• قوللانچى: پارول:

قانداق بالىلار بالدۇر مۇھەببەتلىشىش قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ؟

بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشش ھادىسىى نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلارنى شۇنداقلا بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئەنسىرىتىۋاتقان ، گاڭگىرىتىپ قويىۋاتقان نازۇك ھەم تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . نەچچە يىللار ئىلگىرى تولۇقسىز يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا شۇخىلدىكى مەسىلىلەر بايقالسا بۇنى بالدۇر مۇھەببەتلىشش دەپ قارايتۇق، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تەرەققىي قىلىپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىمۇ كۆرۇلۈشكە باشلىدى.
مەسىلە بولغان ئىكەن، ئۇنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىشىمىز، ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەك . مەنمۇ سەككىز يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا كۆپ مەزگىل سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلگەن بولغاچقا بۇ ھەقتىكى كۆپ مەسىلىلەرنى بىۋاستە كۈزىتىش ۋە ھەل قىلىش جەريانلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزدۇم .
بالىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشش ھادىسىسى زادى ئەخلاق مەسىلىسمۇ ئەمەسمۇ دېگەن سۇئالغا نۆۋەتتە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار : بالدۇر مۇھەببەتلىشش ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پىسخىك مەسىلە دەپ ھۆكۈم چىقارماقتا، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇ خىل قاراشنى قۇۋەتلەيمەن، چۈنكى يات جىنىسقا ئىنتىلىش -بۇ ئەزەلدىنلائادەمنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى.
ھازىرقى مەسىلە شۇكى ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بالدۇر مۇھەببەتلىشش مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا ، نۇقۇللا ئەخلاق مەسىلىسى دەپ قاراپ  ،قوپال ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلشىقا ئۇرۇنماقتا، بۇ تونۇش ۋە ھەل قىلىش چارىسى تەرەپلەردىن قارىغاندا قوش خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
مەن بۇ مەسىلىگە «قىزىقىپ» قالغاندىن بۇيانقى بىۋاستە كۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ چىقارغان يەكۈنلىرىم ۋە بۇ ھەقتە يېزىلىۋاتقان بىرقىسىم تەتقىقات دوكىلاتلىرىدىن كۆرگەنلىرىم ئاساسىدا مەزكۇر يازمىدىن باشلاپ بۇ ھەقتە بىرقىسىم يازمىلارنى ئېلان قىلىشم مۈمكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزقاراشلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گەپنى ئالدى بىلەن قانداق بالىلار بالدۇر مۇھەببەتلىشش قاينىمىغا كېرىپ قالىدۇ دېگەن تېمىدىن باشلايلى .
كۈزىتىش ھەم مۇلاھىزە نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل بالىلاردا ئاسانلا بالدۇر مۇھەببەتلىشش ئېستىكى پەيدا بولىدۇ:

1.خارەكتىرى روشەن ھالدا ئوچۇق-يورۇق، تەققى-تۇرقى ئالاھىدە قاملاشقان بالىلار

بۇخىلدىكى بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشش نېسبىتى ، ئىچ مىجەز، تاشقى قىياپىتى ئادەتتىكىچە بالىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئوچۇق-يورۇق خارەكتىرلىك بالىلار جۈرئەتچان كېلىدۇ.ئۆزى ياقتۇرۇپ قالغان ھەرقانداق نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشىدۇ.تەشەببۇسكارلىق ئۇلارنىڭ چوڭ كوزىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى تاشقى قىياپىتى قاملاشقان بالىلار ،ئاسانلا ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ئامراقلىقىغا ئېرىشىدۇ، بولۇپمۇ قىزلار ھەم ئوچۇق خاراكتىرلىك ھەم چىرايلىق بولسا ئاسانلا ئوغۇللارنىڭ قوغلىشش نىشانىغا ئايلىنىپ، كۆپىنچە ھاللاردا باشقا جىنىسداش دوستلىرىغا قارىغانداتېخىمۇكۆپ ياخشى مۇئامىلە،شىرىن-سۆزلەرگەئېرىشىدۇ.

2.ئەدەبىيات -سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە بۇ جەھەتتە تالانتى باربالىلار

بۇخىل بالىلارنىڭ ھېسسياتى مول ، تەبىئىتى نازۇك بولىدۇ. كىتابلاردىكى ،ناخشىلاردىكى ، فىلىملەردىكى رومانتىك كەچمىشلەرنى رىئال دۇنياغا ئېلىپ كېلىدۇ،ھەم شۇلاردىن يۇغۇرۇلغان ،غايىۋى مۇھەببىتىنى مەلۇم بىر ئوبىكتىقا باغلىۋالىدۇ.ئەلۋەتتە ئۇلاردىكى باشقىلاردا ئاز كۆرۇلىدىغان ئارتۇقچىلىقلار قارشى تەرەپنىمۇ ئاسانلا بۇ قاينامغا ئېلىپ كىرەلەيدۇ.

3.خارەكتىرى ئاجىز ، ماختىنىش تۇيغۇسى كۈچلۇك بالىلار

بۇ خىلدىكىلەر قىز بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق قىزبالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئائىلىدە ئەركە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر ئوغۇل دوست تۇتۇش بىر يۆلەنچۈك تاپقانلىق. ئۇلار ئۆزىنى ئوغۇل دوستىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ،شۇڭا ئاسانلا ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇخىل بالىلاردا يەنە بىرخىل خاھش شۇكى ئۆزى بىلەن تەڭتۇشلىرىنىڭ بىرەرى ئوغۇل دوت تۇتىۋالغان بولسا، ئۇنىڭ بەسلىشش ئۈچۈنمۇ بالدۇر مۇھەببەتلىشش يولىغا قەدەم قويىدۇ.

4.ئۆگىنىش جەھەتتە ئارقىدا قالغان بالىلار

بۇخىل بالىلار ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ، مەكتەپتە بولسا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا، رىغبىتىگە ئاسانلىقچە ئېرىىشەلمەيدۇ، بەزەن ئالاھىدە غەمخۇرلۇقلارغا نائىل بولۇشتىن سۆزئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ مىھىرگە ئىچىرقىشى تەبىئىي ھالدائۇلارنى ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بولغان يات جىنىسلاردىن ئالاھىدە دوست تۇتۇشقا يىتەكلەيدۇ. بۇ يەردە مەن ئۆزۇم يولۇققان بىر ئىشنى مىسال ئالسام، بالدۇر مۇھەببەتلىشش قاينىمىغا كېرىپ قالغان بىر نەپەر 7-يىللىق ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا ئوغۇللاردىن يىقىن دوست تۇمايسەن دەپ سورىسام ،ئۇ ئوغۇللار قىزلاردەك سىر ساقلىمايدىكەن دېگەن ئىدى. 
بۇخىل بالىلارنىڭ بىر خەۋپلىك يۈزلىنشى شۇكى ، ئەگەر ئۆزى بىلەن تەڭتۇشلاردىنمۇ سىرداش تاپالمىسا، جەمئىيەتتىكى بالىلاربىلەن، ھەتتا يىشى چوڭلار بىلەن مۇھەببەت قاينىمغا كېرىپ كېتىشى مۈمكىن.

5.ئائىلىسىدە كۆڭۇلسىزلىكلەر كۆپ يۈزبېرىدىغان بالىلار

ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەن بالىلار، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئئۇرۇش-جىدىلى بىسىقمايدىغان بالىلار، ئۆگەي ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشى بىرخىل سوغۇق كەيپىياتتا ئۆتىدۇ.شۇڭا بۇخىلدىكى بالىلارمۇ ئالدىنقى تۈردىكى بالىلارغا ئوخشاش ئىرىشمەكچى بولغان ئىللىق تۇيغۇلارنى باشقا جايدىن ئىزدەيدۇ.

6. مۇھىت جەھەتتىن تەلىيى ئوڭ كەلمىگەن بالىلار

كونىلاردا «دوستۇڭ قارغا بولسا،يېيىشىڭ پوق» دېگەن ھېكمەت بار، بىز بۇ يەردىكى «دوست» نى بىز تىلغا ئىلىۋاتقان بۇ مەسىلىدە بالىلارنىڭ ئىرىشكەن مۇھىتىغا تەدبىقلىساقمۇ بولىدۇ مېنىڭچە.
مەسىلەن  بىر بالىنىڭ يىقىن ئۆتىدىغان بىرقانچە دوستلىرى بالدۇر مۇھەببەتلىشش قاينىمىغا شۇڭغىغان بولسا، ئۇنىڭمۇ شۇ يولغا مڭېىپ كېتىش ئىھتماللىقى بەك يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بىرقىسىم ئائىلىلەردىكى ناچار مۇھىتمۇ ئۇلارنىڭ يات جىنىسقا بولغان ئاڭسىز رەۋشتىكى ئىنتىلىشىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.
بۇلتۇر ، بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىرنەپەر ئوقۇغۇچىدىن «جىنسى قوزغىتىش دورىسى» نىڭ ئېلان رەسىملىرى بايقالدى، قاتتىق چۆچۈپ كەتتۇق . كېيىن شۇنى بىلدۇقكى بۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئائىلسىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئىكەن!؟ ئۇ بالىمۇ سىنىپتىكى بىرقانچىلىغان قىز ساۋاقداشلىرىغا «غەيرى گەپ» لەرنى قىلىدىكەن، ئۇ«ئارقىسىغا كېرىۋالغان» قىزلارنىڭ سانىمۇ بىزنى يەنە بىرقىتىم چۆچۈتتى .
بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئائىلىلەردە پەرزەنتلىرىگە پەدىشەپ تەربىيىسى ئىشلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ، جىنسى تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىشلاردا بەكلا تەرتىپسىز بولۇپ كەتمەكتە.
بۇخىلدىكى مۇھىتتا ئۆسكەن بالىلاردا بالدۇر مۇھەببەتلىشش ئىستىكىنىڭ يۇقارقىلارغا ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ئۇلاردا بالدۇر ئويغىنىپ كەتكەن جىنسىيەت تەۋەككۈلچىلىكى مەۋجۈت ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەشمۇ قىيىن.

بۇھەقتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە كىلەر ھەپتىگىچە يەنە يازمىلار تەييار بولغۇسى.





28 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قېلىش قاينىمىغا كىرىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى بايقىغان ھامان ئۇلارغا ئەتراپىلىق ھالدا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭپۇڭلارشتۇرۇش كېرەك . پىسخىك جەھەتتىن خىزمەت ئىشلەپ ئۇلاردىكى ناچار خارەكتىرنى تۈگىتىشكە تىرىشىش كېرەك .

  • سارغايغان ياپراق جاۋاب

    سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزغا بارىكاللا.مەن مۇشۇ مەسىلىدە بەكمۇ زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان تەربىيەلىگۇچى، مىنىڭچە بۇ مەسىلىدە سىز ئيتىپ ئۆتكەندەك ئائىلە موھىتىدىكى ھەرخىل ئامىللارنىڭ تەسىرى ئنتاتىن ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن ،ئۇيغۇر جەميىتىمىزدە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بەكمۇ قارىغۇلارچە ، ئلمىيسىز بولىۋاتىدۇ .بالىلارنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى ئاساسلىق تەربىيەلەر مويىم دەپ قارالمايۋاتىدۇ.مىنىڭ يولۇققان مەسللىرىمدىن شۇنى ھس قىلدىمكى بىزپەرزەنىتنىڭ زادى كىم ئكەنلىەىنى ھاياتلىقىمىزنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تىخىچە بىلىپ بولالمىغان وخشايمىز.بالىلاردىنمۇ بەكرەك ئاتا ئانىلار تەربىيەگە مۇھتاج پەرزەنىتلەر بولسا ھەقىقى ساپ مىھرى مۇھەببەتكە ساغلام ئائلە مۇيىتىغا ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار پۇتكۇل جەميەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ،سىزنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىڭز ،يۇرىكىڭز بىز تەربىيەلىگۇچىلەرنىڭ ئالقىشى ئىچىدە مەڭگۇ كۈچەيگەي

  • مىنىڭچىمۇ بۇ بىر پىسخىكا مەسىلىسى. بالىلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە بەزىلەر ئۇلارغا خۇددى جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ،بۇ خاتا . بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايلا قالماي ئەكسىچە بالىنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىپ قويىمىز .بۇنۇڭ بىلەن بالىدا بىر بولسا ئۈمۈتسىزلىنىش ئۆزىنى جىنايەتچىدەك تۆۋەن تۇتۇش پىسخىكىسى،بىر بولسا قېيداش قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولىشى مۇمكىن.بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. مەنچە بولغاندا:بالا بىلەن ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى بولغۇچى دوستانە پاراڭلىشىپ ئۇنۇڭ كۆڭلىدىكىنى دىگۈزۈش كېرەك.ئاندىن ئۇنۇڭغا بۇ چوڭلارنىڭ دىيىىشدىغان گېپى ياكى چوڭلارنىڭ ئىشى،ئۇنى دورىسىڭىز كىشىلەر بىلسە سەت بولىدۇ.چوڭلارنى دوراپ بۇنداق دىمەڭ ياكى ئۇنداق قىلماڭ.مەن سىزگە ئىشىنىمەن،بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ساۋاغداشلىرىڭىزغىمۇ ياخشى تەربىيە قىلىپ ئۇلارغا ئۈلگە بولالايسىز. بۇ بىر كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنى دوراپ ئوينايدىغان ئۇيۇنى.بۇ ئۇيۇننى ئويناش خاتا ھەم ئۇياتلىق ئىش. دىيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوزى مۇھاببەتنى چۈشەنمىگەن ئاساستا بىلىمەي تۇرۇپ شۇ ئىشلارنى قىلىپ قويغانلىقىنى ئۆزىگە تۇنۇتۇش كېرەك. ئۇنۇڭدىن باشقا بالىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداپ باشقىلار ئالدىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئالماسلىق.ساۋاغداشلىرىنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ بالىنى ئارىغا ئالماسلىقىدىن ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق توسىشى كېرەك.بالا بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچى كۆپرەك بىللە بولۇپ،مۇڭدۇشۇپ بالىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كېرەك. ئاتا-ئانا بالا ئالدىدا بۇ ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرمەي ئاددى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىپ ،ئادەتتە بالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى ،تەربىيەنى تېخىمۇ چىڭ تۇتسا،ھەربىر ئىش ھەركىتىگە ،ئۆزگىرىشىگە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا بۇ ئىش چۇقۇم ياخسى ھەل بولىدۇ

  • ئەكبەر جاۋاب

    باللارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىششى ھەققىدىكى قاراشلىرنىڭ خېلى بۇلىدىكەن ئەمما بالدۇر مۇھاببەتلىششىنىڭ سەۋەپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىڭىز بەك كەمچىلگەن.

    • weten

      داۋاملىق ئىزدىنىمەن

  • ھال رەڭ ئەتىرگۇل جاۋاب

    مۇھاببەتلشش دىگەن تەبىې ئەھۋال .مەنمۇئون ئۇچ يىشمدا مۇھاببەتلشكەن مەن تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرگىلى بىريىل بولدى .مەن ھازىر ئون يەتتە ياشقە كىردىم لىكىن مىنڭ ھازىر مۇھاببتم يوق بالدۇر مۇھاببەتلشىپ زىيان تارتقان ئىدىم .باشلانغۇچ مەكتەپتكى باللار مۇھاببەتلەشسە ئۇلارغا ھەرقايسى جەھەتتىن زىيانلىق.

  • ھال رەڭ ئەتىرگۇل جاۋاب

    مۇھاببەت دىگەن ھەققەتەنمۇ لەززەتلىك نەرسە مۇھاببەتنىمۇ ئىھتيا جىمىزغا ياش پەرقىمىزگە قاراپ تۇتشىمىز كىرەك .

    • weten

      شۇنداقمۇ ؟ :o

  • ھال رەڭ ئەتىرگۇل جاۋاب

    ھەئە شۇنداق . مەن بۇئنكاسنى سىزگە قارتىپ يازمىغا ندىكىن جىق گەپ قىلماڭ بولمسا مەندىن ئەد پىڭىزنى يەيسىز..

  • ھال رەڭ ئەتىرگۇل جاۋاب

    كەچۇرۇڭ مەن سىزنىڭ ئاپتۇر .ئكەنلكىڭىزگەقارىماي يامان گەپ قىلىپ ساپتىمەن . خىجلمەن ،سىزدىن چىن دىلمدىن ئەپۇ سۇرايمەن. :

    • weten

      توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى ئاسرىغايسىز :???:

    • ۋەتەن ئەپەندى مەن قانداق قىلسام باش سۈرئىتىمنى ئۆزگەرتەلەيمەن ؟ ياردەم قىغان بولسىڭىز ~~
      ھازىقى باش سۈرئەت قانداق تاللىنىپ قالدىكىن ،،،،بەك سەتكەن .. :???:

  • ئوقۇرمەنلەر ئاۋازى دىگەن يەردە چىقىدىغانچۇ …. :smile:

    • weten

      بۇنىڭغا بىر جەريان كېتىدۇ، مەن بىكار بولغاندا قىلىپ بىرەي

  • بۇلىدۇ ، رەھمەت …..

  • ھال رەڭ ئەتىرگۇل جاۋاب

    مىنى چۇشەنگىنگىزگە رەخمەت . سىزمۇ ئوىزىڭىزنى ئاسرىغايسىز. تىنڭىز سالامەت بولسۇن . ئشلىرىڭزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .ئامان بۇلۇڭ

  • ھال رەڭ ئەتىرگۇل جاۋاب

    ۋەتەن ئەپەندى مىنڭمۇ باش سۇرىتمنى ئىغىر كورىمەي ئوزگەرتىپ بەرىگەن بولسىڭىز.

  • weten جاۋاب

    بۇنداق يازمىغا مۇناسىۋەتسىز ، ياردەم سوراش تۈرىدىكى ئىشلارنى بىلوگىنىڭ «مەسلىھەت» سەھىپىسىگە يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • ئاتا-ئانا بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ سورۇن، ئولتۇرۇشلارغا كۆپ ئاپارسا ، بۇنداق ئائىلىدىكى بالىلار بۇرۇن «چوڭ» بوپ قالىدۇ . بۇنداق سورۇن كۆرگەن بالىلاردا ئاسانلا ، چوڭلارنى دوراپ بېقىشتەك پىسخىك ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ . ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا مۇھەببەت فىلىملىرىنى ،توردىن ھەر خىل ساغلام بولمىغان نېمىلەرنى كۆرىدۇ. (كۆپ قىسىملىق مۇھەببەت ھەققىدىكى تىلىۋېزىيە فىلىملىرىنى قىزى بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ بار . )ئانىسىنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ ، چاچلىرىنى ھەر خىل قىلىپ ، گىرىم قىلىپ ئۆيدە ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىپ «رۇخسار»ىدىن پەخىرلەنسە ، سىرتتا ، سىنىپتا قارشى جىنىستىكىلەرگە قىزىقىپ قالىدۇ (بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەن قىز ئوقۇغۇچىلاردا ، مۇشۇ ئەھۋال كۆپ كۆرىلىدۇ). بىرەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ مۇھەببەت تەكلىۋىنى تاپشۇرۋالسا ، ماختىنىدۇ .
    شۇڭا، ئاتا-ئانا ئائىلىدىكى پەدىشەپكە ، بالا ئالدىدا گەپ-سۆز، يۈرۈش – تۇرۇشقا دېققەت قىلىش بىلەن يەنە بالىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك .

    • weten

      ئالدى بىلەن ئايچىۋەر خانىم بىلەن بۇيەردە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمدىن خۇشالمەن . دېگەنلىرىڭىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئېيتقانلىرىڭىزمۇ بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىپ كېتىشىدە چوڭ تەسىر كۆرسىتىغان ئامىللار ئىكەن.

  • توغرا1 مەنمۇ تۈنۈگۈن مۇشۇنداق بىر ئىشنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. خوشنمىزنىڭ بىر نەۋرىسى بار ئىدى پات پات كىلەتتە تۈنۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە ئوينىغىلى كىرىپتىكەن گەپتىن گەپ چىقىپ مومىسىغا ئۆزىنىڭ يەسلىدە بىر مۇھەببىتى بارلىقىنى دەپتۇ.مومىسى چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دەپ ئۆزىدىنلا سورىدىم: ئۆركەش: يەسلىرىڭدە ئالمىرە دەپ بىرسى بارما؟ بار! چىرايلىقمۇ؟ چىرايلىق؟ ئۇ سىنىڭ نىمەڭ دىسەم.تارتىنمايلا مىنىڭ قىز دوستۇم، دىمەسمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى. ئاندىن بۇ ئىشلارنى مەندىن سوراپ كىتىۋاتىدۇ. يەنە تىخى چوڭ بولغاندا ئۇنى ئالىمەن چوڭ ئاپا سەن ئۇنىڭ قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك سىلىپ قوي جۇمۇ دەپ كىتىۋاتىدۇ. ۋاي ئاللا مەن تولا باشقىلاردىن يەسلىدىكى باللارنىڭمۇ مۇھەببىتى بار دىسە بۇنى ھەجۋى سۆز دەپ چۈشىنەتتىم. بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ياقامنى بىرنى چىشلەپ سالدىم. بۇ كىچىك بالىلىرنىڭ كىچىك تۇرۇپلا مۇشۇ ئىشلارنى ئۈگىنىپ كىتىشى بىلىپ كىتىشى مۇشۇ دىلبۇزۇر (تىلىۋىزۇر) (电视) دىگەن شەيتاننىڭ ئائىلىلەرگە كۆرسەتگەن ئەڭ چوڭ تەسىرى دەپ ئويلايمەن.

    • weten

      بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى دوراشتىن تەرەققىي قىلىدۇ، بەزەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۇنى-بۇنى تەقلىد قىلدۇرۇشقا ئامراق ، ئەمما بۇ يولىدا بولۇشى ،چىكىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئەلۋەتتە.

  • ھال رەڭ ئەتىر گۇل جاۋاب

    ئاۋارە قىلپتىمەن كەچۇرۇڭ.

  • ئەھمەد جاۋاب

    بالى لاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش سەۋەپلىرى .ۇستىدە خىلى كۆپ ئىزدىنىپسىز ،ھارمىغايسىز

  • winra جاۋاب

    بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىششىگە مىنىڭچە يەنە تىلۋۇزۇردىكى بەزى مەزمۇنلار يەنى بەزى ئىلانلارۋە جەمئيەتتىكى بەزى گەپ سۆزلەر , بەزى قىلىقلارمۇ تەسىر قىلغان بولىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن。

  • ئابدۇرەھىم جاۋاب

    تۇغرا ، بىز ھازىر تىلىۋۇزۇردىن پايدىلىنىشنى ئۇقمايۋاتىمىز . پەدىشەپ بۇزىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ كۈرىۋاتىمىز….

  • باھارىم جاۋاب

    ۋاي خۇدا ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشقا نىسىپ قىلغايسەن.

  • سىناق جۇمۇ بۇ!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif