-
2012-02-01
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى-4 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى-4
(ھېكايە)
نۇر روزى
دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈز – كۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدى – دە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتىرىپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردى – دە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىردى :
- مۆمىنجان ! نىمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟
- مۆمىن داداىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدى – دە ، خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى .
- دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .
بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە ، قاتتىق ۋارقىردى :
- توختا ! چۈشمە دەيمەن !
مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدى – دە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
- ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نىمە دەپ ئۇرغان ؟!
- قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !
- قانداق ئۆلتۈرگەن ؟
- ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
- ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئېدى ؟
بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
- ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .
- بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
- مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
- بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
- ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .
- ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ روھىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقۇرىغا ياماشتى – دە ، ھايت – ھۇيت دىگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرى :
- يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى … ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
- دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول …!- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غىرىسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئالا-چوقان كۆتىرىلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردى – دە ، بالىغا قارىتىپ ئارقا – ئارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۋەتتى – دە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا ”ۋايجان!“ دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدى – دە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى …دەل شۇ چاغدا ، قاراس – قۇرۇس قىلىپ موما سۇندى – دە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتى – يۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتىرىپ يەنە يەرگە قويدى … ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قۇشۇلدى . بۇ چاغدا غەرپكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىگىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى ….
مەنبە:
ئەدەبىيات دەرسلىكتىن
历史上的今天:
مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -3 2012-02-01مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -2 2012-02-01مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى -1 2012-02-01