ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    سەيپىدىن ئەزىزى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىز رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ،ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ،شائېر،دىرامماتۇرگ. ئۇ 1915-يىلى 3-ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان ، 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا قاتناشقان ،ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئېگە ،مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋېن رەئېسى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان .

    1932-يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى دىھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ جەڭچى ،كاتىپ بولغان .1934 -يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان .1935-يىلى سوۋېت ئېتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇغان .

    1937-يىلى ئوقۇش پۈتتۇرگەندىن كىيىن شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ،شىڭشىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسى تەلىم -تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان .

    1938-يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغىرتاي گىزىتخانىسىدا ئېشلىگەن.كۆچۈرگۈچى ،كوررىكتور ،مۇھەررىر،مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئېشلىگەن

    جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىغا قاتناشقان ،تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكىرتارى بولغان . تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ،مۇئاۋېن مۇدىرى بولغان . 1944-يىلى ئېلى، تارباغاتاي ،ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ،مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋېن نازىرى ۋە نازىرى ،ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيسى ھەربى سوتىنىڭ كاتىپى ،تۇەنجاڭى بولغان ،1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ياشلار ئېتتىپاقىغا قاتنىشىپ ،مەركىزى كومىتىتنىڭ ئەزاسى بولغان .1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت خەلق ئېنقىلابى پارتىيسىگە قاتنىشىپ ،مەركىزى كومىتىتنىڭ ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان ،1946-يىلى 7-ئايدا ئۇچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكىمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكىمىتى بىلەن تىنىچلىق بىتىمى ھاسىل قىلىپ ،شىنجاڭ ئۆلكىلىك دىموكراتىك بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ،ئۈرۈمچىگە كىلىپ بىرلەشمە بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان ،1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكىمىتى تىچلىق بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كىيىن غۇلجىغا كىلىپ ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ،مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .1948-يىلى ئۇ شىنجاڭ <دىموكراتىيە ئېتتىپاقى >غا قاتنىشىپ ،تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى بولغان ،<ئالغا>گىزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان،كىيىن شىنجاڭ <دىموكراتىيەئېتتىپاقى>نىڭ رەئېسى بولغان ،1949-يىلى شىنجاڭ ئالاھىدە رايۇنىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ھۆكىمىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ بىيجىڭغا بىرىپ 1-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسى كىڭەشنىڭ ئومۇمى يىغىنىغا قاتناشقان ،1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ ئەزاسى ،مەركىزى خەلق ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ،قانۇن كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ،مەركىزى مىللى ئېشلار كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان ،1949-يىلى ج ك پ گە ئەزا بولغان .

    1949-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئېسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋېن قوماندانى بولغان ،1951-يىلى ج ك پ مەركىزى كومىتىت شىنجاڭ شۆبە بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ،دائېمى كومىتىت ئەزاسى ،مىللى ئېشلار بۆلىمىنى باشلىقى ،بىرلىكسەپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى ،شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ،جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەمېئيتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى جۇڭگو -پاكىستان دوسلۇق جەمئېيتىنىڭ باشلىقى بولغان ،1952-يىلى 7-ئايداج ك پ مەركىزى كومىتىت شىنجاڭ شۆبە بىيرۇسىنىڭ 4-شۇجىسى بولغان .1953-يىلى 1-ئايدا غەربى شىمال مەمۇرى كومىتىتنىڭ مۇئاۋېن رەئېسى بولغان .1953-يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايۇن پارتىكومىنىڭ ئۈچىنچى شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ قوماندانى بولغان ،1954-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايۇن پارتىكومىنىڭ 2-شۇجىسى ،شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋېن قوماندانى بولغان ،1955-يىلى 10- ئايدا ش ئۇ ئا ر قۇرۇلغاندا ج ك پ ،ش ئۇ ئا رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى ،ش ئۇ ئا ر لۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئېسى ،ج ك پ مەركىزى كومىتىت غەربى شىمال بىيروسىنىڭ ئەزاسى بولغان .1958-يىلى ش ئۇ ئا ر لۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان ،1972-يىلى 7-ئايدا ش ئۇ ئا ر لۇق پارتىكومنىڭ مۇئەققەت 1-شۇجىسى ،ئاپتونوم رايۇنلۇق ئېنقىلابى كومىتىتنىڭ مۇدىرى بولغان ،1973-يىلى 6-ئايدا ش ئۇ ئا ر لۇق پارتىكومنىڭ 1-شۇجىسى ،شىنجاڭ ھەربە رايۇننىڭ 1-سىياسى كومىسسارى ،1-شۇجىسى بولغان .1-،2-،3-،4-،5-،6-،7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائېمى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋېن ۋېييۇەنجاڭى بولغان .ج ك پ 8-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتىتنىڭ كاندىدات ئەزاسى ،9-،10-،11-،12-،13-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتىتنىڭ ئەزاسى ،10-،11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتىت سىياسى بىيرۇسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان .

    يازغۇچى،شائېر ،دىرامماتۇرگ سەيپىدىن ئەزىزى ئېلگىرى -ئاخىرى بولۇپ تارىخى رومان <سۇتۇق بۇغراخان >،تارىخى ئوچىرىك<تەڭرىتاغ ئوغلى>،بىئوگرافىك ئەسەر <ئۆمۈر داستانى>(1-،2-قىسىم)،تارىخى ئوپىرا ئاماننىساخان ،ھىكايە نەسىرلەر توپلىمى<ئەۋلىيا ئاتا>، <ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغىرسىدا ><شانلىق يىللار>قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان ،500دېن ئارتۇق رۇبائې،300پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ئېلان قىلغان .

    ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى <سۇتۇق بۇغراخان >دا ھەقىقى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ ،قۇدرەتلىك قارا خانىيلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋېرنىڭ سىياسى ،ئېجتىمائې ،ئېقتىسادى ،مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ بەدىئېي كارتىنىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل ،شۈنچە رەڭدار قىلىپ سېزىپ چىققان .

    ئۇنىڭ <ئاماننىساخان>ناملىق سەھنە ئەسىرى دراممىلاشتۇرۇلغان .بۇ ئەسەر <خانىش ئاماننىساخان>دىگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ،ھەم بەش قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئېشلىنىپ ،كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئېنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى .

    分享到: