بۇ جاھاندا پالانچىنىڭ خىزمىتى ئەڭ قالتىس دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە جۈملىدىن سىزنىڭمۇ شۇ.
بۇ يازمىدا قانداقتۇر ئەڭ قالتىس خىزمەتلەر ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئەڭ كارامەت خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىمىز، بەلكىم سىزنىڭ بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىرەر تۈرىدە باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشىڭىز، تۇرمۇش تەجرىبىڭىز بولىشى مۇمكىن ياكى بۇ ساھەدىكى ئالاھىدە شەخىس ياكى مۇنەۋۋەر خادىم بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.
تۆۋەندە تىلغا ئېلىنىدىغان بۇ خىزمەتلەرنى، ھەربىر ئادەم ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ سىناپ بېقىش كېرەك.
مۇلازىمەتچى Waiter
بۇ ئەڭ ئاساسلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئادەم ھەتتا لەدىي گاگا مۇشۇنىڭ ئىچىدە ئۆمرىنىڭ مەلۇم بۆلىكىدە بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. سىز خېرىدارنىڭ شىرەسى يېنىدا ساقلاپ تۇرغان پەيىتتە، سەۋىرچانلىقنى، كەمتەرلىكى ۋەئىتائەت قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلىسىز. بۇ خىزمەتنىڭ ئەڭ ياخشى بىر يىرى شۇكى، سىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ كىرىم سەۋىيىسىدىن خىلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
بالا باققۇچى Baby sitter
ئەرلەر ئەزەلدىن بۇ تىپىك ئايالچە خىزمەتنى قىلىپ بېقىشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ، ئەمما بۇنى بىرقېتىم سىناپ بېقىش كېيىنكى ھاياتىڭىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى خىلى چوڭ. توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئەرلەر ئۈچۈن بالا بىر ئاۋارىچىلىق خالاس. بىراق سىزبالاباققۇچى بولغاندىن كېيىن بالىلار بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇرى بولىسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ دادا بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى، ياكى پراكتىكىسى. بۇ يەنە سىزنىڭ ئائىلە قۇرۇش پىلانىڭىزغا قايتا قاراپ چىقىشتىكى مۇھىم بىر ئىش. مەلىكە Anne Hathaway مۇ ھوللىۋۇدتا نام قازىنىشتىن ئىلگىرى بالاباققۇچىلىق قىلىپ باققان.
مال ساتقۇچى Salesman
ئۇلار كىشىلەرگە ئەسلىدە ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان مەھسۇلاتلارنىمۇ سېتىپ پۇل تاپىدۇ، بۇ بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى قوزغايدىغان بىرئىش. ئەگەر سىزبىر مال ساتقۇچى بولسىڭىز، ئىشىڭىز يۈرۈشكەنسىرى، تۇيغۇڭىز شۇنچە قالتىس بولۇپ كېتىدۇ. مال سېتىش ھۈنەرلىرىنى ئىگىلەش سىزنى ئەقىللىق قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە باشقىلارنى كونترول قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەگەربۇنىڭ ئامېرىكىلىق مەشھۇر كومىدىك كىنوچولپىنى Jerry Seinfield نىڭ تۇنجى خىزمىتى ئىكەنلىكىنى بىلىسڭىز، بۇخىزمەتنىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايسىز.
ۋاكالىتەن تونۇشتۇرغۇچى Customer Service Representative
بۇ خىزمەت قارىماققا باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىق. سىزھامان بىركۈنى خېرىدارلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭىغا كۆنۈپ كېتىسىز. سىز شۇنى ھېس قىلىسىزكى، ۋاكالىتەن تونۇشتۇرغۇچىلىق خىزمىتى باشقا ئىشخانا خىزمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن جاپالىق، رىقابىتى كۈچلۈك. بىراق بۇ خىزمەتنى قىلغاندىن كېيىن، سىزدە باشقىلارنىڭ رەنجىشلىرىگە نىسبەتەن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى يېتىلدۈرىسىز.
شوپۇرلۇق Driver
بىر ئەرگە نىسبەتەن ماشىنا ھەيدەشتىنمۇ ھاياجانلىق ئىش بولماس. سىز كىرا ئاپتوموبىلى ھەيدەشكە ئۇنچىلا قىزىقماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن پۇللۇق سودىگەرلەر ياكى بىرقىسىم داڭلىق كىىشلەرئۈچۈن ماشىنا ھەيدەش كەچۈرمىشىڭىز، سىزگە رەت قىلغۇسىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنى ماشىنىڭىزغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەھەرنى كېزىپ يۈرگىنىڭىزدە، سىزمۇ شۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىسىز. بۇنداق كەچۈرمۈشكە ئېرىشىش سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا يېڭى قاراشلارنى شەكىللەندۈرشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى بۇخىزمەتتە سىز نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ قالىسىز. ھوللىۋودنىڭ گىگانت چولپانلىرىدىن Brad Pitt مۇ بىرتەرەپتىن ھەشەمەتلىك كىرا ماشنىسى ھەيدەپ تۇرمۇش تەجرىبىسى توپلىسا، يەنە بىرتەرەپتىن ھوللىۋۇدتا چېپىپ يۈرۈپ چۈشلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان.
«可可网»تورىدىن تەرجىمە قىلىندى