• قوللانچى: پارول:

بالىلارغا شەنبىلىك:قول ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىللاش ئويۇنلىرى

ئىسىمدە قېلىشىچە، كېچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىزنىڭ سەھرا مەھەللىلىرىدە دائىم دېگۈدەك توك توختاپ قالاتتى. بۇنداق كۈنلىرى كەچلەردە ،شام ياكى لامپا يورۇقىدا بىر ئائىلە كىشلىرى يەنىلا خۇشال-خورام ۋاقىت ئۆتكۇزەتتۇق.

بەزىدە دادىمىزنىڭ ئىغىزىدىن قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلىساق، بەزىدە ئاپىمىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلەرئىچىگە غەرق بولاتتۇق، يەنە بەزىدە ئۇلار ئوقۇپ بەرگەن كىتابلاردىكى ۋەقەلىككە شۇڭغۇپ كىتەتتۇق… شۇنداق توك توختاپ قالغان كەچلەردىكى يەنە بىرى تاتلىق ئەسلىمە شۇكى ،شام ياكى لامپا يورۇقىدا ئۆي تېمىغا خىلمۇ-خىل تەسۋىرلەرنى چۈشۈرۈپ ئويناش بەك قىزىقارلىق بولاتتى.مەن بەزىدە ئىغىزىنى يوغان ئىچىپ تۇرغان ئاچ بۆرىنىڭ تەسۋىرىنى چۈشۈرۈپ ،ئىنىمنى قورقۇتۇپ ئوينايتىم …

 

بۈگۈن ، شەنبىلىك سوۋغات سۈپىتىدە مەن كېچىك دوستلارغا «قول ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرۈش» ئويونىغا دائىر  بىرقانچە ھۈنەرلەرنى  تونۇشتۇرماقچىمەن . سىز پەقەت رەسىمدىكى قول ھەرىكىتى كۆرسەتمىسى بويىچە سىناپ باقسىڭىزلا ،بىردەمدىلا خىلمۇ-خىل تەسۋىرلەرنى ھاسىل قىلالايدىغان بولۇپ كېتىسىز.

_________________

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارئېلىكىتاپ قىلىپ ئىشلەندى، بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئېلىڭ:

http://dl.dbank.com/c08yx8x3o8#





1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif