ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-01

    مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2

    (ھېكايە)

    نۇر روزى


    * * *

    ماتادىن تىكىلگەن كۆينەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالا – يېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
    -
    ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كىلىپ ئولتۇر .
    بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئۇرۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىەە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . “ يە ئوغلۇم“ دېدى ئۇ تۇمشۇغىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭ چوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتىرىپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە ”مومىغا چىقالايدۇ“ دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :
    -
    ئىسمىڭ نىمە ؟دەپ سورىدى .
    -
    مۆمىن .
    -
    داداڭنىڭچۇ ؟
    -
    مۇسا .
    -
    ئۆزەڭ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
    -
    سوپاخۇن باينىڭ ئۇي – كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
    -
    نەچچە كالا باقىسەن ؟
    -
    يىگىرمە .
    -
    يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا باقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم – كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
    ئۇ كارۋاتنىڭ تىگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
    -
    مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
    بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدى – دە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
    -
    بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بىرەمسىلەر ؟
    -
    قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا – بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر .
    -
    راستما ؟
    -
    راست بولمايدۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ، – مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
    -
    ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
    -
    مۇنداق دىگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
    مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
    تىلخەت
    مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇل توغىرىسىدا ھۆججەت بىرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچىرسام پىرقە ئۈچۈن شىھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھىچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
    تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
    شاھىتلار :
    مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
    تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
    جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 – يىلى 9ئاي .“
    مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
    -
    خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
    -
    خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقۇرقى خەتنى مۇنداق ‹‹ئوقۇش›› قا باشلىدى :
    تىلخەت
    مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇل توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دىگەن بالا مەكتەپ بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
    تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.“
    -
    قانداق بوپتۇمۇ ؟ – سورىدى مۇدىر .
    ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شاتلىق كۈلكىسى يامرىدى .
    -
    بوپتۇ ، – دېدى ئۇ خوشاللىقىنى باسالماي .
    -
    بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
    مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى – بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر – چىمىر بولۇپ ، بۇ ‹‹ئىلمەك – توقىناق›› سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندى – دە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خوشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىك پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ – سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
    -
    قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
    -
    ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، دادڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ، – مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ، – تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !

     

    -داۋامى بار

    分享到: