مەن بىلىمەن، سىزمۇ ماڭائوخشاش كۈندە تورغا چىقىسىز.بۈگۈن بىزتورغا چىقىش ئادەتلىرىمىزدىكى بەزى خاتالىقلارھەققىدە ئورتاقلىشپ باقايلى.تورغا چىقىشنى بىلگەندىن تارتىپ بىزنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىمىزباشقىچىلائۆزگىرىپ كەتتى،ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى :ۋاقتىمىزھەقىققەتەنمۇ ئىسراپ بولىۋاتىدۇ.ئەممابۇنىڭ باش جىنايەتچىسى تورئەمەس،بەلكى تۆۋەندىكىدەك بىرقىسىم «تورئادەتلىرى»مىزبولىشى مۇمكىن؛
بىرىنچى. پەقەت QQئۈچۈنلا تورغا چىقىش
ئاتالمىش « QQ ئاتىسى»ماخۇاتىڭ ئېلگىرىQQھەققىدە توختىلىپ«كىلەچەكتە جۇڭگولۇقلارنىڭ تورغا چىقىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى QQنى ئېچىش بولىدۇ»دەپتىكەن،لېكىن ھازىرئارىمىزدىكى بەزى دوستلارنىڭ تورغا چىقىپ قىلىدىغان بىردىن-بىر ئىشى «QQئويناش»بولۇپ قالدى. QQ،QQتوپىلىرىدا زادى قانچىلىك ۋاقتىمىزنى قۇرۇق پاراڭ،ئەرزىمەس ئىشلارغاسەرپ قىلىۋاتقىنىمىزھەققىدە ئەزۋەيلىمىسەممۇ دوستلاربۇنىڭ توردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغۇ دەيمەن.
ئىككىنچى.ئۆتكەل ئويۇنلىرىداباش رول ئېلىش
بۇيەردە مەن ئۆزۇم بىردىن-بىرئوينىيالايدىغان «ھەقىقى پۇتبۇل»ئويۇنىنىلامىسالغائالماقچى،ئەمەلىيەتتە توردىكى پۇتبول ئويۇنى بىلەن رېئاللىقنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق،لېكىن مەن خىلى كۆپ ۋاقىت(زىھىنمۇ بارئەلۋەتتە)سەرىپ قىلىپ ئاتالمىش كۇلۇبىىمنى تەرەققىي قىلدۇرمىسام بولمايدۇ،مىڭ تەستە بىرلەشمە ئويناپ ئۇتقان پۇللىرىمنى سەرىپ قىلىپ داڭلىق پۇتبولچىلارنى كۇلۇبىمغا سېتىۋالمىسام بولمايدۇ ۋاھاكازا…دېمەك شۇنچە كۆپ ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ ئۆزىڭىزمەڭگۈتەۋە بولالمايدىغان بىر دۇنياداقەھرىمان بولۇش ئۈچۈن تەلۋىلەرچە كۈرەش قىلسىىز.
ئۈچىنچى.ئىجدىمائى ئالاقە بېكەتلىرىدە لاغايلاپ يۈرۇش
گەرچە بىزگە«نىقاب»(facebook)تەك دۇنياۋى ئىجدىمائى ئالاقە بېكەتلىرىنى ئىشلتىش نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ،لېكىن نۆۋەتتەباربولغان ئىجدىمائى ئالاقە بېكەتلىرى يەنىلاياشلارنىڭ توردۇنياسىدىكى مۇھىم پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.سىزئۇيەردە نېمە ئىش قىلىسىز؟ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزبىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىشلار ھەققىدە ياسالمىلىق بىلەن باش قاتتۇرىسىز،ئەگەشكۈچى توپلاش ئۈچۈن تىماي گەپ قىلىسىز…
تۆتىنچى.ئارقىمۇ-ئارقائۇلانغان «ئۆزگىچە»سىن دۇنياسى
QQتوپىدا تازا قۇرۇق پاراڭ سوقىشىۋاتقىنىڭىزدا بىرەيلەن ھاياجانلىق چىراي ئىپادىلىرىنى قايتا-قايتا يوللىۋەتكەندىن كېيىن،«بۇنى كۆرۇپ بېقىڭلار!!!» دەپ بىرئۇلانمائادىرىسىنى يوللاپ قويىدۇ-دە،شۇنىڭ بىلەن سىن (كۆرۇنمىلىك چاستۇتا)دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كېتىسىزسىن بېكەتلىرىدىكى «مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار»تېزىملىكىدەسىزبىرئۆمۇركۆرۇپ تۈگىتەلمىگىدەك«سەرخىل»سىنلار ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلانغان بولىدۇ…
بەشىنچى.رەڭگا-رەڭ سودابېكەتلىرىدە«بازارچۆگىلەش»
بۇپەيدىن-پەي ھەرياشتكى تورئەھلىنىڭ مۇھىم تورمەشغۇلاتلىرنىڭ بىرى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ،گەرچە ئۆزەم ۋە ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ ھازىرغىچە توردىن نەرسە سېتىۋالغىنىنى بىلمىسەممۇ،لېكىن توردا «مال كۆرۇش»ئۈچۈن يىرىم كۈن ۋاقىتنى قۇربان قىلىش ئادەتتكى ئىش بولۇپ قالدى،بەلكىم بۇ يىرىم كۈن ھەقىقى بازارچۆگلىگەندىن قولايلىقتۇ،ئەمما…
ئالتىنچى.مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئىزدەپ،مۇناسىۋەتسىزئۇچۇرغائىزىپ كېتىش
بۇ خىل ۋاقىت ئىسراپچىلقىنى دەسلىۋىدە مەندىلا بارمىكىن دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم،لېكىن كېيىن كۈزەتسەم كۆپلىگەن دوستلارغائورتاق ئادەت ئىكەن.ئادەتتە بەكلا زۆرۇربولغان مەلۇم بىر مەسىلە ئۈچۈن «مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار»نى ئىزدەش يولىدا،بىردىنلاكۆزقۇيرۇقىمىزغائېلىشىپ قالغان بىرئوتقۇيرۇق ئۇچۇرئارقىسىدىن سوكۇلداپ كېتىپ قالىمىزدە سائەتلەپ ئەشۇمۇناسىۋەتسىزئۇچۇلارغاكۆزئاغىرىتىمىز…
يەتتىنچى .بلوگ يېزىش ۋە بلوگ بېسىمى بولۇپ قىلىش
ئەستا،بۇنى ئەسلى دېمىسەم بولاتتى، لېكىن بارغانسېرى شۇنى ئويلاپ قىلىۋاتىمەن،بۇمۇ بىرۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئوخشايدۇ.نېمە ئۈچۈن بىلوگ يازىسىز؟ئەلۋەتتە راستىنى ئىيتقاندا توردۇنياسىدائۆزىڭىزنىڭ مەۋجۈتلۇكىنى ئىسپاتلاپ قويۇش شۇ!بىريازمىنى يېزىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ،زىھىن كىتىدۇ؟بەزىدە ھەتتاپۈتۈن بىرپارچە ماقالىنى بىرسائەتتە پۈتتۇرۇپ،كېرەكلىك قىستۇرمارەسىمى ئۈچۈن بىرھەسسە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان ئىش!
كۈندە نەچچە رەت ئارقا بەتكە ئۆتۇپ تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى بارمۇ-يوق شۇنىڭغا قارايسىز،باربولسا جاۋاب قايتۇرمىسىڭىزبولمايدۇ، يوق بولسابىردەم قايغۇرمىسىڭىزبولمايدۇ دېگەندەك ئىشلار…لېكىن بۇغۇ مەيلى،ئادەمنى ئەڭ ئەنسىرىتىغىنى مىڭ تەسلىكتە بۈگۈنگەئۇلاشتۇرغان سۆيۇملۇك بلوگىڭىزنىڭ يەنە قانچىلىك ھايات كەچۈرەلەيدىغانلىقى،شۇنچە كۆپ قان-تەرىڭىز بىركۈنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوق بولۇپ كەتسە…
خۇلاسە كالام: مەن ئويلاپ قالدىم تورتەرەققىياتى بۈگۈنگە كەلگەندە،كىشلەررېئاللىق ۋە توردىن ئىبارەت ئىككى ماكاندا ياشايدىغان «قوش ماكانلىق»مەخلۇقاتقا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ.ئەممابىزگە يەنىلارېئاللىق ئەۋزەل،بۇيەردە ھەقىقى مەۋجۈتلۇكىمىزبار.قارىغاندا بىرلىكتە توردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپلىرى ھەققىدە ئويلانمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ.