• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئاتا-ئانىلارئوقۇشلۇقلىرى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ئون مېنۇتلۇق ئۆمرىڭىزدە يەنە قانچىلىك ئالتۇن تاپسىڭىزرازى بولىسىز

ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىر ئويۇن ئوينىدى.ئويۇننىڭ قائىدىسىدە 10مېنۇت ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ بارلىق ئۆمىرى قىلىپ بېكىتىلدى،بۇ ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم ئوخشاش بىر كىتابتىن «ئالتۇن»دېگەن سۆزنى ئىزدەپ تىپىشتىن بەسلىشىدىغان بولۇپ،كىم كۆپ تاپسا ئەلۋەتتە شۇئۇتقان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ-دە. ئېلېكترۇنلۇق قول سائىتىنى ...

«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»دۆلىتىمىزگەيېتىپ كەلدى

«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»(Take Kids To Work Day)دېگەن بۇ ئاتالغۇئامېرىكىدا بارلىققا كەلگىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ،ھەريىلى بۇپائالىيەت داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن.بۇ ئىش ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا ئاياللارفۇندى تەشكىلاتىنىڭ«ئايال خىزمەتچىلەر قىز پەرزەنتلىرىنى خىزمەت ئورنىغا بىللە ئېلىپ بېرىش ...

ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز

قانداق قىلغاندا بالىلارنى ماتېماتىكاتېخىمۇ يىقىنلاشتۇرغىلى،ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشقا بولغان مايىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تەبىئىي پەنلەرنىڭ بولۇپمۇ ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە چوقۇم قىزىقىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمەلىيەتتە،بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى،ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسا،ئالاھىتەن يېتەكچى تەكلىپ قىلمىسىڭىزمۇ،ئۇنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسىنى ، قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز.

بالىلاردىكى تەنھالىق كېسىلى،تۇغۇلغان پەسلى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ

تەنھالىقنى خالاش كېسىلى(ئائۇتىزم)ئادەمنىڭ قايسى پەسىلدە تۇغۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئامېرىكا«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقاتى»ژۇرنىلى يېقىندا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تاماملىغان بىرتۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە قىش پەسلىدە تۇغۇلغان بالىلاردا تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.

جىنىس تەربىيىسى جىنسىيەت تەربىيىسىدىنمۇ مۇھىم بولماقتا

نۆۋەتتە شۇنى بايقاۋاتىمىزكى ئاۋازى ئىنچىكە، يۈرۈش-تۇرۇشى ئەركە بولغان قىزسىمان ئوغۇلبالىلاركۈنسىرى كۆپەيمەكتە.ئەمەلىيەتتە ئوغۇللارنىڭ قىزمىجەزبولۇپ كېتىشى ئۇلارنىڭ جىنىس تۇيغۇسىنىڭ خاتالىشىشىدىن كېلىپ چىققان.
بۇخىل ھادىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللار مەۋجۈت .ھازىرقى مەكتەپلەردە ئايال-قىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشىمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزمىجەز بولۇپ كىتىشگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى

گېرمانىيىدە يەسلى تەربىيىسى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ

گىرمانىيە يەسلى مائارىپى ئەقىدىسى: بىز بالىلارغا بەزى ياخشى ئادەت ،توغرا تەپەككۈر ئۈسۇلى،ۋە توغرا پائالىيەت ئۇسۇلى ئۈگەتسەك بولىدۇ. بىراق بۇنى بالىلارنىڭ ئويناش ھوقۇقىنى ۋە قىممەتىلىك بالىلىق دەۋىرىنى تارتىۋېلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.ھازىر بىز يەسلى تەربىيىسىگە بارغانسېرى ئەھمىيەن بېرىۋاتىمىز.بۇنىڭدا يەسىلى مائارىپىغا توغرا نىشان بەلگىلەش ئىنتايىن موھىم. ئەگەر نشاندىن ئازراقلا چەتنەپ كەتسەك،بالىلارنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنى بەلكىم ئۆمۈر بويى تولۇقلاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.

جۇڭگودا، بالىلارجىنسىيەت تەربىيىسىدىكى ئۈچ خىل خاتا قاراش

پەرزەنت تەربىيسىى مەسىلىسىدە بىزدە جىنسىيەت تەربىيىسى كەمدىن-كەم تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. مەكتەپلەردە بولسا نۆۋەتتە بۇ ھەقتە تارقىتىلغان ئوقۇشلۇقلاركەم ،ياكى تارقىتىپلا بولدى قىلىش ،ھىچكىم بۇتەربىيىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماسلىق ئەھۋاللىرى ئىغىر. مېنىڭ بايقىشىمچە بۇھەقتە تارقىتىلغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشلۇقلىرى بالىلارنىڭ «مەخپى كىتاب» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،ساۋاقداشلىرىدىن ، ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن كۆرۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۈت. بۇ خىل بىنۇرمال ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەلۋەتتە مائارىپ خادىملىرىمىزدىمۇ ئەقىللىي جىنسىيەت تەربىيىسى ئۇقۇمىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بالىلارغا شەنبىلىك:قول ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىللاش ئويۇنلىرى

ئىسىمدە قېلىشىچە، كېچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىزنىڭ سەھرا مەھەللىلىرىدە دائىم دېگۈدەك توك توختاپ قالاتتى. بۇنداق كۈنلىرى كەچلەردە ،شام ياكى لامپا يورۇقىدا بىر ئائىلە كىشلىرى يەنىلا خۇشال-خورام ۋاقىت ئۆتكۇزەتتۇق.

بەزىدە دادىمىزنىڭ ئىغىزىدىن قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلىساق، بەزىدە ئاپىمىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلەرئىچىگە غەرق بولاتتۇق، يەنە بەزىدە ئۇلار ئوقۇپ بەرگەن كىتابلاردىكى ۋەقەلىككە شۇڭغۇپ كىتەتتۇق… شۇنداق توك توختاپ قالغان كەچلەردىكى يەنە بىرى تاتلىق ئەسلىمە شۇكى ،شام ياكى لامپا يورۇقىدا ئۆي تېمىغا خىلمۇ-خىل تەسۋىرلەرنى چۈشۈرۈپ ئويناش بەك قىزىقارلىق بولاتتى.مەن بەزىدە ئىغىزىنى يوغان ئىچىپ تۇرغان ئاچ بۆرىنىڭ تەسۋىرىنى چۈشۈرۈپ ،ئىنىمنى قورقۇتۇپ ئوينايتىم …

بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشنىڭ 9پەرھىزى

بالىلىق مەزگىل بولسا ئادەمنىڭ ساغلام پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىدىغان ئالتۇن ۋاقىت . ئەگەر بۇ چاغداساغلام پىسخىكا تەربيىسىنى كۈچەيتىشتە ياخشى باشلىنىشنى روياپقاچىقىرالىساق، بۇ بالىلارنىڭ ئەخلاقى ۋەساغلام زىھىن قۇۋۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ.ناۋادا ئەكسىچە، بالىلاردا ساغلام بولغان پىسخىك ...

بالىلارغا سوۋغات:زىھىن ئاچقۇلارئېنسىكلۇپېدىيىسى

سەمىڭىزدە بولسۇن، بۇندىن  كېيىن ۋەتەن بلوگىدا ھەرشەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى بالىلارئۈچۈن تۈرلۈك سوۋغاتلار تەييارلىنىدۇ.تەييارلىنىدىغان سوۋغاتلار خىلمۇ-خىل بولۇپ، بالىلار بىۋاستە پايدىلىنىدىغان ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بولۇشى مۈمكىن.
بۈگۈن بالىلارغا يەكشەنبىلىك سوۋغات سۈپىتىدە، بېيجىڭ ئېلېكترۇن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئېچىش ئېنسىكلۇپېدىيىسى»نىڭ ئېلكىتابىنى تارقاتماقچى.

بالىلارغاشەنبىلىك : ئاددىي كارتۇن سىزىش مەشىقلىرى

رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ زىھنىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە كۈزىتىش، ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق . بالىلارئاددىي ، ئوماق بولغان كارتۇن رەسىملەرگە ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىش مەشىقىمۇ مۇشۇ دائىرىدىن باشلانغىنى ئەۋزەل.
تۆۋەندە تۈرلۈك جان-جانۋارلارغا ئائىت 10 پارچە ئاددىي كارتۇن رەسىملىرىنىڭ سىزىش ئۈلگىسى بېرىلدى، مەن بۇ ئەرزىمەس سوۋغات ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئارام كۈنلىرىگە خۇشاللىق تىلەيمەن.

ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ قىزلارفىزىئولوگىيىسىگە بولغان تەسىرى

‹ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا،ھەرقېتىم ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىش ئالدىدا ،بېشىم قاتاتتى.ئەسلىدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىشىم كېرەك ئىدى،لېكىن،نېمە ئامال،‹پالاكەتچىلىك ھامان ئۆزۋاقتىدا يېتىپ كېلەتتى.›
بۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئىگىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئەقىللىق ھەم تىرىشچان قىز ئوقۇغۇچىسى .ئەمما ۋاقىت بۇ ‹ئش ئۇقىدىغان› قىز ئوقۇغۇچىنى ھەيز ئېلىپ كەلگەن دېشۋارچىلىقلاردىن چەتتە قويمىدى.