ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

     ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    كۈنلەر ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ  ۋاپاسىز كۈنلەر. سېنىڭسىزلا ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ.

    مېنى ئەسلەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن سېنى. شۇنداق، ئاشۇ يېراقتا قالغان، يېراقتا قېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ ھەر بىرىدە سەن بار ئىدىڭ. شامالدەكلا كەتتىڭ. كەينىڭدىن خازان كەبى سارغىيىپ، سورۇلۇپ قالدىم. بۇلۇتلار ، بۇلۇتلار يىغلىمىدى ئەمما قارىيىپ كەتتى. ئەلەمدىن قارىيىپ كەتتى ئۇلار. مەن ھەسرىتىمنى يوشۇرماق ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر مىيىقىمدا كۈلدۈم پەرۋاسىز قىياپەتتە. بەلكىم بۇ كۈلكەم بىلەن ھايات دېگەن تېتىقسىز ھەزىلكەشنى مازاق قىلغاندىمەن.

    "خوش! ... " دېگەنىدڭ. "خوش!..." دېگەنىدىم. مەن ساڭا ئەڭ مۇھتاج (بەلكىم سەنمۇ شۇنداقسەن) چاغدا شۇ گەپلەرنى قىلىشقانىدۇق. بۇ خوشلىشىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھىجرانغا تۇتۇرۇق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنىدۇق. ھەي ...  "ئەپسۇس" دەمدىغانسەن ؟!...

    ئاسمانغا قارىدىم. قۇشلار سەن تەرەپكە، جەنۇپقا قاراپ ئالدىراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ساڭا ئالدىراۋاتسا كېرەك خۇددى يۈرىكىمدەك. ئەمما ئامال يوق. ئۇلارغا ئۇچۇشقا يول بولغان بىلەن ماڭا يول يوق. چۈنكى بۇ بىر ئاشىق ھېكايىسى.

    ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ كەتتى بۇ كۈنلەردە. قەلەملەر ۋىسالنى يېزىشقا ئاجىزمىكىن دەيمەن. يۈرەك سۈزمىغۇ ئەمدى بۇ ھېكايىلەردىن؟!!

    *                        *                            *                                  *

     

    بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى

    بىز كەلگەن يوللار ئەسلىمىلىرىمىزگە تۇتاشقان. مەن ئارقامغا قارايمەن. پۇشايمان بىلەن ئەمەس، ئەپسۇسلۇق بىلەن. ئەلبۇملارنى يېرىتىۋېتەلىشىمىز مۇمكىن. سۈرەتلارنى كۆيدۈرىۋېتەلىشىمىز مۇمكىن (سەن بىلەنغۇ كۆپ سۈرەتلەرگە چۈشمىگەنىدۇق). ئەمما ئەسلىمىگە چىلاشقان يۈرەكنىچۇ ؟  رازى ئەمەسمەن بۇ نەتىجىگە.

    "مەن باراي" دېگەن ناخشىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىڭ. مەنمۇ ھەم شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم كېيىنچە. ئۇ ناخشىنىڭ ھەر بىر قېتىدىن سەن كەلگەن ئىدىڭ باھاردەك. ئاجايىپ رومانتىك ئىدۇق. ھېكايىلەردىكىدەك ماڭا ناخشا ئېيىتقۇزۇپ ئاڭلايتىڭ. ساڭا ئاتاپ غەزەللەر تۈزەتتىم. گۈزەل ساياھەت مەنزىللىرىگە خىيالىمىزدىلا بېرىپ كىلەتتۇق. سېنى نۇرغۇن جايلارغا ئاپپارغۇم بار ئىدى. سېنى ئېتىمنىڭ ئالدىغا مېندۈرۈپ بەخىتكە ئىلىپ ماڭماقچى بولغان ئىدىم ....

    بىر نەچچە قېتىم سەۋەپسىزلا يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، تاماق يەۋىتىپ. شۇنداق بەزلىگۈم بولسىمۇ ساڭا ھېچنەرسە دېيەلمىگەن ئىدىم. چۈنكى مېنىڭ يۈرىگىم ئاللىقاچان ياشلىرىڭدا تۇنجۇققان بولسا كېرەك. ئەمدى يەنە يىغلاپ قالغان سەنمۇ ؟ سېنى كىملەر بەزلەۋاتقانكىن دەيمەن. قېشىڭدا بولالمىدىم. قېشىمدا بولالمىدىڭ. كۆپ ئەپسۇس ...

    بۇ دەم قۇلىقىم يېنىدىلا بىر ناخشا ياڭراۋاتىدۇ:

         بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى،

         بىزنىڭكىسى رومان كەبى بىر ئاز.

         كۆز يېشى، ئۈمىد ۋە ئېھتىراس ...

         بىزنىڭكىسى يالقۇن كەبى بىر ئاز .

     

         ...............................................

         ...............................................

     

         بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى،

         پارچە - پارچە رومان كەبى بىر ئاز .

         ...............................................

         ...............................................

         بۇ گۈللەر سېنىڭ ئۈچۈن،

         بۇ كۆڭۈل ئىككىمىزنىڭ.

         سەن قايغۇرما، يىغلىما،

         سەن كۈلۈمسىرە دائىما.

     

     

    بۇ كۈنلەرگە بەرىكەت تىلەيمەن. ھېكايىلەرگە ۋىسال يار بولسۇن. ئامان بول ئەزىزىم. كۈلۈمسىرىگىن قۇياش كەبى.

    بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى.


    收藏到:Del.icio.us