• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «كىنۇ» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

بۈگۈن قىزىم ئىككىمىزيۇقۇرى باھابەرگەن كارتۇن فىلىم-«Oseam»

ئۇزۇن بولۇپتۇ بلوگىمدىكى ئەنئەنىۋي پاراڭ تېمىسىدىن بىرى بولغان نادىر كارتۇنلارنىڭ گېپى توختاپ قالغىنىغا، بۈگۈن قىشلىق كانىكۇلغا قويۇپ بىرىلگەنلىك خۇشاللىقىدا قىزىم ئايقۇت بىلەن بىرگە بىرمۇنچە كارتۇنلارنى كۆرىۋەتتىم، شۇنداقلا ئارىسىدىن كورىيە كارتۇن فىلىمى «Oseam» نى تاللاپ، كۆپچىلىككە تەۋسىيە قى ...

لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ ھايات مۇساپىسى ھەققىدە ئىشلەنگەن كىنۇ-«لۇتۇن»

كىنۇ كۆرۇش كىچىكىمدىن ھازىرغىچە تۇرمۇش رىسالەمدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.قىزىق يىرى يىقىندىن بىرى دۇنياۋى نادىر فىلىملەرنى كۆرگەنسىرى ئۆزۇمنىڭمۇ كىنۇئىشلىگۈسى كېلىپ،بۇ ھەقتە تەسەۋۋۇرلىرىم قانات قاقماقتا.لېكىن بۇ مۈمكىنمۇ؟ نېمىلا بولسۇن،گۆدەك خىياللىرىدىن تېخىچە ...

قۇرداشلىرىم ئۇنۇتمايدىغان ئەشۇ ئېسىل فىلىم:«ئاپشاركاپۇشتىكى»

بەلكىم ماڭائوخشاش ئالدىنقى ئەسرنىڭ 80-يىلىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇغۇلۇپ 90-يىللىرىغىچە غۇبارسىزبالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۇزگەن قۇرداشىلارنىڭ خاتىرىسىدە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەر قالدى .
بولۇپمۇ ئەينى يىللىرى بىز ئوينىغان ئويۇنلار، بىز كۆرگەن ئەشۇ كىنۇلار ئەسلا يادىمىزدىن چىقمايدۇ.
ئەنە شۇ كىنۇلار قاتارىدا سەبىي قەلبىمىزدە سۆيۇملۇك بىر ھېكايە قالدۇرغان بىر كىنۇ –دەل ياپۇنىيەنىڭ 8قىسىملىق تېلېۋىزىيە تېياتىرى«ئاپشاركاپۇشتىكى» بولسا كېرەك.
ئالاھىدە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئىگە 5ياشلىق ئوماق قىزچاق لىياڭزىنىڭ«سازاڭنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىدىم» دېگەن چۈچۈك ئاۋازى،مەزكۇز فىلىمدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولغان زېرەك ئاپشاركا ئاتىې،يۈرەك-باغرى بولغان قىزىنى تېپىش يولىدا بىزنى ھەقىقىي قايىل قىلغان ،ھەقىقىي ئاتا ئوبرازى-چىيۇجىن تەيلاڭلار خاتىرىمىزدە ھېلىھەم بىللە تۇرۇپتۇ.

«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»-تۈركىيىنىڭ ئۈچ نادىركىنۇسى

بۈگۈن شەنبە بولسىمۇ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ خىزمەتلىرى باشلانغانلىقى ئۈچۈن چۈشكىچە ئارام ئالالمىغان ئىدىم، چۈشتىن كېيىنكى ئارام ۋاقتىداتۈنۈگۈن كەچ توردىن چۈشۈرۈپ قويغان تۈركىيە ساپ ھەسىلىدىن يىۋىدىم ،چارچاشلىرىم نەلەرگىدۇ تارقاپ، ئاجايىب بىرخىل گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتىمەن..
ھى ھى..سەل تاقا-تۇقا گەپ قىلىپ قويدۇم ھە؟!..مېنىڭ بۇيەردە دەۋاتقىنىم، تۈركىيىنىڭ يەنە بىر نادىرفېلىمى«ھەسەل»(تۈركچە نامى: «بال»)نىڭ گىپى.شۇنىڭ بىلەن تۈركيىلىك داڭلىق رىژىسسۇر سەمىھ.قاپلانئوغلۇنىڭ«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»نى تاماملاپ بولدۇم.