ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(1) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(1)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

     

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    U

    2007- يىلى نورۇزنىڭ ھارپا ئېيى بولغان فېۋرال ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر بولۇپ، 9 - فېۋرال ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان خاتىرە كۈن ئىدى. بۈگۈن پۈتۈن ئۆزبېكىستان دائىرىسىدە بۇ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر شائىرنىڭ تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دېمەك، ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆزبېك خەلقى ئۈچۈن نارەسمىي شادىيانە بايرام! نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 566يىل تولغان بۇ خاسىيەتلىك جۈمە مەن چەت ئەلدىكى ھاياتىمدا قاتناشقان ۋە يۇقىرى مىللىي ئىپتىخاردا نىشانلانغان تەسىرلىك مەرىكە سۈپىتىدە مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئارماندۇر!

    شۇ كۈنى ئەتىگەندە مەن ئۇستازىم نۇرباي جاببارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ۋە رەتلىك كىيىنگەن يۇقىرى كۇرس ئىستۇدېنتلىرى بىلەن ئازادە ھەم باغۇ - بوستانلىق »خەلقلەر دوستلۇقى« مەيدانىغا كەلدۇق. ئەتىگەنكى تاشكەنت قۇياشى تېرەك بويى ئۆرلىگىنىگە قارىماي ھارارەتلىك ۋە يېقىملىق ئىدى. بىز كەلگەندە ئالىيېشىل بايراقلار، رەڭگارەڭ لېنتىلار ۋە تۈرلۈك - تۈمەن گۈل - چېچەكلەرگە پۈركەنگەن مەيدان ئاللىقاچان ھېيت كەيپىياتىدىكى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلانغانىدى. ئالىي مەمۇرلار، ھەربىيلەر، شائىر - ئالىملار، مۇئەللىملەر، ئىشقىلىپ پايتەختكە دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن زىيارەت ۋە تىجارەت ئەھلى بولۇپ پوزۇر كىيىنگەن كىشىلەرنىڭ چېھرىدە بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جەۋلان قىلاتتى. مەيداندا مۇقامچىلارنىڭ نەۋايىنىڭ »قارا كۆزۈم«، »جۇنۇن ۋادىسىدا« ۋە »مۇناجات« )كەلمىدى( قاتارلىق غەزەللىرىگە ئىشلەنگەن مۇڭلۇق ناخشىلار ياڭرايتتى. ئارتىسلار ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. شائىرلار بۇ ئۇلۇغ مۇرەببىي تەرىپىدە ھاياجان بىلەن شېئىر دېكلاماتسىيە قىلسا، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ غەزەللىرىگە خور ئېيتاتتى. تەتقىقاتچىلار نەۋايى ئىجادىيىتى ھەققىدە تەلقىن ئېلىپ بارسا، يەنە باشقىلار شائىرنىڭ ئەل بەختى، دۆلەت تىنچلىقى ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلەيتتى. چارەك كەم سائەت 9 لاردا مەرىكىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، ئالدى بىلەن پىرېزىدېنتنىڭ ۋەكىللىرى نەۋايى ھەيكىلىگە گۈلچەمبەر قويدى. كېيىن ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى، ئاندىن ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى پايتەخت دۆلەت كۇتۇپخانىسى، يەنە تاشكەنت شەھىرىنىڭ ئاۋات ۋە گۈزەل نەۋايى كوچىسىغا جايلاشقان ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى قاتارلىق يۈزلىگەن ئورۇنلار شائىر ھەيكىلىگە گۈل قويدى.

    ئەمدىلىكتە زەپەر دەرۋازىسى شەكىللىك پېشايۋاننىڭ ئاستىدىكى ئېگىز سۇپىغا قاتۇرۇلغان، بىر قولىدا قايسىدۇ بىر دىۋاننى تۇتقىنىچە خىيالغا پاتقان قىياپەتتىكى نەۋايىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك كۆركەم ھەيكىلى گۈل دېڭىزىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانىدى. شائىر ياشلىقىدا سۆيگەن قىزى گۈلگە ئاتاپ ئىشقى غەزەللەرنى يازغاندا گۈلزارلىق بېغىدا مانا شۇنداق قىياپەتتە رەڭگارەڭ گۈللەردىن ئىلھاملانغان بولغىيمىتتى، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مەركىزى، ئۆزبېكىستان نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ بۆشۈكى بولغان »ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇزېي«غا يېتىپ كەلدىم. مۇزېي نەۋايى كوچىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان مەشھۇر كۆكۈلداش مەدرىسەسى ياكى چارسۇ بازىرىدىن ئالاھازەل ئىككى بېكەت يىراقلىقتىكى ئۆزبېكىستان مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىناسىنىڭ قارشىسىغا، يەنى يولنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، بىنا ئالدىدىكى دەل - دەرەخلىك مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا تەخمىنەن ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى شائىرنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك مەرمەر ھەيكىلى قاتۇرۇلغان ئىدى. ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بۇ ھەشەمەتلىك بىنانىڭ 1 - قەۋىتى مەمۇرىيەت بولۇپ، 2 - قەۋىتىدە مۇنىرە ئاپا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال مېنى سوغۇققان كۈتۈۋالدى.

    −− ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاپا، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم، نەۋايى مۇزېيىدا سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خېلى بۇرۇنلا كۆرۈشۈپ كېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ كېچىكىپ قالدىم، سالامەتمۇسىز؟ −− سالام بەردىم ئايالغا.

    −− ياخشىمۇسىز، مۇشۇنچىلىك تۇردۇق ئوغلۇم، −− ئاددىيلا جاۋاب قايتۇردى ئايال. مۇنىرە ئاپا 60ياشلاردىن ھالقىغان ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بوشىشىپ كەتكەن يۈزلىرىدىكى ئۆمۈچۈك تورىدەك قورۇقلار ھايات سەرگۈزەشتلىرىدىن روشەن بېشارەت بېرىپ تۇرسا، گەپ قىلغاندىكى خورسىنىشلىرىدىن ئازابلىق، پۇشايمانلىق بىر يۈرەكنىڭ نىداسى كېلىپ تۇراتتى.

    مەن پىلانىم بويىچە نەۋايى مۇزېيىنى ئالدىراش ئايلىنىشقا باشلىدىم. مۇزىي ئەمەلىيەتتە نەۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇر مىرزىدىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىيلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالون ئىكەن. مەسىلەن: 2 - قەۋەتتىن باشلانغان نەۋايى قىسمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى، ئەسەرلىرىگە ئىشلىگەن قىستۇرما رەسىملەر، سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، نەۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھىرىنىڭ رەسىم ۋە مودېللىك تارىخىي قىياپىتى، شائىر ياساتقان بەزى ئىنشائاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى، ئۆيى ۋە مەقبەرىسىنىڭ قىياپىتى، زامانداش رەسساملار سىزغان نەۋايى پورترېتلىرى، ئەدىب ھاياتىغا دائىر تۈرلۈك ھۆججەت - ۋەسىقىلەر، شائىر ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرى، شۇ زاماندىن ھازىرغىچە، ئۆزبېكىستاندىن چەت ئەللەرگىچە بولغان نەۋايىشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى بەكمۇ ئىلمىي ۋە ئېدىتلىق تىزىلغان. كۆرگەزمىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى چىڭگىز ئەھمەر نەۋايى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر ئۈچۈن سىزغان رەسىملەر بولۇپ، بۇلاردىن شائىرنىڭ سەللە ۋە تونلۇق ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ياشانغانلىق كۆرۈنۈشى، 1501- يىلى 13 - دېكابىر نەۋايىنىڭ ئاستىراباد ئۇرۇشىدىن قايتقان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارانى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ، سەكتەلىنىپ ئاتتىق يىقىلىپ ھوشسىزلانغان قىياپىتى )شائىرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن بۇ كۈن پەيشەنبە بولۇپ، نەۋايى شۇ ياتقىنىچە قوپالماي ئىندىنى، يەنى 3 - يانۋار، يەكشەنبە ۋاپات بولغان(، مەشرەپنىڭ دارغا ئېسىلىشلىرى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سىزىلغان. بۇلاردىن >خەمسە<نىڭ سۇلتان ھۈسەيىنگە ئارمۇغان قىلىنىشى« )شائىرنىڭ ئېتىنى يېتىلەش( ناملىق رەسىم يارىتىلغان ئوبرازلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىيات ئىپادىسىنىڭ يارقىنلىقى، تۈركىي ئەدەبىيات تارىخىدىكى، جۈملىدىن پادىشاھ بىلەن شائىر ئوتتۇرىسىدىكى ئالەمشۇمۇل ۋەقەنىڭ چىن، بەدىئىي خاتىرىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. رەسىم نەۋايىنىڭ ئۈلپەتلىرىدىن زەينىددىن مۇھەممەد ۋاسىفىينىڭ خاتىرىسى ئارقىلىق شەرقكە كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر ھېكايىگە ئاساسەن سىزىلغان:

    ئەلىشىر نەۋايى »خەمسە«سىنى ھۈسەيىن بايقاراغا تەقدىم قىلغاندا، پادىشاھ ئالەمگە مەشھۇر »باغى ھۈسەينى«گە ئوردا ئەمەلدارلىرى، ھىرات پازىللىرى ۋە سەنئەتكارلارنى يىغىپ:

    −− بىر ماجىرا ئۇزاقتىن بېرى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ھەل بولماي كەلدى، بۈگۈن شۇ ئىشنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك، −− دېدى.

    بۇ مەسىلە شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدىكى، ھۈسەيىن بايقارا خېلىدىن بۇيان ئەلىشىرنىڭ مۇرىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە ئۇنى »پىرىم« دەپ ئاتايتتى. ئەلىشىر بولسا:

    −− يائاللا، يائاللا، بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى! ئەسلىدە بىز مۇرىتمىز، سىز بولسىڭىز ھەممىمىزگە رەھنامەسىز، پىرسىز، −− دەپ جاۋاب بېرەتتى.

    ئەمدى سۇلتان ھۈسەيىن ئەلىشىردىن سورىدى:

    −− ئېيتىڭچۇ، پىر نېمەيۇ، مۇرىت نېمە؟

    −− پىرنىڭ تىلىكى، مۇرىتنىڭ ئىستىكى بولماقتۇر، −− جاۋاب بەردى شائىر.

    شۇ چاغدا سۇلتان ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ ئاق ئېتىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى، بۇ ئاجايىپ شوخ ۋە ئۇچقۇر ئات ئىدى.

    سۇلتان ھۈسەيىن:

    −− ئۇنداقتا سىز مۇرىت، مەن پىرىڭىز بولىدىغان بولسام ئاتقا مىنىڭ، مەن ئۇنى يېتىلەيمەن، −− دېدى.

    ئەلىشىر بولسا:

    −− >مەن سۇلتان ئات<قا مىنىپ كۆنمىگەن، مىنەلمەيمەن، −− دەپ پادىشاھنى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلدى.

    پادىشاھ ئەلىشىرنىڭ نازۇكلۇقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سوراۋەردى.

    −− مەۋلانە، يەنە ئېيتىڭچۇ، شاھنىڭ ئەمرى نېمىدۇر؟

    −− ۋاجىپتۇر.

    −− مەن سىزنىڭ نېمىڭىز؟

    −− پادىشاھىم، باشپاناھىم.

    −− ئۇنداقتا پادىشاھ ئەمرىدىن باش تارتىشنىڭ بائىسى نېمىدۇر؟

    ئاقىۋەت ئەلىشىر ئاتقا مىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئالىي ھەززەت ئاتقا مىنىشى بىلەن پادىشاھ سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا دۇردۇن ياغلىققا ئورالغان زەر مۇقاۋىلىق »خەمسە«نى قولتۇقلىغىنىچە ئاتنى يېتىلەپ مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدى. ئالەم پەيدا بولۇپ بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى. بۇنى كۆرۈپ ئەركانۇ دۆلەتتىكى ياخشى - يامان ھەيرانلىق دېڭىزىغا چۆمدى. ئارتۇق ھاياجاندىن ئەلىشىر ھوشىدىن كەتتى...

    分享到: