-
2010-06-04
مۇھەممەد چاۋار - [سەرخىللار ئارخىپى]
شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، جامائەت ئەربابى مۇھەممەد چاۋار 1949-يىلى "يىپەك ئىلى" دەپ تۇنۇلغان خوتەندە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن چارۋىچىلىق باشقارمىسى، مەدەنىيەت باشقارمىسى (ھازىر باشقارما دېگەن گەپ ئەمەلدىن قېلىپ ئىدارە دېيىلىدۇ) دا باشقارما (ئىدارە) باشلىقى، مەمۇرىي مەھكىمىدە باش كاتىپ بولغان. ھازىر پىنسىيىدە.
مۇھەممەد چاۋار 1973-يىلى "ئورما قوشىقى" ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرگەن. ھازىرغىچە نەچچە يۈزلىگەن نەزمىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار بۇرۇن يېزىلغان : مەشئۇملۇق" ناملىق پوۋېستى قولدىن-قولغا، خاتىرىدىن-خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان (بۇ پوۋېسىت يېزىلىپ ئارىدىن 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە يەنى "تارىم" ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىندى).
مۇھەممەد چاۋار شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئاممىباپ، خەلق تىلىغا ناھايىتى يېقىن. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىمۇ قۇيۇق شېئىرىي پۇراققا ئىگە، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە.
مۇھەممەد چاۋار پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن زور ئىشتىياق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ نۇرغۇن ئېسىل لىرىكىلارنى ۋە بىر قىسىم نەسرىي ئەسەر ھەم ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر ماقالىلارنى يازدى. مۇھەممەد چاۋار تۇنۇلغان ئەدىپ بولۇپلا قالماي يەنە پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر قىسىم ماقالىلارنى ۋە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلدى ھەم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى.
مۇھەممەد چاۋارنىڭ "يېشىل مۇھەببەت" (1986-يىل)، "شاھسەنەمنىڭ ئاشىقى" (2003-يىل) ناملىق شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
历史上的今天:
يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا 2010-06-04بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى 2010-06-04ھىدايەت نامە 2010-06-04ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرى 2010-06-04سەيپىدىن ئەزىزى 2010-06-04