ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-01

    مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -3 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -3

    (ھېكايە)

    نۇر روزى

      خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتى . بالا خاتىرجەم بولدىدە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاقلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئېدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردى – دە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتىرىپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
    -
    دادام نىمىشقا كەلمەيدۇ ؟
    -
    سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
    موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت – ھۇيت دىگۈچە ، يەتتە غۇلاچىلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
    -
    يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
    مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدى – دە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى .
    ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى سىقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلارقنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدى – دە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقۇرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :
    -
    مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟
    -
    كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نىمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ
    مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن “ دىگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى .
    ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرلىغانسىرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لىكىن ئىغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىيلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگ سېرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئىڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتى – دە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئىگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكۈنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرى … غىل – پاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئىگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى
    ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . ”مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . “ دادا!…دادا!…“ ئۇ ھەر قېتىم ”دادا“ دىگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرۋاتقاندەك بىلىنەتتى – دە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقۇرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقۇرىغا ئۆرلىگەنسىرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ ”غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !“ دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ “ ئۆزەڭگە پەخگس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !“ دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپھۆمىدەپ يۇقۇرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ … 2 غۇلاچ … بىر غۇلاچ … موما ئىغاڭلايتتى … سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ
    مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى – دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي – ۋۇي ! نىمە دىگەن ئىگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەپ كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نىمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىگى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى ”قوي ئوغىرسى“ قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى :
    -
    مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
    مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتىرىلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى – دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى – دە ، بايراقنىڭ كالتىگى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
    -
    بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !

    分享到: