ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(2)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

     

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    تەتقىقاتچىلارنىڭ يېزىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئوردىدا شائىرنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپەيگەن، ئەل ئىچىدىكى شۆھرىتىمۇ ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا »نەۋايى مۇزېي« مەنبەشۇناسلىق، يازغۇچىشۇناسلىق ئومۇمەن ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ جانلىق، تەسىرلىك تەربىيە مەكتىپى بولۇپ، ئۇ ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئارقىلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان ھەمدە تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن بىر خەلقنىڭ پىداكارانە كۈرەش تارىخىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا كېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان نەۋايى ئەنجۈمەنىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇزېيدىن ۋاقتىنچە ئايرىلدىم.

    سىز ئۆزبېكىستاننىڭ قەيىرىگە بارماڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈكىنى ئەسلىتىغان بەلگە - ئۇچۇرلارنى يولۇقتۇرىسىز. مەسىلەن، »موللا بىلال كوچىسى«، »قەشقەر ئاشخانىسى« دېگەن ۋىۋىسكىلارنى ئۇچرىتىسىز. تاشكەنتتىن سەمەرقەند، ھەتتا خارازمگىچە ئاشخانا − رېستورانلارنىڭ ئىشىكىدىكى تاماق تىزىملىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە »ئۇيغۇر لەڭمەن« دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز.

    مەن خېلى ئۇزاق ساقلىغاندىن كېيىن »ئۇيغۇر كوچا − 10« بەلگىلىك كونا ئاپتوبۇس كەلدى. شۇ ۋەجىدىن كىچىكلىكىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاپتوبۇسلارنى بالىلارنىڭ قوڭغۇز ماشىنا دەيدىغانلىقى ئېسىمدىن كەچتى. ئاپتوبۇس ماي توڭىنى ئۈستىگە ئارتىۋالغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى، مەن بىرئاز ئەجەبلىنىپ ماشىنىغا چىقتىم. ئەمما كونا بولۇشىغا قارىماي ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى پاكىز تازىلانغان ۋە رەتلىك كىيىنگەن ئادەملەر بىلەن تولغاندى. ھەي، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپتۇ! بۇنداق ئىسىملارنى يات ئەللەر تۇرماق، ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە. دېمەك مەن بۇ قېتىم »ئۇيغۇر لەڭمەن«دىن كېيىن »ئۇيغۇر كوچا - 10«نى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغانتىم، »ئۇيغۇر كوچا − 10« دېگەنلىك 10- نومۇرلۇق بۇ ئاپتوبۇس ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە بارىدۇ دېگەنلىك ئىدى. توپونومىيە ئىلمىدە تەبىئىي كوچا - كويلارنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ دەل مۇشۇ ماشىنا »ئۇيغۇر كوچا - 10« دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىۋېلىپ كۈنىگە نەچچە نۆۋەت، ھەپتىسىگە ۋە ھەتتا ئېيىغا نەچچە يۈز قېتىم نەۋايى كوچىسىنىڭ ئادەملەر مىغىلداپ تۇرىدىغان ئاۋات نۇقتىلىرىدىن بولغان چارسۇ بازىرىدىن ئۆتۈپ، ئالەمگە »ئۇيغۇر« سۈزىنى تارقىتىدۇ دېگەن گەپ! شۇ تۇرقى بىلەن مەزكۇر ئاپتوبۇس ماڭا بارغانچە كونا ئېلان سەنئەت بۇيۇمىدەك قىممەتلىك كۆرۈنمەكتە ئىدى. »ئۇيغۇر كوچا − 10« بىر خىل رىتىمدا لۆمۈلدەپ كېتىۋاتاتتى. يولدا مېڭىش خۇشياقمىغاندەك ياكى ئۈستىدىكى خادىسى توك سىمىدىن كېتىپ توختاپ قالغان تىراللىبۇسلار پات - پات ئۇچراپ تۇراتتى.

    −− شوتتا ئوتتىرىڭ، −− دېگەن ئاۋاز بىلەن خىيالدىن ئېسىمگە كەلدىم. 55 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان ئۆزبېك ئايال ئورۇندۇقنى بوشاتقىنىچە يېنىمدا تۇراتتى. »ئۇيغۇر كوچا − 10« 20، 20مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىنمۇ ھېلىقى ئورۇندۇقتا ھېچكىم ئولتۇرمىدى. توغرىسى يېنىمىزدا بالا كۆتۈرگەن، مېيىپ ياكى ياشتا چوڭراق بىرسى يوق ئىدى.

    −− سىزنى دىيەپمەن، ئوتىرىڭ، −− دېدى ئايال، بۇ قېتىم ماڭا قاراپ تۇرۇپ. ئاپا پەس ئاۋازدا ئۆزبېكچە شۇنچىلىكلا گەپ قىلدى.

    ئۇ قولۇمدىكى يوغانراق كىتاب سومكىسىغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، ئەسلىدە ماڭا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن ئىكەن، بىرئاز ئوڭايسىزلاندىم. خىيالىمدىن ھەر خىل پىكىرلەر كەچتى. ئۆزىچە مېنى ئۈزىدىنمۇ قېرى كۆرۈپتۇ - دە، قاملاشمىغانلىققۇ بۇ، دېگەنلەرنى ھەش - پەش دېگۈچە ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. شۇنداقتىمۇ:

    −− ئاپا، مەن دېگەن ياش، سىز ئولتۇرۇڭ، يەنە بىر بېكەتتىن كېيىن چۈشىمەن، −− دېدىم ئايالغا تەمكىنىمنى بۇزماي.

    −− ھەي ئوغلۇم، باشقىچە ئويلىماڭ، ھازىرقى دەۋرنىڭ ياشلىرى ئائىلە، خىزمەت ۋە باشقا تىرىكچىلىكنىڭ غېمىدە يۈگۈرۈپ بەكلا چارچايسىلەر. بىز قېرىلار ئەتىدىن - كەچكىچە ئۆيدە تۇرۇپ ئارام ئالىمىز، يەنىلا سىز ئولتۇرۇڭ، −− دېدى تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن. ۋۇجۇدۇمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۆرلىگەن ئىسسىق ئېقىمدىن بوغۇزۇم توسۇلغاندەك بولدى. ئۆزۈمنى پېشانەمگە سوغۇق شامال ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلدىم. ئوتتۇرا ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ يوغان، نۇرلۇق قوي كۆزلىرى مەڭزىلىرىنى يورۇتۇپ، ئەمدىلا خوشلاشقان چوكانلىق لاتاپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. چاچلىرىنى يارىشىملىق تۈگۈپ بوينىغا ناۋاترەڭ ھېلىلە ياغلىق ئارتىۋالغان بۇ ئايال كۆز ئالدىمدا شۇنچىلىك ئۇلۇغۋار، گويا ئاپامدەك مېھرىبان بولۇپ گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. ئاپتوبۇس گەرچە ئىلگىرىكى قەشقەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىنى ئەسلىتىدىغان، ئەمما ئىككى قاناتتىكى ئۆيلەر زامانغا لايىق، زىچ قىلىپ سېلىنغان ئەگرى، لېكىن ھېسىپتەك ئۇزۇن ئۇيغۇر كوچىسىدا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ماڭا بۇ بىزنى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئىللىق دەريا بويى يېشىللىقىغا ئېلىپ ماڭغاندەك كۆڭۈللۈك بىلىنمەكتە ئىدى. مەن ئۇنىۋېرسىتېت بېكىتىدە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۇزاق سەپەرگە چىققاندەك بىر خىل رىتىمدە كېتىۋاتقان »ئۇيغۇر كوچا − 10«نىڭ ئارقىسىدىن ئۇزاققىچە قاراپ تۇردۇم...

    ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن - تاڭ، ئادىتىم بويىچە ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، ئىلمىي ئىشىمغا ئائىت ماتېرىياللارنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. سائەت 10لاردا ئوچۇق چىراي ۋە مېھىر ئىسسىق تەلەبە قىز يېنىمغا كېلىپ. »داملا،① سىزنى ئۆزبېك تىلى كافېدراسىدىكىلەر ئىزدىشىۋاتىدۇ« دەپ ئۇقتۇردى. 5 - قەۋەتتىكى تىل ئىشخانىسىغا ئەدەپ بىلەن كىردىم. ئىشخانىدىكى ھەممە نەرسە كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۇيۇم كافېدرانىڭ ئەسلىدىكى كۆركەملىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ئىشخانا - كافېدرالىرى يېرىم كۇتۇپخانىلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئىشخانىنىڭ كۈنپېتىشىدىكى پۈتۈن بىر تامنى بويلاپ قويۇلغان ئىشكاپقا تىلغا ئائىت ئۆزبېكچە، رۇسچە ۋە ئىنگلىزچە ... لۇغەت، كىتابلار تىزىلغان. كۈنچىقىش تېمىغا:

    تۈرك نەزمدە چۇ تارتىپ مەن ئەلەم،

    ئەيلەدىم ئول مەملەكەتنى يەك قەلەم.

    بېيىتى يېزىلغان نەۋايىنىڭ ئۆلچەملىك رەسىمى ئېسىلغان. ئۇنىڭ ئاستىغا سوۋېت تۈركۈلوگلىرىنىڭ ئۆزبېك تىلىنى تارىخىي باسقۇچلارغا ئايرىپ چۈشەندۈرگەن ئىسخېمىلىق خەرىتىسى چاپلانغان بولۇپ، بىرىنچى قۇردا كۆرسىتىلگىنى مالۇفنىڭ »ئۇيغۇر تىلى −− چاغاتاي ئەدەبىي تىلى − سوۋېت دەۋرى ئۆزبېك تىلى« دېگەن بۆلۈش ئۇسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشخانىدىكى كىيىم ئاسقۇچ، بوي ئەينەك، ئۆستۈرۈلگەن گۈل، پولدىكى گىلەم، توڭلاتقۇ، يىغىن ۋە دەرس تەييارلىقى ئۈچۈن قويۇلغان يوغان، يۇمىلاق ئۈستەل قاتارلىقلار مائارىپقا بولغان ئېتىبار بىلەن ئادەمنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇنى ئىشخانا ئەمەس، ئارامبەخش ئۆي كۇتۇپخانا دېگەن تۈزۈك ئىدى.

    −− خوش كېلىپسىز ئۇيغۇر يىگىت، −− دېدى كافېدرا باشلىقى دادابايېف يېزىۋاتقان نەرسىسىدىن باش كۆتۈرۈپ ۋە سۈرلۈكرەك قىياپەتتە سۈزىنى داۋاملاشتۇردى:

    −− بۈگۈن نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ تەۋەللۇت ئايەم كۈنى. ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ يېنىدىكى ئاكا دېمىك لېتسى )ئالىي تولۇق ئوتتۇرا(دا ئوقۇغۇچىلار بىلەن شائىر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچىمىز. سىزنى ئۇيغۇرلاردىكى نەۋايىشۇناسلىق ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتىكى پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟

    −− ئۇستاز، ئالدى بىلەن ئىلتىپاتىڭىزغا كۆپ رەھمەت، مەن نەۋايىشۇناس ئەمەس، ئەمما بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمنى سىزدىن، ئوقۇغۇچىلاردىن ئايىمايمەن، −− جاۋاب بەردىم قەتئىيلىك بىلەن.

    −− يارايسىز، ئەمما بىر شەرت، »نەۋايى ئۇيغۇر« دېگەن گەپنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز كېرەك، −− دەپ شۇنچىكىلا قوشۇپ قويدى.

    دادابايېف 60ياشلاردىكى، ئېگىز ۋە گەۋدىلىك يارىشىملىق چاچ - بۇرۇتلىرىغا ئاق سانجىغان كىشى ئىدى. ئۇ تۆت جىلدلىق »نەۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى«نىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسى بولۇپ، يۇقىرى قاتلام ئۆزبېك زىيالىيلىرىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە مەلۇم ئىشەنچسىزلىك كۆلەڭگە تاشلىغاندەك قىلاتتى.

    −− داملا، ئەلۋەتتە ھەممە گەپ ماڭا بەرگەن سۆز ھوقۇقىڭىزنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن »نەۋايىنى ئ−ۇيغۇر« دېمىگەن تەقدىردىمۇ »نەۋايى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەشھۇر شائىرى« دېمەسلىككە زادىلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن، −− دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاش. بۇ مېنىڭ تاشكەنتكە كەلگىنىمگە بەش ئاي بولغان، شۇنداقلا فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچلار بىلەن خېلى ئۆزلىشىپ قالغان چاغلىرىم ئىدى. ئۇ پىكرىمگە ئارتۇقچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىدىمۇ، ئىشقىلىپ باشقىچە ئىپادىدە بولمىدى.

    شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچەيلەن ئاكادېمىك چوڭ زالىغا كىردۇق. ئاق كۆڭلەككە گالىستۇك تاقاپ، قاراشىم كىيگەن )بۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى بولۇپ، ھەممە ئوقۇغۇچى كاستۇمنى بىناغا كىرگەندىكى چوڭ زالغا ئېسىپ قويىدىكەن( يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت سالىمى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىزنى تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككى داملا نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە لېكسىيە قىلدى. ئاندىن »ئەمدى سۆز ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسى تۇرسۇن قۇربانغا« دېگەن تەكلىپتىن كېيىن مىكروفوننى قولۇمغا ئالدىم:

     

    分享到: