بەلكىم ماڭائوخشاش ئالدىنقى ئەسرنىڭ 80-يىلىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇغۇلۇپ 90-يىللىرىغىچە غۇبارسىزبالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۇزگەن قۇرداشىلارنىڭ خاتىرىسىدە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەر قالدى .
بولۇپمۇ ئەينى يىللىرى بىز ئوينىغان ئويۇنلار، بىز كۆرگەن ئەشۇ كىنۇلار ئەسلا يادىمىزدىن چىقمايدۇ.
ئەنە شۇ كىنۇلار قاتارىدا سەبىي قەلبىمىزدە سۆيۇملۇك بىر ھېكايە قالدۇرغان بىر كىنۇ –دەل ياپۇنىيەنىڭ 8قىسىملىق تېلېۋىزىيە تېياتىرى«ئاپشاركاپۇشتىكى» بولسا كېرەك.
ئالاھىدە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئىگە 5ياشلىق ئوماق قىزچاق لىياڭزىنىڭ«سازاڭنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىدىم» دېگەن چۈچۈك ئاۋازى،مەزكۇز فىلىمدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولغان زېرەك ئاپشاركا ئاتىې،يۈرەك-باغرى بولغان قىزىنى تېپىش يولىدا بىزنى ھەقىقىي قايىل قىلغان ،ھەقىقىي ئاتا ئوبرازى-چىيۇجىن تەيلاڭلار خاتىرىمىزدە ھېلىھەم بىللە تۇرۇپتۇ.
بولۇپمۇ، فىلىمدىكى چىيۇجىن تەيلاڭدىن ئىبارەت كۆيۇمچان دادىنىڭ ،قارا نىيەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ قىچىلغان قىزىنى ئىزدەپ-تېپىش جەريانىدىكى رىيازەتلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ…
بۇ تېلېۋزىيە تىياتىرى ياپۇنىيىدە 1978-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1985-يىلى دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم قويۇلغان ئىكەن. ئېسمدە قېلىشىچە بۇفىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1990-يىللىرى ياكى ئۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى قويۇلغانغۇ دەيمەن.
ئەيتاۋۇر ئەينى ۋاقىتتا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇيغۇر كۆرۇرمەنلەردىمۇ يۇقىرى كۆرۇش نىسبىتى ۋە قالتىس مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە ئېرىشكەن .ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشلەر ئىتلىرىغا «ئاتې» دەپ ئات قويۇشۇۋالغان ئىدى…
شۇ چاغلاردا پىقىرمۇ قېرىپ ھالىدىن كېتىپ قالغان دەرۋازىۋەن ئىتىمنى ئاتې دەپ چاقىرىپ قوياتتىم ھەم بۇ فىلىمنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسىنى يامان ئەمەس ئىسقىرتىپ قوياتتىم …
يېقىندا مەزكۇر تېلېۋىزىيە تېياتىرىنى توردىن شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ ،مۇكەممەلرەك بىرەر نۇسخسىنى تاپالمىدىم ،ئەگەر سىزبىلسىڭز ماڭا ئېيتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
تۆۋەندىكىسى «ئاپشاركا پۇشتىكى»نىڭ فىلىم بېشى.
مەن يەنە مەزكۇر فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى تېپىپ چىقتىم ،كېرەك بولسا ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.