-
2012-02-01
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -1 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -1
(ھېكايە)
نۇر روزى
بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ – سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :
- تىنىچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ – دېدى ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ .
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتوغىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .
- خوش ، بۈگۈن نىمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟
- مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ ‹‹تۆگەدۆڭ›› دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سىمىز قوللىرى بىلەن شاب بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . جىزمەتچى ئاللا يوللۇق بەلۋىغىغا قىستۇرۇلۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يىرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردى – دە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورولدىتىپ چىكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردى – دە ، تۇيۇقسىز سورىدى :
- تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟
- ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
- ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نىمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتى – دە ، دۇدۇقلاپ جاۋاپ بەردى .
- بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، – دېدى ئۇ ئىڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى موما ياغاچىنى كۆرسىتىپ ، – مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى .
- ھە ؟!
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەككەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭشاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۈرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالا – پاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتى – دە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپ – لىپ تىتىرىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى :
- نەچچە كۈن بولدى ؟
- تۆنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى – دە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىتىرگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى قاتتىق – قاتتىق ئىككىنى شورىدى – دە ، ۋارقىرىدى :
- ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
- خوپ .
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدى – دە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
- خوش ، نۇسرەت ئەپەندى . – مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ، – مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟
- بىر ھەپتە .
- ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
- كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭ – چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق .
- خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇقمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟
- ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
- قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
- 13 ياشلىق بىر بالا .
- 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟
- چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنىچكە ، يېرىمىغا چىىقىپ بولغىغچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ، – نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .
- قاپاقۋاش ! – مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدى – دە ، چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ، – ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نىمە دىگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغىچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !
تەرتىپ مۇدىرى تىتىرەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پىشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
- كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
- ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كىرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىغىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
- ئۇقتۇم .
- ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
- چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ ‹‹چىقالايمەن›› دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
- شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟
- دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
- دادىسى كىمكەن ؟ نىمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
- سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسىلدە ئۇ ئىلىلىق ئوغىرلارغا قۇشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ .
- ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نىمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟
- داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
- ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كىچكتۈرمەي تىزراق ھەركەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۈجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز ‹‹چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار›› ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراق – پىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۆنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەميات قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ، – ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يىشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن ‹‹X›› بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
- مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ … ئاي – ھاي … ! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت … تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
- خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .-داۋامى بار
历史上的今天:
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى-4 2012-02-01مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -3 2012-02-01مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2 2012-02-01