ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر(3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر(3)

     

    ئاپتورى: نەسرۇللائابلەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 10-سان

     

    3- ھېسسىيات


    ئەدەبىيات ئېستېتىكا يېتەكچىلىكىدىكى ھايات (مەۋجۇدىيەت) كەچۈرمىشىبولغانلىقتىن ئادەتتىكى بىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىياتلىق روھىي پائالىيەت. ھېسسىياتچانلىق ئەدەبىيات بىلەن ئىلىم - پەن قاتارلىق پائالىيەتلەرنىپەرقلەندۈرىدۇ. ئىلىم - پەن جەھەتتىكى بىلىش ھېسسىيات قاتارلىق سۇبيېكتىپئامىللارنىڭ ئارىلىشىشىنى چەتكە قاقىدۇ، ئېغىر - بېسىقلىق ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەنئوبيېكتنى تەھلىل قىلىپ، ئوبيېكتىپ بىلىمگە ئېرىشىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائىيتۇرمۇشنى بىلىش پائالىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر خىل ھېسسىيات كەچۈرمىشى،ئەمما ھېسسىيات كەچۈرمىشى بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان بىلىشنىڭ بېقىندىنەرسىسى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئەدەبىياتھېسسىياتتىن ئايرىلىپ كەتسە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، كىشىلەرنى جەلپ قىلالمايدۇ ۋەتەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەدەبىيات ئىدېئولوگىيەنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئىلىم - پەنگە ئوخشاش ئەقلىي پائالىيەت. ئىلىم - پەن قائىدە ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىلقىلىدۇ. ئەدەبىيات بولسا ھېسسىيات، مۇھەببەت بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. مەيلىئاپتورلار ياكى ئوقۇرمەنلەر بولسۇن، ئەدەبىي پائالىيەت جەريانىدا ھېسسىياتنى ئىشقاسالمىسا بولمايدۇ. ئەسەر ھېسسىيات كەچۈرمىشى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ،كىشىلەر ھېسسىيات كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى چۈشىنىدۇ.
    نەۋايى ئەسەرلىرىرېئال ھېسسىيات، ئېستېتىك ھېسسىيات ۋە ئىپتىدائىي ئارزۇ - ئىستەكلەرنى ئۆز ئىچىگەئالغان. ئۇ ئەقىلنىڭ ھېسسىياتقا بولغان چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ ھېسسىياتنى ئازادلىققائېرىشتۈرگەن ۋە يۇقىرى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھېسسىياتئالاھىدە كۈچلۈك بولغان. بولۇپمۇ ئۇ ئاپىرىدە قىلغان ئېستېتىك ھېسسىيات ئەقىلنىڭچەك - چېگراسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كىشىنى ئىنتايىن قايىل قىلىدۇ. مۇنداقئەھۋاللاردائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىز ئەقىل جەھەتتە بەزى ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلالمايمىز،ئەمما، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قالىمىز. ئاخىرىدا ھېسسىيات ئەقىلنىڭئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمنەپەس بولىدۇ. ئەقىل - ئىدراكنىڭ ئەدەبىياتقابىر تەرەپلىمىلىك قارىشى بولۇپ، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى گۈزەللىكتۇيغۇسى يەنە بىر خىل يۇقىرى پەللىلىك كەچۈرمىش بولۇپ، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنتايىنشاد - خۇراملىق ھېسسىياتى قوزغايدۇ، ئۇ رېئال ھېسسىياتقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەڭيۇقىرى قىممەتكە ئىگە رېئاللىق ۋە بەختلىك كەچۈرمىش تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.
    شۇڭا،نەۋايى ئەسەرلىرى غايەت زور سېھرىي كۈچكە نائىل بولغان. ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىۋە داستانلىرى كىشىلەرنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە چىن مۇھەببەتتەسۋىرلەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات ئىنتايىن كۈچلۈك.


    4 -
    توقۇلمىلىق


    توقۇلما −− يازغۇچىلارنىڭ غايەت زور ئىمتىيازى. ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى،توقۇلما ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. توقۇلما بىزكۆرۈپ تۇرىدىغان چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا بىرقويۇق رەڭدار دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. توقۇلمىنىڭ نوپۇزى تەسەۋۋۇرغا غايەت زورئەركىنلىك ئاتا قىلىدۇ. توقۇلما ئاساسسىز بولمايدۇ. تۇرمۇش ماتېرىياللىرى توقۇلمىغاپۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. تەسەۋۋۇر ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ئوبراز يازغۇچىلارنىڭئارزۇسى بويىچە يېڭىباشتىن تەشكىللىنىدۇ. بۇ گويا ئالاھىدە ئالتۇن تاۋلاشتېخنىكىسىغا ئوخشاش بولۇپ، توقۇلما ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يارىتىلغانئوبراز سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشقا قارىغاندا تېخىمۇمەركەزلىك تاۋلانغان بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكەئىگە، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن−لارنى ئىپادىلەيدۇ، ب−ۇدەل توقۇلمىنىڭ كۈچىدىن بولىدۇ. شۇڭ−ا، ئ−ارستوتېل »شېئىرىيەت ئىلمى« ناملىقئەسىرىدە مۇنداق بىر مەشھۇر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: »شائىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىيۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنىتەسۋىرلەشتىن ئىبارەت.« شۇڭا، شېئىر يېزىش پائالىيىتى تارىخ يېزىشقا قارىغانداتېخىمۇ پەلسەپىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
    نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى دۇنيامۇتوقۇلما. رەڭگارەڭ دۇنيا توقۇلما ئارقىلىق پەيدا بولغان. ئۇ ئىپادىلىگەنھېسسىياتنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاللىبۇرۇنلا ئېستېتىكىلىشىپكەتكەن بولۇپ، رېئال ھېسسىياتقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ پاك، تېخىمۇگۈزەللىشىپ كەتكەن.
    ئېستېتىك غايىنىڭ تەسىرىدىن ئەدەبىياتتا تەسۋىرلەنگەن دۇنيارېئال دۇنيادىن پەرقلىق بولىدۇ. ئالىيجانابلىق بىلەن پەسكەشلىك قارىمۇقارشىلىقھالىتىدە تۇرىدىغان ئەقلىي دۇنيا؛ رومانتىك دۇنيا، كىلاسسىكىزملىق دۇنيا، خام خىيالۋە قايناق ھېسسىياتلىق دۇنيا، رېئالىستىك دۇنيا، غەيرىي ئىنسانلىق پاجىئەلىك دۇنيا،مودېرنىزملىق دۇنيا، ناتونۇش، ياتلاشقان، غەيرىي ئەقلىي دۇنياقاتارلىقلار.
    نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى توقۇلما كىشىلەرگە ھەقىقىي تەسىرات بېرىدۇ. كىشىلەر ئۇ توقۇغان دۇنياغا راست دەپ ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ. ئەدەبىيتوقۇلمىنىڭ چىنلىقلىقى بىر خىل خىيالىي چىنلىقلىق. ئېستېتىك ئاڭ تولۇق غەيرىي ئاڭبولغانلىقتىن سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئەقىلنى يوقىتىدۇ. خام خىيالنى راست دەپ قارايدۇ. يەنە سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپ ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەچكە ئوبيېكتلىق ئاڭ ئۆزلۈكئاڭ بولىدۇ. شۇڭا بىزدە بەدىئىي ھېسداشلىق قوزغىلىدۇ. بىز پەرھاد - شېرىن، لەيلى - مەجنۇن داستانلىرىدىكى باش قەھرىمانلارنى ھايات ئادەم دەپ چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەنقايغۇ - ھەسرەتتە، ۋىسال شادلىقىدا بىللە بولغۇمىز كېلىدۇ. نەۋايى ئەسەرلىرىدەتوقۇلمىلىق، چىنلىق ھېسسىياتى بولغاچقا بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز ھۇزۇر ئالىمىز.


    5 -
    خاسلىق (ئىندىۋىدۇئاللىق)

    ئەدەبىيات ئىجتىمائىي پائالىيەت، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خاسلىق پائالىيىتى. ئۇئەدەبىياتنىڭ ئېستېتىك ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئۇ رېئال تۇرمۇشتائىجتىمائىي ئۆلچەمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كىشىلەرنىڭ خاسلىقى تولۇق جارىقىلدۇرۇلمايدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيامۇ ئىندىۋىدۇئاللاشمايدۇ، بەلكى ئاممىۋى دۇنيابولىدۇ. شۇڭا، رېئال دۇنيادا ئومۇمىيلىق ماھىيەت بولىدۇ، خاسلىق غەيرىي ماھىيەتلىكخۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما، ئادەمنىڭ ماھىيىتى خاسلىق. بۇ ئادەم بىلەننەرسىلەرنىڭ پەرقى. خاسلىق يوقالسا ئادەم ياتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئېستېتىك خاسلىقرېئال خاسلىقنىڭ چەكلىمىسىنى يېڭىپ تولۇق جارى قىلىنغان خاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئەدەبىيات ئېستېتىك خاسلىق ئىجادىيىتى بولغانلىقتىن، تولۇق ئىندىۋىدۇئال پائالىيەتبولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خاسلاشتۇرۇلغان سۇبيېكتىپنى يارىتىپلا قالماستىن،خاسلاشتۇرۇلغان ئوبيېكتىپ دۇنيانىمۇ يارىتىدۇ. نەۋايى لىرىك ۋە ئېپىك ئەسەرلىرىنىڭجېنى ئىجادىيلىقتا. سەنئەتنىڭ جېنىمۇ ئىجادىيلىقتا كۆرۈلىدۇ. ئىجادىيلىق بولمىساسەنئەت بولمايدۇ. نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى خاسلىق )ئىندىۋىدۇئاللىق( ئادەمنى تاڭقالدۇرىدۇ.
    ئەدەبىياتنىڭ خاسلىقى ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى خاسلىقبولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. نەۋايى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە ئاساسەن، مۇستەقىلئېستېتىك غايە بىلەن مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇستەقىل ئەدەبىيات ئوبرازىنىياراتقان، ئۇنىڭدا خاسلىققا ئىنتىلىش بولغاچقا ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىپتۇرىدۇ. ئۇ ھەقىقىي ئۆزلۈك ۋە ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ئىزدىگەن، ئۇ تۇرمۇشنىتەسۋىرلىگەندە ئادەتتىكىچە قىلىپ قويمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۆز چۈشەنچىسىنىئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ بەدىئىي مۇھاكىمىسى جامائەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالمىغان، ئۇ،ئۇسلۇب، تىل جەھەتلەردىمۇ يېڭىلىق ياراتقان، شۇڭا ئۇ مۇۋەپپەقىيەتقازانغان.
    نەۋايىنىڭ لىرىك ئوبرازلىرىمۇ مۇستەقىل، ئىجادىي. ئۇنىڭدىكى ھېسسىياتكەچۈرمىشى ۋە ئۇنىڭدىكى پىكىر مەنزىلىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئادەتتىكى كەچۈرمىشى ۋەپىكىر پەللىسى بولۇپ قالمىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەردە مۇستەقىل زوقلىنىش ۋەتونۇش ئاپىرىدە قىلالايدۇ، مۇشۇنداق چۈشىنىش قانچە مۇستەقىل بولسا زوقلىنىشتىمۇمۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
    رېئال تۇرمۇشتا ئالاھىدىلىك بىلەن ئومۇمىيلىققارىمۇقارشى ھالەتتە بولىدۇ. بەك ئالاھىدە بولسا ئومۇمىيلىقنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەمما، ئەدەبىياتنىڭ مۇستەقىللىقى ئومۇمىيلىقنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى مۇستەقىللىقئومۇمىيلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى، باھانە - سەۋەبى بولىدۇ. نەۋايى ياراتقان ئوبرازشۇنداق ئۆزگىچە، گۈزەللىك تۇيغۇسى شۇنچە چوڭقۇر، جەلپ قىلىش كۈچى شۇنچە يۇقىرىبولۇپ، جامائەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ناۋادا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدەمۇستەقىللىق، ئالاھىدىلىك بولمىغان بولسا ئېستېتىك قىممەتنى يوقىتىپ قويغان، كەڭئوقۇرمەنلەرنىمۇ يوقىتىپ قويغان بولاتتى. ئەدەبىي پائالىيەت جەريانىدا خاسلىق بىلەنئومۇمىيلىقنىڭ قارىمۇقارشى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، نەۋايى ھەربىر پېرسوناژدامۇستەقىل خاسلىق ياراتقان. ئۇلارنىڭ ئەركىن خاسلىقى يەنى ئېستېتىك خاسلىقنىشەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياراتقان پېرسوناژلار باشقىلارنى ياخشىچۈشىنىدىغان، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئىمكانىيەتنى، بوشلۇقنى ياراتقان، بۇنداقبوشلۇق ئېستېتىك غايىنىڭ رېئال مۇناسىۋەتتىكى توسالغۇلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ،كىشىلەر بىلەن كىشىلەرنى تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. نەۋايى مانا مۇشۇنداق ئەركىن خاسلىقنى ئالماشتۇرۇش شەكلىنى ئاپىرىدە قىلغان.  

     

    分享到: