مەجىد.مەجىدى (Majid Majidi) بولسا بىر قالتىس سەنئەتكار، مەن قول قويىدىغان رېژىسسور، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرسىڭىز، ئەشۇ جىمجىتلىق ئىچىدە ھۇجۇدىڭىزنى تىترىتىدىغان بىر ھاياجاننى روشەن ھېس قىلىسىز. كۆپتۈرگىنىم ئەمەس، ئەگەر ئۇ ئىشلىگەن كىنولارنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا كىنو ساھەسىدىكى قالتىس شەخىس بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىسىز.
بەلكىم، بىزدە خىلى كۆپ كۆرەرمەن ھېلىقى «ئاياغ» دېگەن كىنونى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن ، مېنىڭ بىلىشىمچە، مەجىدىنىڭ نادىر فىلىملىرىدىن پەقەت «ئاياغ» ئەسلى نامى( «جەننەت بالىلىرى» The Children Of Heaven) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئاۋاز بېرىلدى، ئەمما كۆپىنچە مەنبەلەردە بۇ كىنو تۈركىيەفىلمى، قازاقىستان فىلىمى..دېگەندەك خاتا تەشۋىق قىلىنغان.
بۈگۈن مەن تەۋسىيە قىلغان «جەننەتنىڭ رەڭگى» ( The Color of Paradis) مۇ مەجىد.مەجىدىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان بالىلار تېمىسىدىكى نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇرفىلىم 2000-يىلى ئىشلەنگەن، دۇنياۋى كىنوكۆرەكلىرىدە ئۈچ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ، سەككىز ياشلىق مۇھەممەد بىر ئەما بالا، ئۇتۈرلۈك ئاۋازلار ۋە قول سىزىمىغا تايىنىپلا تەبىئەت دۇنياسىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ-شەھەردىكى ئەمالار مەكتىپىدىكى ئەڭ تىرىشچان، قەيسەر ئوقۇغۇچى. تەتىل پەيتى يېتىپ كەلگەندە، دادىسى ئۇنى سەھرادىكى مومىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. مۇھەممەد كېچىك دوستلىرى بىلەن ئالەمچە شادلىققا چۆمىدۇ. گەرچە ئۇ ھېچنىمىنى كۆرەلمىسىمۇ، ئەمما بۇجەرياندا دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى سىزىدۇ.
لېكىن نامراتلىق دەردىنى تارتىۋاتقان دادىسى، ياشاش ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بېسىمدا كېچىك مۇھەممەدنى ھۈنەرئۆگىنىشكە بەرمەكچى بولىدۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مومىسى قاتتىق ئازابلىنىدۇ ۋە شۇ ئاغرىغانچە ياخشى بولالماي ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
دادىسى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مۇھەممەدنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىشنى قارار قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار يول ئۈستىدە كۈتۈلمىگەن خەتەرگە ئۇچرايدۇ. كۆۋرۈك بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، كېچىك مۇھەممەد سۇغا چۈشۈپ ئېقىپ كېتىدۇ…
دادىسى ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئاز قالغاندا، ھەرئىككىلىسى يەنە ئېقىپ كېتىدۇ. دادىسى ھوشىغا كەلگەندە ئۆزىنى بىر قىرغاقتا كۆرىدۇ، لېكىن كېچىك مۇھەممەد يوق ئىدى…[قالغان مەزمۇننى كىنودىن كۆرۈڭ]
مەن سۆزلەپ بەرگەن ۋەقەلىك بەك ئاددىيدەك تۇيغۇ بەرگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، شۇنداق ئىراننىڭ بىرقاتار بالىلارتېمىسىدىكى فىلىملىرى قارىماققا بەك ئاددى. ئەمما بۇ ئاددىيلىق ئىچىگە ئىنسان ھاياتى ھەققىدە چوڭقۇر مۇھاكىمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كىنونى كۆرگەندىن كېيىن تونۇپ يېتىسىز.
جەننەتنىڭ رەڭگى ھەقىقەتەن بىر نادىر ئەسەر (ۋەتەن)
سۈزۈك نۇسقىلىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز، توردىن ئىزدەش ئاچقۇچى: 天堂的颜色| The Children Of Heaven
ئەگەر ۋەتەندىلا كۆرمەكچى بولسىڭىز ،مانا :