• قوللانچى: پارول:

«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»دۆلىتىمىزگەيېتىپ كەلدى

«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»(Take Kids To Work Day)دېگەن بۇ ئاتالغۇئامېرىكىدا بارلىققا كەلگىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ،ھەريىلى بۇپائالىيەت داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن.بۇ ئىش ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا ئاياللارفۇندى تەشكىلاتىنىڭ«ئايال خىزمەتچىلەر قىز پەرزەنتلىرىنى خىزمەت ئورنىغا بىللە ئېلىپ بېرىش كۈنى»ھەققىدىكى چاقىرىقىدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىنچەنۆۋەتتىكى ئاتالغۇ ۋە پائالىيەت مەزمۇنىغا ئۆزگەرتىلگەن.
ئۇنداقتا بۇزادى قانداق پائالىيەت كۈنى؟
«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»نىڭ ئاساسى مۇددىئاسى بولسا ئاتا-ئانىلاربىلەن بالىلارنىڭ مېھىرىنى كۈچەيتىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش.ئەمگەكنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش،شۇنداقلا ئۇلارداكىلەچەككە بولغان تەسەۋۋۇرلارنى ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت،…
«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى» ئامېرىكىدا ھەريىلى 4-ئاينىڭ ئىككىنچى جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ،چوڭ-كېچىك كارخانا-شىركەتلەر،مەمۇرىي ئورگانلارئاكتىپلىق بىلەن تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
2010-يىلى جۇڭگوداتۇنجى قېتىم رەسمىي تۈردە مەزكۇرپائالىيەت كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلدى،ھەم ھەريىلى 8-ئاينىڭ ئىككىنچى جۈمە كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ «پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى.
گەرچە يۇقارقىدەك بولسىمۇ،لېكىن دۆلىتىمىزدە بۇ«تەربىيەكۈنى» تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئەڭ مۇھىمى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلالمىدى.شۇ سەۋەبتىن يېقىندا سىنا تورى قاتارلىق بىرنەچچە نوپۇزلۇق توربېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئاممىنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
تۆۋەندىكىسى جۇڭگونىڭ«پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»ھەققىدىكى مەخسۇس ئورگان توربېكىتى:
http://www.takekidstowork.com/
بۇيىل 8-ئاينىڭ12-كۈنى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك «پەرزەنتى بىلەن بىللە ئىشقا بېرىش كۈنى»، سىز پەرزەنتىڭىزنى ئىش ئورنىڭىزغا بىللە ئېلىپ باردىڭىزمۇ؟
—–
ۋەتەن مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ كۈن تەتىلدە كېلىپ قالىدىكەن، ئەمما باشقا خىزمەت ئورۇنلىرى،شىركەت-كارخانىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشى توغرادەپ قارايمەن.ھەركۈنى خىزمەتكە ماڭغاندا بالىڭىز سىزنىڭ پەقەت «خىزمەت»كە ماڭغانلىقىڭىزنىلا بىلىدۇ.ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى(ئەمگىكىنى)چۈشىنىپ قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى باركى زىيىنى يوق.





1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • دۆلىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار بەك چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ، بىزنىڭ ئىقدىسادىمىز تەرەققىي قىلغان بىلەن كاللىمىز تېخى دەۋىرنىڭ ئارقىدا،،،،،،،،،،،،،،،.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif