بۈگۈن مەن خىزمەت قىلىۋاتقان يېزىدا كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىغان ئىككى ئۆلۈم ھادىسىسى يۈزبەردى، ئالدى بىلەن پەرۋەردىگارىمىزدىن مەرھۇملارنىڭ ھەم بارچىمىزنىڭ گۇناھلىرىغا مەغفىرەت تىلەيمەن.
ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى ھەرئىككى قېرىندىشىمىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئىكەن، بىرى چوڭ ياشتىكى بىرئاتا بولۇپ(يىشىنى بىلمىدىم) قىزىنىڭ بىراۋ بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنى بوغۇزلىۋاپتۇ، يەنە بىرى ئەمدىلا15ياشقا كىرگەن بولۇپ ئۇمۇ مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋاپتۇ…
كېيىنكى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە پەتىگە بارغىنىمىزدائاتا-ئانىسىنىڭ يېغىسىدىن تۇرالماي قىلىشتۇق، بىر ئۆسمۈرنىڭ بۇنداق بىر شەكىلدە ئۆلۈپ كېتىشى كىمنى يىغلاتمىسۇن؟
ئىسلام دىنىدائۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشنىڭ قاتتىق گۇناھ قاتارىدا ئەيىبلىنىدىغانلىقىغا ئالاقىدارسېگناللاربار، يەنە بىلىشىمچە باشقا دىنلاردىمۇ بۇ قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدىغان بىرقىلمىش، ئەلۋەتتە بىدئەت دىنلاربۇنىڭ سىرتىدا بولۇشى مۇمكىن.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلاپ مېڭەم گادىرماچ بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھمەتلىك ئاپامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگىمۇ ئۇزۇن بولمىغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر يېقىندىن بىرى ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدە ئىزچىل ئويلىنىش ئۈستىدە كېلىۋاتىمەن.
ئويلىنىۋاتقىنىمدا توساتتىن ئالدىنقى يىلى يۈربەرگەن يەنە بىرئۆسمۈرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى، ئۇمۇ دەل مەن خىزمەت قىلىۋاتقان مۇشۇ يېزىدا يۈربەرگەن ئىدى.ب ئۇنىڭ ھېكايىسمۇ كىشىنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ.
ئۇمۇ 14~15ياشلارچامىسىدىكى ئوغۇلبالا بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قوشنا يېزىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە تويغا قاتنىشش ئۈچۈن كەتكەندە، ئوغۇرلۇقچە مېھمانخانا ئۆيىدىن تاتلىق-تۇرۇم ئېلىپ يېيىش ئۈچۈن ئىشكاپنى ئاختۇرغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتۇن جاھازا ئۆرۇلۇپ چۈشۈپ سۇنۇپ كەتكەن، بالا بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەنمۇ ئەيتاۋۇر، قوي قوتىنىغا كېرىپ ئارغامچا بىلەن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.
….
يۇقارقىلىرى مەن بۈكەمگىچە بىلگەن ئۆزۈمگە ئەڭ يېقىن مۇھىتتا يۈربەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىلىرى، ئەلۋەتتە بۇخىل ھادىسىدە ھەققىدە بىزنىڭ ئاڭلاۋاتقانلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. بىلىشىمىزچە بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستىلىرىمۇ ھەرخىل.
ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سەۋەبلىرىگە كەلسەك بىزگەئاشىكارەبولغانلىرىدىن كۆرە خىلى مۇرەككەپ سەۋەبلەرمۇ بار، شۇنداقلا تىلغائالغۇچىلىكىمۇ يوق كىچىك سەۋەبلەرمۇ بار. مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئادەمگە بېرىلىدىغان ئەڭ قىممەت نەرسە بولمىش ھاياتنى مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشنى ھېچبىر قۇبۇل قىلغۇمىز كەلمەيدۇ.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قانداق ھادىسە؟ مېنىڭچە بۇ ناھايىتىمۇ ئىغىرتىپتىكى پىسخىكىلىق توسالغۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىنورمال ھەرىكەت- بۇ مېنىڭ بۈگۈن دەماللىققا چىقارغان خام ھۆكىمىم. بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنە مەخسۇس يازمىلارنى ئېلان قىلىشىم مۇمكىن، نۆۋەتتە ئىشتىن سىرت ئۆزلىكىمدىن پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقا بۇ تېمىغا قىزىقىپ قالدىم.
تۆۋەندىكىلىرى بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش جەرياندىكى بىرقىسىم ماتېرىياللار:
مەلۇم بىرخەن تىلىدىكى بېكەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسى ھەققىدىكى بىرتەكشۈرۈش دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: نۆۋەتتە ئىنسانلار تۈرلۈك چارىلەربىلەن ھاياتنى ئاسراشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشتەك بۇخىل بىنورمال ھادىسىمۇ بارغانسىرى جەمئىيەتنىڭ بىردائىميلىق ھادىسىىسىگە ئايلىنىپ قالماقتا. بىرقىسىم دۆلەتلەردە ئۆزقولىدا ئۆلىۋاتقانلارسانى، باشقىلارنىڭ قولىدا ئۆلتۈرىلىۋاتقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىردوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ھەريىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلار600مىڭدىن 700مىڭغىچە ئىكەن.
جۇڭگودا بولسا ھەريىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ سانى200مىڭدىن 250مىڭغىچە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ3تىن1نى ئىگىلەيدىكەن.
2002-يىلى جۇڭگو ھۆكىمىتى تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدىن قارىغاندا ھەريىلى 287مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
1995-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئۆلۈم ھادىسىلىرى ئىچىدە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، راك-ئۆسمە كېسەللىكلىرىدىن كېيىنلا 5-مۇھىم سەۋەب قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە ئۆلگەن نوپۇس ئىچىدە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىلار نىسبىتى 3.6%نى ئىگىلىگەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېگەن:
مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن قارىغاندابۇ ھادىسە خۇسۇسىي ياكى ئايرىم مەسىلە بولماستىن، بەلكى بىرتۈرلۈك ئىجتىمائىي ھادىسە. دۇنيادا بۇ بىرتۈرلۈك قىيىن تېما بولۇپ تۇرماقتا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسى كۈنسايىن ئېشىشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
1987-يىلىدىن ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق بىرتۈرلۈك سىستېمىلىق سانلىق ئامبىرى تۇرغۇزمىغان ئىدى.1987-يىلىدىن 1995-يىللىرىغىچە دەسلەپكى قەدەمدە ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇش، ستاتىستىكىلاش خىزمەتلىرى ئىشلەندى.
دەسلەپكى ئانالىزلاردىن مۇنداق نەتىجىلەر روياپقا چىقتى:
1. شەھەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى يىلسېرى تۆۋەنلىگەن، ئەمما يېزىدا ياشىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى داۋالغۇش ئىچىدە بولغان.
2. يېزىدا ياشىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى شەھەرلىكلەرنىڭكىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولغان.
3.ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نېبىستى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولغان.
4.ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا ھەرخىل ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ چوڭ پەرقى يوق.
ماقالىنىڭ داۋامى يېزىلىدۇ…