-
2010-06-04
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرى
ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
قايتماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.بالىلىرىمىزغا يادلىتىپ قويايلى...
历史上的今天:
يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا 2010-06-04بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى 2010-06-04ھىدايەت نامە 2010-06-04مۇھەممەد چاۋار 2010-06-04سەيپىدىن ئەزىزى 2010-06-04
收藏到:Del.icio.us