سالام ئاناتىلىمدا سۆزلىشىدىغان بارلىق كىشىلەر، سالام ئۆزئاناتىلى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ئاناتىلىنى ھۆرمەتلەيدىغان بارلىق كىشىلەر!
بۈگۈن 21-فىۋرال. «دۇنيا ئاناتىل بايرىمى»ـ پۈتۈن جاھاندىكى ئۆزئاناتىلىنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاناتىلىنىڭ ھۆرمىتىگە شادلىنىدىغان، ئانا تىلىنىڭ قايغۇسىغا جۆر بولدىغان، ئاناتىلىنىڭ تەقدىرىگە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۇل بۆلىدىغان بىركۈن.
مەن بۇندىن بىرقانچە ئاي بۇرۇنلا«دۇنيائاناتىل بايرىمى» ھەققىدە بىريازما تەييارلاپ بلوگدا ئېلان قىلغان ئىدىم .( تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ بىلىپ قىلىشى ئۈچۈن بىرقانچىلىغان مۇنبەرلەرگە يوللىغان بولساممۇتەستىقلىنىپ چىققىنى ئاران ئىككى مۇنبەردە كۆرۈندى)«ئاناتىل بايرىمى»ياكى«ئاناتىل كۈنى»نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى شۇيازمىدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
شۇنداق بۈگۈن«دۇنيا ئاناتىل بايرىمى»، بىزلەرئۈچۈن«دۇنيا ئۇيغۇرتىلى بايرىمى»! چۈنكى بىزنىڭ ئاناتىلىمىز، ئانا سۈتى ئارقىلىق ھۇجۇدىمىزغاروھ ئاتا قىلغان تىل-دەل ئۇيغۇرتىلى!
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
بىزنىڭ تىلىمىز «ئانا»دەپ ئاناتىل بىلەن چىققان، جىنىمىزھەم بۇ مۇقەددەس ئاناتىلدا تەسكىن تاپىدۇ…
ئاخىرىدا بارلىق قىرىنداشلارنىڭ«دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە ئاناتىلىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى، ئىستىقبال-تەقدىرى ھەققىدە ھەربىرىمىزنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولشىىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇيغۇرتىلى بىزنىڭ مەۋجۈدلىكىمىزنىڭ ئەڭ تۈپ بەلگىسى!
دۇنيابارلىق شەيئىلەرنىڭ خاسلىقى بىلەن گۈزەل، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر مەۋجۈدلىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئاناتىل بايرىمىنى ھەم مۇبارەكلەيمەن، ھەركىمنىڭ ئانىسى ئامان بولسۇن، ھەركىمنىڭ ئاناتىلى راۋان بولسۇن!
…..
مەن بۇيىلدىن باشلاپ «ئاناتىل بايرىمى» نى ئائىلىۋى تەبرىكلەشنى باشلىدىم، شۇتاپتا 3ياشلىق قىزىم ئايقۇتنى ئېلىپ كىتابخانىغا مېڭىش ئالدىدا، بۈگۈن ئۇنىڭغا بىر«ئېلىپبە»سوۋغا قىلىش نېيىتىم بار..
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2011-يىللىق «دۇنيائاناتىل كۈنى»تەشۋىقات رەسىمى