ئۆزنىكاھ ئىشىدىن رازى بولۇش نىسبىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان پىسخۇلوگلار قىزىقارلىق نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھ ئەھۋالىدىن رازى بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭىدىن يۇقىرى بولغان. مەسىلەن، ئوخشاش بىرنىكاھ دۇنياسىغا تەۋە بولغان ئەر-ئايالنىڭ رايى سىنالغاندا ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھ ئەھۋالىغا بەرگەن باھاسى 7نومۇر بولغان، ئەمما ئايالىنىڭ بەرگەن باھاسى ئاران 2نومۇر بولغان. ئوخشاش بىرنىكاھ نېمىشقا ئەرۋە ئايالنىڭ ئىمتىھانىدا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ نەتىجە پەرقى نېمىشقا بۇنچە چوڭ بولىدۇ؟
بۇ نەتىجىدىن قارىغاندا ئاياللار نىكاھ مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن بەكلا سەزگۈر، ئەرلەر بولسا ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە نىكاھ مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن بەكلا يۈزەكى قارايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئامېرىكىدا نىكاھتىن ئاجراشقانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئادەتتە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئوت-بىلەن سۇدەك زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسسىيات جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان يىراقلىششتىن ئاجىرىشىدىكەن.
مېنىڭ بايقىشىمچە نىكاھ كىرزىسىدىكى بۇئامىل بىزدە يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى نىكاھ مەسىلىلىرىدىمۇ ئاساسەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە، شۇ ۋەجىدىن پېقىر ۋەتەن بۈگۈن ئاز-تولا ۋاقتىمنى چىقىرىپ، ئامېرىكادېنۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە ئالىمى سىتەنلي Dr. Stanley لايىھىلىگەن نىكاھ تېرمومېتىرى سىنىقىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. بۇسىناق دۇنيادا زورئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، سىزنىڭ نىكاھ ئىشلىرىڭىزغا ۋاقتىدا دىئاگنۇز قويۇپ، كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېشلىڭىزغا خىلىلا ياردىمى تېگىشى مۇمكىن.
----
دىققەت: بۇ سىناقتا جەمئى سەككىز تارماق سۇئال بار، ھەربىر تارماق سوئالنىڭ ئۈچ خىل جاۋابى بار. سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئامال بارئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم سىناق قىلىشى كېرەك، سىناق تاماملانغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن نەتىجىدە پەرق-بارمۇ يوق، نېمە ئۈچۈن …؟دېگەن مەسىلىلەردە ئورتاقلاشقايسىلەر.
ھەربىر تارماق سوئالغا بېرىلگەن A،B،C ئۈچ تاللاش سوئالىغا تەقسىملەنگەن نومۇر بار، سىز قايسى جاۋابنى تاللىغان بولسىڭىز، نومۇرنى شۇ بويىچە جەملەپ مېڭىڭ، ئاخىرىدا شۇ نەتىجە بويىچە ھۆكۈمگە ئېرىشىسىز.
–
ئەمىسە سىناق باشلاندى، دىققىتىڭىزنى يېغىپ تۆۋەندىكى سوئاللارغا قاراڭ:
1.كىچىككىنە ئىختىلاپ، بىردىنلا چوڭ ماجراغائايلىنىدۇ، ھەتتا ئىككى تەرەپ قاتتىق ھاقارەتلىشىپ، كونا ھېساباتلارقىلىنىدۇ.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
2.ھەمراھىم ياكى سۆيگىنىم مېنى تەنقىدلەشكە خۇشتار، مېنىڭ كۆزقاراشلىرىم، ھېسسىياتىم ۋە تەلەپلىرىمگە سەل قارايدۇ.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
3.ھەمراھىم، مېنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىمدە يامان غەرەز بار دەپ خاتا چۈشىنىدۇ.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
4.مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، بىز خۇددى دۈشمەنلەردەك قارمۇ-قارشى مەيداندا تۇرىمىز.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
5.مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئويلىرىمنى ۋە ھېسىياتىمنى ھەمراھىمغا بىلدۈرۈشكە پېتىنالمايمەن.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
6.مەن ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق خىيال قىلىمەن، يېڭى بىرھەمراھ تاپسام قانداق بولار؟
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
7.بۇ بىرمەزگىللىك مۇھەببەت- نىكاھ مۇناسىۋىتى جەريانىدا، مەن بەك زېرىكتىم.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
8.بىز ئۇرۇشۇپ قالغان چاغلاردا، دائىملا بىرتەرەپ داۋاملىق تېركىشىشتىن ۋازكىچىدۇ، توختاپ قالىدۇ ياكى نەق مەيداندىن ئايرىلىدۇ.
A. ئەزەلدىن بۇنداق ئىش يوق ياكى ئىنتايىن ئازيۈزبېرىدۇ(1نومۇر)
B. ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ(2 نومۇر)
C. دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ( 3نومۇر)
———
سىناقتا ئېرىشكەن نەتىجىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.