• قوللانچى: پارول:

جىنىس تەربىيىسى جىنسىيەت تەربىيىسىدىنمۇ مۇھىم بولماقتا

نۆۋەتتە شۇنى بايقاۋاتىمىزكى ئاۋازى ئىنچىكە، يۈرۈش-تۇرۇشى ئەركە بولغان قىزسىمان ئوغۇلبالىلاركۈنسىرى كۆپەيمەكتە.ئەمەلىيەتتە ئوغۇللارنىڭ قىزمىجەزبولۇپ كېتىشى ئۇلارنىڭ جىنىس تۇيغۇسىنىڭ خاتالىشىشىدىن كېلىپ چىققان.
بۇخىل ھادىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللار مەۋجۈت .ھازىرقى مەكتەپلەردە ئايال-قىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىشىمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزمىجەز بولۇپ كىتىشگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، يەنى مەكتەپلەردە ئايال-قىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئېگىلەپ قىلشىدەك زىيادە »ئاياللار مۇھىتى«كەيپىياتى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ۋە خاس بولغان خارەكتىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئائىلە تەربىيىسىدىكى سەۋەنلىكلەرمۇ يۇقارقىدەك خاتاجىنىس تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشپ قىلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئەلۋەتتە. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەر يالغۇزپەرزەنتلىك بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئانا ئاساسلىق تەربىيىچلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇزپەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتىگە قاراتقان »دەرىجىدىن تاشقىرى ئىتىبار»سىياسەتلىرى قوشۇلۇپ، ئوغۇل بالىلارنىڭ قىزمىجەزلىشىشپ كېتىشدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئەگەرئاتا-ئانىلاربالدۇرراق دېققەت قىلمىسا بۇنداق ئوغۇل بالىلارنى «نۇرمال»ھالەتكى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.
جىنس خاسلىقى بولسا جىنسنى بىرلىك قىلغان ھالدائايرىلىپ چىققان ئىجدىمائى رولدۇر، ئۇ بىرئادەمنىڭ ھەرىكەت تېپىنى بەلگىلەيدۇ.ئوغۇللارنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ،قىزلارنىڭ ئەۋرىشىم-مۇلايىملىقى ئىككى جىنىسنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئەقەللىي پەرق بولىشى مۈمكىن. كىمنىڭ ئوغۇل،كىمنىڭ قىز بولۇشى ئادەمنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما جىنس ئوبرازىنىڭ ئالمىشىپ قىلىشى بالىلارنىڭ بۇتەرەپتە، ئائىلە ۋەمەكتەپتە توغرا يىتەكلەنمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

جىنىس تەربىيىسى جەزمەن بىرقىسىم جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن جىنسىيەت بىلىملىرى جىنس تەربىيسىنىڭ ئۆزى ئەمەس.ئوغۇللارنىڭ ئوغۇلدەك، قىزلارنىڭ قىزدەك نۇرمال يېتىلىشى ئۈچۈن ئائىلە ۋە مەكتەپلەر توغرا بولغان يىتەكلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، مۇۋاپىق يوسۇندا جىنس تەربىيىسى ئېلىپ بىرىشى زۆرۇر بولۇپ قالدى، بۇ نازۇك مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تىبابەتجان جاۋاب

    …..ئوغۇل بالىنى چوقۇم دادا بولغۇچى بىر قوللۇق يەنى ئاساسلىق تەربىيەنى مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىشى لازىم….. :x :cool: :shock: :?:

  • پىنھانە جاۋاب

    قىز مىجەز ئوغۇللار ۋە ئوغۇل مىجەز قىزلارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمەن، ھەتتا بەزى ‹ئوغۇل› لارغا قاراپ ئۇلارنىڭ قىز ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىسىز،قارىسىڭىز بىر كېلىشكەن يىگىت ،ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر قىز،،،،ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى نۆۋەتتە بىر ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالماقتا

  • ئەھمەد جاۋاب

    مىنىڭچە،بۇنداق بولۇپ كىتىشىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇليىتى تىخىمۇ مۇھىم،چۇنكى بەزىلەر قىزىنى ئوغۇلچە،ئوغلىنى قىزچە ياساپ ،ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەيدۇ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif