ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    قەييۇم تۇردى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئىقتىدارلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردى 1937-يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ شامچى كوچىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئىنىستېتوتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرىپ، ئۇزاق مەزگىل "شىنجاڭ گېزىتى"، "يەكەن گېزىتى" ئىدارىلىرىدە مۇخبىر، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1979-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى، 1981-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى، كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى، مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان.
       قەييۇم تۇردىنىڭ "ئوراز بوۋا" ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1955-يىلى "شىنجاڭ" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، "قىزىل يۇلتۇزى بار شەپكە"، "زەرەپشان بويىدا"، "زەينەپخان ھەققىدە ھېكايە"، "تىنىچسىز كۈنلەر"، "بۇلۇڭ كېچىدىكى غەلىتىلىك"، "سەۋەنلىك"، "ئايخان"...گە ئوخشاش ھېكايىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ دېھقانلار تۇرمۇشىغا ئامراق ئىقتىدارلىق يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇلغان.
       ئۇنىڭ تۇنجى رومانى "قىزىل تاغ چىراقلىرى" 1964-يېزىلغان بولسىمۇ، 1972-يىلى نەشىر قىلىنىپ، ئازادلىقتىن كېيىنكى شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان ئۇيغۇر تىلىدىكى رومان بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن)ئەلۋەتتە، مەمتىمىن توختايوفنىڭ "قانلىق يەر" رومانى خەنزۇ تىلىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، "كۆرەشچان يىللار" (ئۈچ توم)، "سۈزۈك ئاسمان" قاتارلىق رومانلارنى، "گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر"، "بوغدا ئاتا"، ئىنژىنىر ئەلىنىڭ ھېكايىسى"، "ئاسماندىكى ھېكايە" قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان.
       قەييۇم تۇردىنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر  رېئالىزىملىق ئەدەبىياتىدا مەلۇم ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە.

    分享到: