• قوللانچى: پارول:

ئىنسان ھاياتىدىكى Uشەكىللىك بەخت ئەگرى سىزىقى|سىزقايسى نۇقتىدا تۇرىۋاتىسىز

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولغانكى، ئىنساننىڭ شادلىق تۇيغۇسى بىردانەUھەرىپى شەكلىدىكى ئەگرى سىزىققائوخشايدىغان بولۇپ، ياشلارغەم-غۇسىسىز، تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىقى بىلەن بۇ ئەگرى سىزىقنىڭ بىر يۇقىرى پەللىسىدە تۇرغان، ياشانغان پىشقەدەملەربولسا يىللارنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن سىناقلىرىدا تاۋلانغاندىنن كېيىنكى، خىرامان-تەبىئىيلىكى بىلەن بۇ ئەگرى سىزىقنىڭ يەنەبىرپەللىسىدە تۇرغان، ئەمما ئوتتۇراياشلىق مەزگىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك باش ئاغىرىقى ئەڭ كۆپ بولۇپ، مەزكۇرشادلىق ئەگرى سىزىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پەللىسىدىن ئورۇن ئالغان.

بىلگىيە ماستېرىخت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسىBert van Landeghemنىڭ دېيىشىچە، بىرئادەمنىڭ تۇرمۇشقابولغان رازىمەنلىك رايى 30يېشىدىن باشلاپ ئۈزلۇكسىزتۈردە چۈشۈشكە باشلاپ، تاكى ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغاندائاندىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردىن ئايان بولغانكى؛ ياشلارئادەتتە غەم-غۇسسىز، كىلەچەككەنىسبەتەن ئۈمىدۋاربولىدۇ، ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان ئادەم يىرىم ئەسىرلىك تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ-خىل سىناقلىرىدا تاۋلانغاندىن كېيىنكى تەبىئىيلىك كەيپىياتىغائېرىشكەن بولىدۇ، ئەممائوتتۇراياشلىق كىشىلەرئاساسەن دېگۈدەك تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن باش قىتىنچىلىقلىرى ئىچىدە قاتىراپ يۈرگەن بولىدۇ.

Bert van Landeghemنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە ئادەم50ياشلاردىن ھالقىغاندىن كېيىن خۇشاللىق تۇيغۇسى ياشنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ ئەسلىگە قايتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيەنە بۇمەزگىلدىكى ئەسلىگە قايتىشنىڭ ھەرگىزمۇياشلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى پەللىگە چىقالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ،ياشانغانلارپەقەت شۈكرى-قانائەت ئارقىلىقلا بۇخىل ھېسياتقائېرىشىدىكەن.

Bert van Landeghemمۇنداق دەيدۇ: Uشەكىللىك بەخت ئەگىرى سىزىقىدىكى شادلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۆرلەش-پەسىيىش-ئۆرلەش ھادىسىسى، ھەرگىزمۇ65ياشلىق بىركىشىنىڭ تۇرمۇشىنى سۆيۈشى 25ياشلىق ياشنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەيلى 25ياشلىق ياكى 65ياشلىق ئادەم بولسۇن ھەرئىكىلىسى 25ياشنىڭ 65ياشقاقارىغاندا ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.بىراق65ياشلىق ئادەمنىڭ تۇرمۇشقابولغان رازىمەنلىك رايى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاقاچان شۈكرى-قانائەت قىلىشنى يىتىلدۈرگەن بولىدۇ.

ئۇيەنەمۇنداق دەيدۇ: دۇنيامىقىياسىدىكى تەكشۈرۈش-تەتقىقاتتىن بىلدۇقكى، ئوتتۇراياش مەزگىلىدىكى كىشلەرنىڭ شادلىق تۇيغۇكورسەتكۈچىنىڭ تۆۋەن بولىشى پەقەت غەرپتىكى ئەللەردىلاكۆرۇنگەن مەسىلە ئەمەس.

لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولۇگىيە ئېنىستېتۇتىنىڭ پىرىفىسسورى Lewis Wolpertئالدىنقى ئايدا «سىز قارىماققا،بەك قالتىس»دېگەن كىتابىدا يۇقىرىقى تەتقىقات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: زوركۆپچىلىك كىشىلەر20ياشلارئۆپچۆرىسىدە شادلىقتىن ھەقىقى بەھرىمەن بولىدۇ، بىراق ئۇلارخىزمەت ياكى تۇرمۇش قۇرۇشقاقەدەم قويغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ شادلىق تۇيغۇسىدا ئۇزلۇكسىزچىكىنىش ھادىسى يۈزبېرىدۇ،بۇ ھادىسە تاكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇراياش مەزگىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ.

ۋەتەن تەرجىمىسى





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif