• قوللانچى: پارول:

«فەتېھ 1453» نى كۆرەمدۇق؟

ئۆتكەندە بىلوگىمدا تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنىپ ئىشلەنگەن تارىخى فىلىم« فەتىھ 1453 » ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم ۋە تورداشلارغا بۇ فىلىمنى تېز ئارىدا تېپىپ، چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەيمەن دەپ لاپ ئۇرغاندەك قىلغانتىم. ئەمەلىيەتتە شۇنىڭدىن بىرى ئىزچىل تۈردە بۇ كىنونى ئىزدەپ يۈردۈم، تۈركلەر بەك كۆپ مەبلەغ سېلىۋەتكەچكىمۇ، بۇ كىنو تېز ئارىدا توردا تارقىلىپ كېتەلمىدى…
ئۇنداقتا،بۇ كىنونى زادى تاپتىممۇ-يوق بۇ ھەقتە يازما ئاخىرىدا ئۇچۇر بېرىمەن، ئاۋال يەنە بۇ كىنو ھەققىدە قىسقىچە توختىلىۋالاي:

فەتىھ ( بويسۇندۇرغۇچى)  – تۈركلەر تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك غازى، مۇھەممەد2 نىڭ شەرەپ لەقىمى. 1453-يىلى ئەمدىلا 23ياشقا كىرگەن مۇھەممەد2 ئۆزى بىۋاستە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، شەرقى رىمنىڭ قولىدىن مۇقەددەس شەھەر كونىستانتىنۇپولنى تارتىۋېلىپ نامىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىدۇ ھەم 1000يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنى تارىخ سەھنىسىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسى رەسمى يوسۇندا ئاسىيا-ئافرىقا -ياۋروپاغا سوزۇلغان چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ. تۈركلەر شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دېمەك تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە 1453 -يىلىمۇ، خۇددى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدەكلا مۇھىم يىلنامىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ گرېكلارنىڭ ۋە جۈملىدىن پۈتكۈل خرىستىيان ياۋرۇپاسىنىڭ ماتەم كۈنىدۇر. شۇڭا ھەريىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى(ئىستانبۇل فەتېھ قىلىنغان كۈن) ئىستانبۇل ئۈچۈن ئادەتتىكى كۈن بولسىمۇ، ئەمما گرېتسىيىدىكى شەرقى كاتولىك مەزھىپىدىكىلەر ئۈچۈن قاباھەت كۈنىدۇر.

بىر ھەپتىدە ياۋروپانى زىل -زىلىگە سالغان كىنو

ئۆتكەندىكى مۇناسۋەتلىك يازماندا ئېيتقاندەك بۇ كىنو تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ زور مەبلەغ سېلىنغان( 17مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ئىشلەنگەن. كىنو ھەرقايسى جەھەتلەردىن يۇقىرى سۈپەتتە تاماملانغان بولۇپ، كۆرۇرمەنلەرنى خىلىلا رازى قىلىدۇ ( ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ھوللىيۋودنىڭ ھەشەمەتلىك ئۇرۇش كىنولىرىنى كۆپ كۆرگەن، ئوقۇرى ئۈستۈن كىنو مەستانىلرىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن)   2-ئاينىڭ 17-كۈنى «فەتېھ 1453 » تۇنجى قويۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت «ئەرك گېزىتى» بىر ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېدى:
«ئەينى يىللىرى بىز تېلېۋىزوردىن ”قەيسەر يۈرەك“ فىلىمىنى كۆرگەندە، بىرتەرەپتىن ھەسەت بىلەن بارمىقىمىزنى چىشلىگەن بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن رەنجىپ : بىزنىڭ قالتىس ھېكايىلىرىمىزبار، لېكىن كىنو قىلىپ ئىشلىيەلمەيمىز دېيىشكەن ئىدۇق. ”فەتېھ 1453″ بۇ- بىز ئۇزاقتىن زارىقىۋاتقان بىر كىنو ئىدى.»

كىنودا سۇلتان مۇھەممەد2، كونىستانتىنۇپولغا ھۇجۇم باشلاشتىن بۇرۇن جەڭچىلەرگە:« بىز تاكى دۈشمەن ئالدىمىزدا تىزلانغۇچە جەڭ قىلىمىز » دەيدۇ، تۈرك جەڭچىلىرى تەكبىر ئېيتقىنىچە، «يەريۈزىنىڭ خوجىسى» بولۇش ئۈچۈن شەرەپلىك جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما  كىنودا ئىپادىلەنگەن بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ھەممىلائادەمنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ كەتمىدى. كىنونىڭ ئېلان بۆلەكلىرى يۇتۇبىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركلەر بىلەن گرېكلار توردا شىددەتلىك «تۈكۈرۈك جېڭى» باشلىۋەتتى. گرېتسىيە مىدىيالىرى ئەيىبلەپ ، «بۇ كىنودا پەقەت تۈركلەرنى كۆككە كۆتۈرۈپ، كونىستانىتىپولدا بىگۇناھ قىرغىن قىلىنغان خەلق تاشلىۋېتىلگەن» دېيىشتى. مېنىڭ خەنچە مەنبەلەردىن كۆرۈشۈمچە ، يۇتۇبى تورىدا مۇشۇ سەۋەبلىك مەزكۇر كىنو ھەققىدىكى يوللانمىلارغا باھا يېزىش چەكلەپ قويۇلغان.
مەزكۇر كىنودا تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد 2 ئەتراپلىق مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، 6 خىل تىلنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق ياش پادىشاھ بولۇپلا قالماي، مىجەز -خۇلق جەھەتتىنمۇ قالتىس. ئۇ خۇددى ئالكساندىرماكىدۇنىسكىيغا ئوخشاش ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىستىلاچى. كىنونىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇ سوفىياچىركاۋىغا كىرىپ، بىرئالتۇن چاچلىق بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ؛ «كونستانتىنوپول خەلقى سىلەر ئەندىشە قىلماڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنسەڭلار تامامەن بولىدۇ» دەيدۇ.

«فەتېھ1453 » قويۇلغاندىن كېيىن بىرھەپتە ئىچىدە گېرمانىيىدە بېلەت كىرىمى جەھەتتە بىراقلا 5- ئورۇنغا چىقتى. گېرمانىيە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» تەھىلىل قىلىپ، بۇ كىنودا نامايان قىلىغان ئوسمانىيلارنىڭ شەۋكىتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تۈرك خەلقىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئىسلام يولىغا يېقىنلاشقان تۈرك سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ دېدى.
ئۇلارنىڭ قارىشىدا تۈركلەر ئۆزسالاھىيىتىنى قايتا تونۇماقتا ۋە دۇنياغا باشقىدىن تونۇتماقتا، يۇقىرىقىدەك مەزمۇندىكى كىنۇلارنىڭ ئىشلىنىشىگە ئەگىشىپ يەنە، تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى شەرقى رىم خارابىلىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىپ،مىليونلاپ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشقا باشلىغان.
فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» مۇنداق دېدى : تۈركلەرنىڭ مەزكۇر كىنوغا قارىتا ئەسەبىيلەرچە كۆرۈش قىزغىنلىقى قوزغىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش كۆتۈرگەن، «ئوسمان تۈركلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشى»  نىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.
مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن كۆرۈشۈمچە«فەتېھ 1453 » قويۇلۇش ھارپىسىدا 1مىليۇن500مىڭ كىشى ئالدىن كۆرۈش ئۈچۈن تىزىملاتقان. دېمەك، «فەتېھ 1453 »تۈركىيە كىنو تارىخىدىكى قالتىس بىر نامايەندە بولۇپ قالدى.

ئۇزۇندىن بۇيان خەنچە توربېكەتلەردە بۇ كىنۇ ھەققىدە بىرىلگەن پارچە-پۇرات خەۋەرلەرنى مەنبە قىلىش ئارقسىىدا يۇقارقى يازمىنى تەييارلىدىم، بەلكىم كىنونىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنشىڭىز ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.

ھەراست، يازمامنىڭ بېشىدا بىرگەپنىڭ چالىسى قالغاندەك قىلغان، ئەگەر بۇ كىنونى كۆرمەكچى بولسىڭىز، كۆرىمەن دەڭ!





165 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھە راس، بۇ فىلىمنىڭ فراگمانىنى يوللاپ قويماپسىزغۇ؟ شۇنى بولسىمۇ كۆرۈپ بېقىش كېرەك ئىدى-دە!

  • http://v.youku.com/v_show/id_XMzQwMzgyOTA4.html

  • ھېچبىر كىنوغا بۇ قەدەر تەقەززا بولمىغان ئىدىم. ۋەتەننىڭ بۇ تېمىسى بىلەن تەقەززالىقىم ئەۋجىگە چىقىپ ھېچ پەسكويغا چۈشەي دېمەيدۇ… خەپ ۋەتەن خەپ ۋەتەن! :evil:

  • توركەش جاۋاب

    شۇنداق قىلىپ كىنو تېخىچە يوق……….؟ ھەي قاچانمۇ كۆگىلى نىسىپ بولا؟

  • ئۆزتۈرك جاۋاب

    ۋەتەنجون قانداق بولدى دەيمە؟؟؟؟ ماكىنو ساقلاۋىرىپ بوپكەتتوققۇ بىرنىمە

  • ئۆزتۈرك جاۋاب

    مەن قۇرۇق كەلمىدىم كۆرگەچ تۇرۇڭلا ما نى
    http://www.56.com/u43/v_NjYwODY0NDg.html

  • ئەزىز بالا جاۋاب

    مۇنۇ فىلىم كەلسۇن شۇندا كورۇشۇمۇز مۇمكىن

  • كۈرىمەن

  • توركەش جاۋاب

    قاچانمۇ كۆرەلەمەن بۇ كىنونى…ھەي !

  • سائادەتمەن جاۋاب

    ھەي قاچان كۈرەمەن پاسپۇرتۇم بولسا تۈركىيەگە چىقىپ كۈرەدىم

  • ئەركىزات جاۋاب

    ماۋۇ فېلىمنى مەن چۈشۈردۈم، داستىخان ھالىتىدە چۈشتى، داستىخاننى ئاچقاندا مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈڭ دەپ تۇرىۋالدىغۇ، مەخپى نۇمۇرىنى بىر دەپ بەرگەن بولسىڭىز بولاتتى جۇمۇ !

  • رىسالىم جاۋاب

    بۇ كىنونى ساقلىۋاتقىلى بىر ئاي بولدى تېخى كۆرەلمەيۋاتىمىز ، ئەمدى سىز تاپالمىغانلىقىڭىزغا تەن بىرىڭ ، كىيىنچە كۆرۈشكە نىسىپ بۇلار .

  • توركەش جاۋاب

    ئەجەپ تەشنا بولدۇق بۇ كىنوغا ……………..كۆگىلى نىسىپ بوپمۇ قالا!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif