-
2010-06-04
مۇھەمەد يۈسۈف شېئىرلىردىن - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]
مۇھەمەد يۈسۈف(ئۆزبىكىستان ) (1954-2001)
كۈمۈش مەرغىلاندا كۈمۈشنى كۆردۈم ،
كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپتۇ .
ساچلىرنى ئۆرۈپ كۆكسىدە ،
ئاتابېكنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ .
تاڭدا تۇرۇپ قەلەم قاشىگە ،
ئوسما قويغان ئىكەن قۇرۇپتۇ .
كۆزدىن ئاققان ئاچچىق ياشلىرى ،
ئوسمىسنى يۇيۇپ تۇرۇپتۇ .
مېنى بىر ئوي قىينايدۇ يامان ،
يەنە يۈرەك ئوينايدۇ يامان .
قويۇۋەر زىمىن ،قويۇۋەر ئاسمان ،
مەن ئۆيۈمگە يېتىمەن قاچان ؟
مېنى بىر ئوي قىينايدۇ ھامان ،
يۈرەك يەنە ئوينايدۇ يامان .
تاشكەنىتكە قىز بەرمە ،
مەرغىلان - قەدىرىي يوق ،
زەينەپلەرئامان !
خاۋاتىر ( تەشۋىش ) قورقۇمەن ،
ئەتىلا ئۆلۈپ كەتسەم مەن،
گەر ياتسام قۇملارغا پېتىپ كۆزلىرىم .
كۆڭلىمنى تىنمىسىز باسار بىر غەم -ھەسرەت ،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .
ئەڭ يېقىن دوسىتلىرىم غەيۋەتلەر قىلار ،
ئەڭ زەيىپ دۈشمىنىم ئۈستۈمدىن كۈلەر .
ئۇلارغۇ نە قىلسا ئۆزلىرى بۈلەر ،
يىغلاشنى بۈلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .
شائىر ئۆلسە، كىم كۆيۈنەر دەيسىز ؟
مەھدىيۋاز ھازىرلا سوراقلايدۇ كۆپ .
ئۇلار بەئەينى تىرناقتىكى مۇز ،
بارمىقىڭ تەگسىلا تۆكۈلەر توپ -توپ .
تىلدىن قالسام كۆزدە قېتىپ ياشلىرىم ،
كۆڭلۇمدە نىمە قىلار ئاخىر ،ئاھۇ-زارلىم .
يەرگە ئىگىلگەن كۈنى باشلىرىم ،
يىغلاشنى بۈلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .
ئۇلار ياش .ئۆلۈمدىن قورقۇمەن ھامان ،
چۈنكى دەردىگە قۇلاق سالمىدىم .
قەبرەمنىڭ بېشىدا يىغلىسۇن دىگەچ ،
قىزلارنى كۆز ياشنى ئاسراپ ،ئۆلمىدىم !
مۇھەببەت مۇھەببەت ئەي گۈزەل ئىزتىراپ ،
ئەي كونا دەرىت ،ئەي كونا تۇيغۇ .
كۆكرىگىمگە قولۇڭنى تىرەپ ،
يۈرۈكمنى تۆكۈپ قويدىڭغۇ .
قانچە كۆزلەر ماڭا زار ئىدى ،
نە ئەندىشىم نە غەم بار ئىدى ،
قۇشتەك يەڭگىل روھىم بار ئىدى ،
چاك -چاكىدىن سۆكۈپ قويدىڭغۇ ؟
نە قىلاردىڭ ماڭا تېگىپ سەن ،
يېڭلمىغان ئىدىم - يېڭىپ سەن .
باشلىرىمنى يەرگە ئىگىپسەن ،
قامىتىمنى پۈكۈپ قويدىڭغۇ ؟
سەن مەن ئۈچۈن بىر خىيال ئىدىڭ ،
ياخشىلار كۆپ ياخشى قال ئىدىڭ ،
جان كېرەكمۇ مانا ئال دىدىڭ ،
قىينار بولساڭ قىيناپ تويدىڭغۇ ؟
بىلمەن نىمە ئىدى مەقسىدىڭ ؟
ماڭا بىر جۈپ گۈلنى ئاسرىدىڭ .
بىرنىڭ ئىسمنى كۈمۈش ئاتىدىڭ ،
بىرنىڭ ئىسمنى كۈمۈش قويدىڭغۇ ؟
مۇھەببەت ئەي گۈزەل ئىزتىراپ ،
كوچا كەزدىم سەرسان تەمتىرەپ .
يۈزلىرىمگە يۈزۈڭنى تىرەپ ،
كۆزلىرىمنى باغلاپ قويدىڭغۇ ؟
مېنىڭ دەردىم تۈزەلمىدى مېنىڭ دەردىم ئۆلسەم كېرەك .
تۈپراق بىلەن ئاغا -ئىنە بولسام كېرەك .
ئۆلۈم نىمە ؟ ئۇنىڭ بىلەن ، سەيىر ئانا .
ئوغلۇڭ كەتتى قارا يەرگە خەيىر ئانا .
تۈزەلمەس بۇ دەردىم مېنىڭ ئۈمۈدىم يوق .
خىرەلەشكەن كۆزلىرىمدە ئۆچمەكتە چوغ .
چوغ نىمىدۇر ،چوغمۇ ئاخىر كۈل بولىدۇ .
ئىنسان ئاخىر ئۆز مەيلىگە قۇل بولىدۇ .
يۈرۈكۈمنى تامام قىلدىم يىغلاۋىرىپ .
ھوزۇرۇمدا ئەجەل تۇرار قاشىن كىرىپ .
مەن ھاياتتا ئۆلۈمگە تىك ، بېقىپ ئۆستۈم .
قېنى ماڭا ئاتالغان جاي ، كېتەي دوستۇم .
تىلەك ھەركىمنىڭ ساچلىرىغا ئاق چۈشسۇن ،
ئەجىلى توشۇپ يۈزلىرىگە داغ چۈشسۇن .
ھەركىمنىڭ بېلىدىن قۇۋۋەتلەر كىتىپ ،
قولىغا ھاسا ۋە بىر تاياق چۈشسۇن .
ئىمانى ساپ ،يۈزگە كىرىپ يورۇق يۈز ،
تويلار كۆرۈپ يەلكىسدىن تاغ چۈشسۇن .
كېتىپ قالسا ئەگەر دۇنيادىن ،
ئۆز بالىسى قولىدىن تۇپراقلار چۈشسۇن !
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى
历史上的今天:
يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا 2010-06-04بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى 2010-06-04ھىدايەت نامە 2010-06-04ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرى 2010-06-04مۇھەممەد چاۋار 2010-06-04