• قوللانچى: پارول:

بۈگۈن قىزىم ئىككىمىزيۇقۇرى باھابەرگەن كارتۇن فىلىم-«Oseam»

ئۇزۇن بولۇپتۇ بلوگىمدىكى ئەنئەنىۋي پاراڭ تېمىسىدىن بىرى بولغان نادىر كارتۇنلارنىڭ گېپى توختاپ قالغىنىغا، بۈگۈن قىشلىق كانىكۇلغا قويۇپ بىرىلگەنلىك خۇشاللىقىدا قىزىم ئايقۇت بىلەن بىرگە بىرمۇنچە كارتۇنلارنى كۆرىۋەتتىم، شۇنداقلا ئارىسىدىن كورىيە كارتۇن فىلىمى «Oseam» نى تاللاپ، كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى ھەم سىلەرنى ئاۋارە بولماي مۇشۇيەردىلاكۆرسۇن دەپ بىلوگىمدا بىۋاستە كۆرۇش ئىمكانىيىتى ياراتتىم.

 

فىلىم نامى: «Oseam»|خەنچە نامى: 五岁庵
رىژىسسۇر: SEONGBaek-yeop
مەزمۇن تۈرى: ھېكايە|بالىلارتۇرمۇشى|ئىتىقاد
تاماشىبىن ئوبېيكتى: بارلىق ياشتىكىلەر
فىلىم ۋاقتى: 75مېنۇت
دۆلەت تەۋەلىكى : جەنۇبى كورىيە
ئېشلىگۈچى شېركەت: Mago21
فىلىم تىلى : كورىيان تىلى
باھالىنىش ئەھۋالى: ئايقۇت(4ياش)\ 10نۇمۇر،  ۋەتەن \ 8نۇمۇر
‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
بەش ياشلىق Son-yi كېچىك تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ھەدىسى Kam-yi بىلەن ئىككسى ئۆز-ئارا بىردىن -بىرھەمراھلاردىن ئىدى.
ئۇلار بىرقېتىملىق پۇرسەتتە، مەلۇم ئىبادەتخانىدىكى راھىبلارغا يولۇقۇپ قالىدۇ ھەمدە راھىبلاربىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ.
Son-yiئىبادەتخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى بىلمىگەچكە، راھىبلارغا ئازبولمىغان دېشۋارچىلىقلارنى تېرىپ بېرىدۇھەم ئۆزىمۇ بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالىدۇ.
گەرچە، ئىبادەتخانىدا ئۆتكەن كۈنلەر بىرقەدەر تېنىچ بولسىمۇ، ئەمماSon-yi بىلەن ھەدىسىKam-yi ئىككەيلەن ھەردائىم مېھرىبان ئانىسىنى سىغىنىش ئىچىدە ئۆتەتتى.ھەقىقى ئەھۋالدىن خەۋەرسىزSon-yiئىزچىل تۈردە ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىش كويىدا بولىدۇ. مەلۇم بىركۈنى ئۇكېچىك راھىبقا ئەگىشىپ تاغقا چىقىدۇ ھەم بۇ پۇرسەتتە ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىۋىلىشنى ئويلايدۇ…..ئەلۋەتتە مەن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي، قالغىنىنى ئۆزىڭىزكۆرۈڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كورىيىنىڭ كارتۇن فىلىمچىلىكى قالتىس تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ،ئارقا-ئارقىدىن«MyBeautiful,Mari»ۋە《WonderfulDays》 قاتارلىق نادىرفىلىملەر دۇنياغا كەلدى، بۇلارنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكى شۇكى فىلىملەرنىڭ ۋەقەلىكى ياخشى تاللانغان، تەسىرچانلىقى يۇقۇرى، مۇھەببەت تەربىيىسى يورۇق نۇقتا قىلىنغان بالىلارنىڭ ئىنسانىيلىق تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشىگە ئىجابىي تەسىركۆرسىتەلەيدۇ. بەلكىم بەك ماختىۋەتكەندىمەن، لېكىن يۇقارقى فىلىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسىڭىز قىسمەن بولسىمۇ ھېس قىلىپ قالدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.
ps.قىشلىق كانىكۇل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ بالىلارفىلىملىرىدىن بىرەرنى تەرجىمە قىلىپ بېقىش ئويۇم بارئىدى، ئەگەرخەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ھەمكارلىششقا قوشۇلسا يۇقارقى كارتۇننى تەرجىمە قىلساق دېگەن ئۈمىدىم بار.

 





7 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەنمۇ كارتون فىلىم كۆرۈشكە ئامراق …. بەخىتلىك ئائىلىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن .

  • ياسىن بەگ جاۋاب

    تەۋسىيە كارتونلىرڭىز بەكلا ياخشى بۇجەھەتتە قىززىقىشىمىز ئوخشايدىكەن ئىلخەت ياكى چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز

  • كەمىنە يۇقارقى ۋىروسنىڭ گىپىنى تەكرارلايدۇ!

  • تەۋسىيەرىڭىز بىلەن بىزگە تور ئېقىم مىقدارى ھېساپلىمايدىغان BBS دىن ئىزدىسەم تېپىلمىدى، ئەمما سىز تىلغا ئالغان MyBeautiful,Mari چۈشۈۋاتىدۇ. چۈشۈپ بولغاندا، ۋاقتىم چىققاندا كۆرۈپ باقارمەن.

  • كامىلە جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بۇ كارتون فىلىمنى ئىككى قىزىم كۆرۈپ،تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى،رەخمەت سىزگە ۋەتەن ئىنىم!

  • تورباجىن جاۋاب

    بۇ كارتون فىلىمگە بەك ئامراق ئىدىم .يوللاپ بەلەن قىلىپسىز.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif