوئېتىك مەنبە پەقەت ئىنقىلابقىچە(ئۆكتەبىر ئىنقىلابى كۆزدە تۇتۇلغان-ز.س) بولغان ئۆزبېك پوئېزىيىسى ۋە خەلق ئاغزاكى شېئرىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى پارس-تاجىك پوئېزىيىسىدىن ھەم ئىبارەت ئىدى. چۈنكى ئۆزبېك ئارۇزشۇناسلىرى ئارۇزنىڭ ئاساسى ئۇ قوللىنىلىپ كېلىنگەن تۈرلۈك تىللاردىكى پوئېزىيە ئۈچۈن ئومۇمىي دەپ بىلىشكەن. بۇنى بابۇرنىڭ ئارۇزغا پارس-تاجىك شېئىرلىرىدىن دەللىلەر كەلتۈرۈشىدە ھەم كۆرۈش مۇمكىن»
    . يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر نەتىجىسىدە، تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا ئارۇز ئىلىمىگە بېغىشلانغان ئىلمىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئارۇز ئىلمى نۇقتىسىدىن تۈركىي تىللىرى فونېتىكىسىدىكى ئۆزىگە خاس ۋە پەرقلەر تولۇق ئېچىپ بېرىلمىگەن. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى خىلمۇ-خىل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىزچە يەنىلا تۈركىي تىللىرى لېكسىكىسىنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالالماسلىقى، نەتىجىدە كېيىنكىلەرنىڭ ئالدىنقىلار ئىجادىيىتىدىن خەۋەرسىز قېلىشى بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئارۇز قائىدىلىرىدەك بىر مۇكەممەل نەزەرىيىۋى سىستېمىنى مەلۇم بىر تىلدىكى شېئىرىيەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خاسلىق ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە ئەنئەنە ۋە خەلقنىڭ ئېستېتىك تەلەپلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئارۇزدىكى رىتىم ۋە ئاھاڭدارلىق ئۈستىدىمۇ تاللاش ئېلىپ بېرىشقا، ئەنئەنىگە ماس كەلمەيدىغان، شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرگە يات تۇيۇلىدىغان رىتىملىق بەھرلەرنى شاللىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەرەب ئارۇز قائىدىلىرىنىڭ پارس-تاجىك شېئىرىيىتىگە تەتبىقلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ۋاھالەنكى، تۈركىي تىللىرى لېكسىكىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشى، ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» تەك يىرىك ئەسەر تىلىنىڭ نەۋائى ۋە بابۇر دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇلارغا چۈشىنىش تەس بولغان بىر تىلغا ئايلىنىپ قېلىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر يىرىك ئەسەردىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ئارۇز ئىلمىگە ئائىت ئىلمىي ئەسەر يازغان نەۋائىيىگىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بابۇرغىمۇ بۇنداق ئىمكانىيەت بەرمىگەن. نەۋائىي «مىزانۇل ئەۋزان» دا رۇكىن ۋە بەھرلەردىن قايسىسىنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىدە مەۋجۇت بولغان رىتىملارغا ماس كېلىدىغانلىقى ۋە قايسىلىرىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇ ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ ئەسىرىدە ئەرەب ۋە پارس-تاجىك شېئىرىيىتىدە قوللىنىلىۋاتقان بارلىق بەھرلەرگە ئۆزىنىڭ ئىجادىيى شېئىرلىرى ئارقىلىق مىسال كۆرسىتىپ، كېيىنكىلەرنى شۇ يولدا يېتەكلەشكە تىرىشىدۇ. بابۇر بولسا، ئارۇز ئىلمىدىكى قائىدىلەرنى ئەرەب، پارس-تاجىك ۋە تۈركىي تىللىق شېئىرىيەت ئۈچۈن ئومۇمىيلىققا ئىگە دەپ قاراپ، ئۇلارنى شۇ نۇقتىدىن شەرھىلەيدۇ ۋە كۆپىنچە مىساللىرىنى پارس-تاجىك شېئىرىيىتىدىن كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، نەۋائى ۋە بابۇرنىڭ ئەسەرلىرىدە رۇكن ۋە بەھرنىڭ سانى ئارۇزدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كۆرسىتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەرەب ۋە پارس شېئىرىيىتىدكى پەرقلەر تىلغا ئېلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇلاردىن قانچىسىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىنمايدۇ. يەنى ئۇلار بۇ جەھەتتە سانلىق مەلۇمات بەرگەندە، ئەرەب ۋە پارس-تاجىك ئەدەبىياتىدا مەۋجۇت بولغان رۇكن ۋە بەھرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى بىلەن بىز تۆۋەندىكىدەك تونۇشىمىز.
    ئەرەب شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز قائىدىلىرىدە، ئەرەب تىلىنىڭ فونېتىك ئالاھىدىللىكلىرى چىقىش قىلىنغان ھالدا ئەرەب شېئىرىيىتىدە (10) 8 سالىم رۇكن مەۋجۇت دەپ قارىلىدۇ. ئارۇز پارس-تاجىك ئەدەبىياتىغا تەتبىقلانغاندىن كېيىن پارس-تاجىك ئارۇزچىلىرى شېئىرىيەتنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ۋە خەلقنىڭ رىتىم ھەم ئاھاڭدارلىققا بولغان ئەنئەنىۋى تەلەپلىرىنى چىقىش قىلىپ، بۇ (10)8 سالىم رۇكندىن پەقەت (7)5 ىنىڭلا پارس-تاجىك شېئىرىيىتىگە ماس كېلدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، پارس-تاجىك شېئىرىيىتىدىكى بەھرلەر مۇشۇ بەش رۇكن ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئەمما تۈركىي تىللىق كلاسسىك ئارۇزچىلار سالىم رۇكنلارنىڭ سانىنى تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي ئارۇزشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بايان قىلىپ، خۇددى ئەرەب ئارۇزچىلىقىغا ئوخشاشلا سالىم رۇكنلارنى سەككىز دەپ كۆرسىتىدۇ. پەقەت نەۋائىيلا بۇ سەككىز رۇكندىن بەشىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە ماس كېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. نەۋائىي بۇ توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بەس مەۋزۇن كەلام تەئلىفىدە بۇ ئەركان تەركىبىدىن گۈزىر يوقتۇر ۋە ئەرەب ۋە ئەجەم شۇئەراسىنىڭ جەمئىي ئەشئارى مۇرەككەپ بۇ ئەركان ئىجتىمائىدىندۇر ۋە ئارۇز ئەھلى ئانى‹ئەفائىل› ۋە ‹تەفائىل›، دېرلەر ۋە ئۇ سېككىز فەسىلىغە مۇنھەسىردۇر»
    . نەۋائىي سەككىز رۇكننىڭ ئىسمىنى بىرمۇ بىر ئاتاپ بولغاندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ۋەئۇلچە سېككىز ئۇسۇلدىن فارىسى شېئىردە كەسىرۇلۋوقۇئدۇر-بېشىدۇر: (1) (مەفائىلون)، (2) (فائېلاتون)، (3) (مۇستەفئېلون)، (4) (مەفئۇلاتو)، (5) (فەئئۇلون) ۋە تۈركچە شېئىردە ھەم ئولچە مۇلاھىزە قىلىلىبدۇر، بۇ ئەركاندىن ئۆزىگە ۋوقۇئ تاپمەس، مەرگە تەكەللۇق بىلە»
    دەپ يازىدۇ. نەۋائىينىڭ بۇ سۆزىدىن تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتمۇ ئەگەر ئىجادىيەت تەكەللۇپسىز بولسا يەنى زورىغا باشقا رۇكنلاردا شېئىر يېزىلمىسا، پارس-تاجىك شېئىرىيىتىگە خاس بولغان بەش رۇكن دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلە ئۈستىدە بەزى مۇنازىرلەرنىڭمۇ بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا قەتئىي بىر يەكۈن يوق.
    زەھىرىددىن بابۇرمۇ ئارۇزنىڭ رۇكنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «فوسەھا ئەجزانى ھەر بىرى بىلە تەركىب قىلىپ رۇكنلەر ئېتىبار قىلدىلەر، بۇ ئەركان سۈرەتتە سېككىزدۇر، ھەقىقەتتە ئۇن. ئارۇزىيلار بۇ ئەركاننى ئۇسۇلى، ئەفائىلوتەفائىل، ئەۋزانى مەۋازىندېرلەر… ھېچ رۇكن بېش ھەرفتىن كەمراق ۋە يېتتە ھەرفتىن كۇپراق كېلمەيدۇر»
    دەپ يازىدۇ. بابۇر بۇ سەككىز رۇكنىدىن قانچىسىنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پىكىر بايان قىلمايدۇ. بۇ ھەر ئىككى ئەسەردىن مەلۇمكى، شۇ دەۋرلەردىمۇ ئارۇزنىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتكە ماس كېلىدىغان مۇستەقىل رۇكنلار سىستېمىسى تېخى ئىشلەنمىگەن. ئەلشىر نەۋائىي بىلەن زەھىرىددىن بابۇر تىلغا ئالغان (10) 8 سالىم رۇكن ۋە بۇ رۇكنلارنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى جۇزۋلار ۋە رۇكنلارنىڭ جۇزۋلاردىن تۈزۈلۈش قانۇنىيەتلىرى ئەينەن ئەرەب ئارۇزچىلىرىغا خاس ئۇسۇلدا تونۇشتۇرۇلغان. نەۋائىي بىلەن بابۇرنىڭ زىھافلارغا ئائىت بايانلىرىدىمۇ خېلى كۆپ پەرقلەر مەۋجۇت. لېكىن بۇ ئارۇز ئىلىمىنىڭ ھەر قايسى تىللاردىكى شېئىرىيەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان ئومۇمىي نەزەرىيىسىگە تەئەللۇق مەسىلە بولغانلىقى، ئۇنىڭدا مىللىي خاسلىق تولۇق گەۋدىلەنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تەپسىلىي شەرھلەشنى ھاجەتسىز دەپ قارايمىز.
    «مىزانۇل ئەۋزان» بىلەن «مۇختەسەر»نى قايسىلا جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرمەيلى، «مۇختەسەر»نىڭ «مىزانۇل ئەۋزان»غا قارىغاندا خېلىلا تەپسىلىي يېزىلغانلىقىنى، مەسىلىلەرنى ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە شەرھلەپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئوڭايلا بايقىيالايمىز. زىھافلارمۇ «مۇختەسەر» دە مۇفرەد(ئاددى) ۋە مۇرەككەپتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈپ تەپسىلىي شەرھىلىنىدۇ. زىھافلارنىڭ ياسىلىش ئۇسۇللىرىمۇ خېلى چۈشىنىشلىك بايان قىلىنغان. ئەسەردە مىساللارمۇ ناھايىتى كۆپ. بۇ جەھەتتىن ئۇ «مىزانۇل ئەۋزان»غا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تارىختا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە «مۇختەسەر» دىن كۆرۈر «مىزانۇل ئەۋزان» كۆپرەك شۆھرەت قازانغان. بۇنداق بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل نەۋائىينىڭ «مىزانۇل ئەۋزان» دا ئارۇز ئىلمىنىڭ مىللىي خاسلىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن يەنى گەرچە ئۇ بۇ ئەسەر ئارقىلىق تۈركىي تىللىق شېئىرىيەت ئۈچۈن ماس كېلىدىغان ئارۇز سىستېمىسىنى تولۇق بەلگىلەپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر مەسىلىنى بايان قىلغىنىدا، ئىمكان بولسىلا ئۇنىڭ تۈركى تىللىق شېئىرىيەتكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرغىنىدىن بولسا كېرەك. بۇ خۇسۇسىيەت «مىزانۇل ئەۋزان» نىڭ تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتىكى ئىشلىتىلىش قىممىتىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

    ئىزاھاتلار:
    ①رەھىم موسۇلمانقولۇۋ: «نەۋائىي ‹مىزانۇل ئەۋزان، ىنىڭ پارسچە مەنبەلىرى»، «تاجىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ ئاخباراتى» ژۇرنىلى، 1991-يىللىق 3-سان، 3-بەت.
    ②يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇبىلىك» داستانى، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1983-يىلى نەشىر قىلىنغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمى يەشمىسى، 73-بەت.
    ③⑥⑧خەمىت تۆمۈر قاتارلىقلار: «‹قۇتادغۇبىلىك، تە ئىپادىلگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1995-يىللىق 2-سان، 47-، 50-بەت.
    ④مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، خەمىت تۆمۈر «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1993-يىللىق 1-سان 20-بەت.
    ⑤ئابلىمىت ئەھمەد: «چاغاتاي تىلى» (ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېرىياللار بۆلۈمى 1998-يىلى باستۇرغان 59-بەت.
    ⑦بۇلار ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپلەردۇر.
    ⑨⑩
    ⑪⑫⑮
    ئۇممەت تويچىيېۋ: «ئۆزبېك پوئىزىيەسىدە ئارۇز سىستېمىسى»، تاشكەنىت، 1985-يىلى نەشىرى، 15-بەتلىرى.
    ⑬⑭
    خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرۇپ پولات: «چاغاتاي تىلى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشىرى، 13-،15-بەتلەر
    ⑯⑰
    «نەۋائى ئەسەرلىرى» («مىزانۇل ئەۋزان») تاشكەنىت 1967-يىلى نەشىرى، توم 139-بەت.
    زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر: «مۇختەسەر»، تاشكەنىت، 1971-يىلى نەشىرى، 18-بەت.

     


    收藏到:Del.icio.us