نۆۋەتتە بىزدىمۇ ئازبولمىغان ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرى مەستانىلىرى توپى مەۋجۇت ، گەرچە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزدىكى كۆرۇرمەنلىرى تۈركىيە، كورىيە تېلېۋزىيە تىياتىرلىرىنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەسىر كۈچى، نەتىجىسى ئاللا قاچان ھەتتا ھوللىيۋود كىنولىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.
بەزىلەركېسىپلا، ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرلىرى ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە دېيىشمەكتە، تېلېۋزىيە تىياتىرى كەسپى ئىجادىيەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىدۇ، بۇخىل ئەۋزەللىك ھوللىيۋودتا نىسبەتەن يېتەرسىز. ھازىر قايسىلا كىنو توربېكەتلىرىگە كىرەيلى، ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز. قىسقىسى بايقىشىمىزچە، ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرلىرى ھوللېۋۇد نىڭ قولىدىن قىممەت قاراش، ئىدىيە تارقىتىش مونۇپۇللۇقىنى تارتىۋالغاندەك قىلىدۇ.
تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرى سانائىتىدىكى چوڭ ئىشلاريىلنامىسى:
1928-يىلى : ھەممىباب شېركىتى ئىشلىگەن «ئايال پادىشاھنىڭ خەۋەرچىسى » نيۇيورك ئوبلاستلىق WGY ئىستانسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. بۇ ئامېرىكا (توغرىسى دۇنيا مىقياسىدا ) تارىخىدىكى تۇنجى تېلېۋزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئومۇمى ۋاقتى 40 مىنۇت ئەتىراپىدا بولغان ئەسەر ئىنسانىيەت تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان بولۇپ، مەزكۇر تىياتىرنىڭ ئورۇنلىنىش شەكلى درامىدىن پەرقلەنمەيتتى.
30-يىللار : تېلېۋزىيە سىستېمىسى سىناق باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ NBCۋەCBS دىن ئىبارەت ئىككى رادىيۇ-تېلېۋزىيە شېركىتى زور مەنپەئەتلىك سىناق ئېلىپ باردى، تەجرىبە تەرىقىسىدە كۆرسىتىش بەردى، كۆرسەتكەن نومۇرلار ئاساسەن ئاممىۋى سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ئۆزگەرتىلگەن كلاسسىك ئەسەرلەر بولدى.
30-يىللارنىڭ ئاخىرى : تېلېۋىزىيە سىستېمىسى يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەندى NBCۋەCBS شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ تېلېۋزىيە ئىستانسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئەمما 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر مەھەل توختاپ قالدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتكۈل ئامېرىكا مىقياسىدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، نورمال تەرەققىي قىلدى، تېلېۋزىيە نومۇرلىرىنىڭ كۆرسىتىلىش ۋاقتى ھەپتىسىگە 50 سائەتكە يەتتى.
40-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى : بۇ دەۋردىكى ئاتالمىش تېلېۋزىيە تىياتىرلىرىمۇ يەنىلا نەق مەيداندىن تارقىتىلغان سەھنە نومۇرلىرى ئىدى. 1947-يىلى 5-ئايدا NBC شېركىتى بىۋاستە تارقىتىلدىغان تېلېۋزىيە تىياتىرى پروگراممىسى« Kraft تېلېۋىزىيە تىياتىر سەيناسى» نى تەسىس قىلىپ، تۇنجى ھەقىقى مەنىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى« قوش ئىشىك» (Double Door) نى كۆرسەتتى.
50-يىللار : ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرلىرى تېز تەرەققى قىلدى، خىلمۇ-خىل تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىمۇ مەيدانغا كەلدى.
1956-يىلى : ماگىنىت لېنتىلىق سىن ئېلىش تېخنىكىسى بازارغا سېلىندى ھەمدە ئامېرىكا تېلېۋزىيە ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشقا باشلىدى.
60 -يىللار : تېلېۋزىيە تىياتىرلىرى ئاساسى جەھەتتىن نەق مەيداندىن تارقىتىش شەكلىنى چۆرۈپ تاشلىدى، كۆپ كامىرالىق سۈرەتكە ئېلىش ۋە سۈرەتكە ئېلىۋېلىپ ، تەھرىرلەپ تارقىتىش ئۇسۇلى مەيدانغا كېلىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى تېلېۋزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئىشلىنىش -تارقىتىلىش شەكلى ئاساسەن قېلىپلاشتى.
نۆۋەتتە تېما دائىرىسى، ئىشلىنىش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرماقتا، نەچچە يىل ئاۋالقى «تۈرمىدىن قىچىش»، «ئىزىقىش » قاتارلىقلار بولسۇن، ھازىر تارقىتىلىۋاتقان «چوڭ پارتىلاش»، «قان شورىغۇچىنىڭ خاتىرىسى»، «تىرىك مۇردىلار»،«سىپارتاك» قاتارلىقلار بولسۇن دۇنيا مىقياسىدا زور مۇۋاپىقىيەت قازىنىش بىلەن بىرگە بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئاز بولمىغان ئامېرىكا تېلېۋزىيە تىياتىرى مەستانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بەلكىم پات ئارىدا ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىمغا ئاساسەن ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ قېلىشىم مۇمكىن.