-
2012-02-01
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2
(ھېكايە)
نۇر روزى
* * *ماتادىن تىكىلگەن كۆينەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالا – يېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
- ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كىلىپ ئولتۇر .
بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئۇرۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىەە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . “ يە ئوغلۇم“ دېدى ئۇ تۇمشۇغىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭ – چوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتىرىپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە ”مومىغا چىقالايدۇ“ دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :
- ئىسمىڭ نىمە ؟ – دەپ سورىدى .
- مۆمىن .
- داداڭنىڭچۇ ؟
- مۇسا .
- ئۆزەڭ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
- سوپاخۇن باينىڭ ئۇي – كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
- نەچچە كالا باقىسەن ؟
- يىگىرمە .
- يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا باقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم – كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
ئۇ كارۋاتنىڭ تىگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
- مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدى – دە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
- بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بىرەمسىلەر ؟
- قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا – بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر .
- راستما ؟
- راست بولمايدۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ، – مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
- ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
- مۇنداق دىگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
”تىلخەت
مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇل توغىرىسىدا ھۆججەت بىرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچىرسام پىرقە ئۈچۈن شىھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھىچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
شاھىتلار :
مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 – يىلى 9 – ئاي .“
مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
- خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
- خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقۇرقى خەتنى مۇنداق ‹‹ئوقۇش›› قا باشلىدى :
”تىلخەت
مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇل توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دىگەن بالا مەكتەپ بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.“
- قانداق بوپتۇمۇ ؟ – سورىدى مۇدىر .
ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شاتلىق كۈلكىسى يامرىدى .
- بوپتۇ ، – دېدى ئۇ خوشاللىقىنى باسالماي .
- بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى – بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر – چىمىر بولۇپ ، بۇ ‹‹ئىلمەك – توقىناق›› سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندى – دە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خوشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىك پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ – سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
- قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
- ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، دادڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ، – مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ، – تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !-داۋامى بار
历史上的今天:
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى-4 2012-02-01مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -3 2012-02-01مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -1 2012-02-01