يۈرتۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى ئادەتتە، سۇئاللىرىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن سىزدىن:«ياخشى،ئەمدى سىزنىڭكىنى ئاڭلاپ باقايلى، سىزنىڭ سورايدىغانلىرىڭىزبارمۇ؟»دەپ سورىشى مۇمكىن.سىزشېركەتنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، شېركەتنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ۋەشېركەتنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارھەققىدىكى سۇئاللارنى سورىسىڭىزبولىدۇ. لېكىن سەمىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ كالتە پەملىك قىلىپ سورىغان سۇئاللىرىڭىز سىزنى ھامان تۈگەشتۇرىدۇ، بىز بىرلىكتە مۇناسىۋەتشۇناسلارئوتتۇرىغاقويغان تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا قاراپ باقايلى،بۇ سەككىزتۈرلۈك سۇئالنى سورىغان ئىش ئىزدىگۈچىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا شېركەت دەرۋازسىدىن كىرىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن.
1. سىلەرنىڭ بۇشېركەت زادى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەخمىقانە سوئال بولماس…!
2. نەچچە مائاش بېرىسىلەر؟بۇمەسىلە سىزئۈچۈن شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئالدىراپ ئىغىزىڭزىدىن چىقارماڭ، بۇ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنىڭ بىرىنچى دەلىلى بولۇپ قالمىسۇن.
3. بۇيەرنىڭ دەم ئىلىش ۋاقتى كۆپمۇ؟ مەيلى تۇرمۇش رېتىمىغاقانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزىڭىزنىڭ بولغۇسى خۇجايىنىڭىزغاتۇنجى قېتىمدىلا«لىيى بوش»تەسىراتى بەرمەڭ.
4. مەن قانچىلىك ۋاقىت ئىشلىسەم ئۆسىشىم مۇمكىن؟ئۆزىڭىزچە دادىل،ئوچوق سۆزكۆرۇنمەكچىما؟ئەڭ ياخشىسى «بۇخىزمىتىمنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە پاراڭلاشساق بولامدۇ؟»دەپ سىناپ بىقىڭ، ئوخشاش مۇددىئاداسورالغان ئوخشاش بولمىغان سوئال شەكلىنىڭ ئۈنۈمىدە ئاسمان-زېمىن پەرق بار.
5. بۇرەسىمدىكىسى سىزنىڭ خانىمىڭىز (يولدىشىڭىز)بولامدۇ؟سىزگە دەپ قويايكى، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنىڭ خۇسۇسى تۇرمۇشىغائائىت مەسىلىلەرنى سورىماڭ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ كەسپىگەئائىت ئىشلارغاكۆڭۇل بۆلۈڭ.
6. مەھسۇلاتىڭلارنڭ بازىرى كاسات بولسا قانداق قىلىسىلەر؟نېمىشقا بۇنداق ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغان سوئال سورايسىز.ئەڭ ياخشىسى «سىلەرمەھسۇلاتىڭلارنىڭ بازارئەھۋالىنى تېخىمۇياخشىلاش ئۈچۈن قانداق لايىھە تۈزدۇڭلار»دەپ سوراڭ،بۇبەلكىم سىزنىڭ ئۇلارغاقالدۇرغان ئىنتايىن ياخشى تۇنجى تەسىراتىڭىزبولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
7. شېركىتىڭلارنىڭ ئاياللارۋەئازسانلىق مىللەت خادىملىرىغا قاراتقان قانداق ئىتىبارسىياسەتلىرىڭلاربار؟ ئەمەلىيەتتە، بۇبىرئەقىلگەمۇۋاپىق سوئال، ئەممايۈتۇرانەئىمتىھان ئالغۇچى جەزمەن بەزى نازۇك مەسىلىلەرھەققىدە ئەزۋەيلەپ شېركەتنىڭ ئابرۇيىغا تەسىريەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.
8. ئۇنداقتاقاچان ئىشقا چۈشسەم بولار؟ ھاھاھا…ياخشى سورىدىڭىز، مەردانە ئىكەنسىز!ئەمما بۇسۇئال ئاسانلاخادىم قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنى بىزارقىلىپ قويىدۇ،ئەڭ ياخشىسى، ئۇلارنىڭ خۇش خەۋىرىنى كۈتۈڭ.