-
2010-06-04
يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
چېقىلغان ئەينەكمەن شۇنچە تاساددىپ،
سەن سوقۇپ ئۆتكەندە كۆزلىرىڭ بىلەن.
بىر تال گۈل ئېچىلدى شۇنچىلىك نەپىس،
ئاشۇ دەم يۈرەكنىڭ قېتىدا تېرەن.
خىيالىم قۇرىدىن كەچتىڭ نەچچە رەت،
رەڭ بەردىڭ تۇيغۇمنىڭ چېچەكلىرىگە.
بۇ ھايات بېغىمنىڭ ئەتىرگۈلىنى،
تاشلىغۇم بار سېنىڭ ئىتەكلىرىڭگە.
يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا،
ئېقىتار ئىستەكلەر ئىزگۈ سېھرىدە.
باھاردەك بىر گۈزەل پەسىل تۇغىلار،
ئېھ !، قىيا بىر باقساڭ ئىللىق مېھىردە.
بىلمەيمەن ناھايەت بارمۇ نىسىۋەم،
كېلىمەن شۇندىمۇ بۇ يولدىن تەكرار.
چاقنىسا چولپاندەك كۆزلىرىڭ قايتا،
ئاھ !، ساڭا قەلبىمنى قىلاتتىم ئىزھار.
«تارىم»ژورنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان.
历史上的今天:
بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى 2010-06-04ھىدايەت نامە 2010-06-04ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرى 2010-06-04مۇھەممەد چاۋار 2010-06-04سەيپىدىن ئەزىزى 2010-06-04
收藏到:Del.icio.us