ئۇھ… تۈنۈگۈن بىركۈن بىلوگدا «فەتېھ 1453 » نىڭ غوۋغاسى بىلەن ئوت كەتتى، ئوتنى ئۆچۈرىمەن دەپ پىقىر ھالىدىن كەتتى، بۈگۈن بايرام ئىكەن، ۋەتەنگە توپلىنىپ كەتكەن كىنو مەستانىلىرى كىنو تېپىلغۇچە زېرىكىپ كەتمىسۇن دەپ بايراملىق سوۋغات تەييارلاپ قويدۇم.
سىلەر كۆرگەچ پاراڭلىشىڭلار، مەن تۈركىيىگە بېرىپ كىلەي…
1.كائىنات قانچىلىك چوڭلۇقتا؟
تۆۋەندىكى فىلىمدە ئىنسانلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان سەييارىلەرنىڭ چوڭ -كېچىكلىكى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇلغان، فىلمنى كۆرسىڭىز ئالدى بىلەن بىز ياشاۋاتقان يەرشارىنىڭ ئىنتايىن كېچىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، ئەمما سائېتىگە 900كېلۇمېتر سۈرئەت بىلەن ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بىلەن 1100 يىلدا ئايلىنىپ بولغىلى بولىدىغان گېگانت سەييارىلەرمۇ ئالەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بىرتال زەررىچە خالاس!
2. بىز قانداق پەيدا بولدۇق؟
ئادەم تەڭرىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئەسىرىمۇ؟ بۇنىڭغا بىز بىرنېمە دېيەلمەيمىز، چۈنكى ئالەم بەك چوڭ، بىزدىنمۇ مۇكەممەل يارالمىشلاربولىشى مۇمكىن. بىرئادەمنىڭ قانداق دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىڭىز ئاندىن بۇ ئالەمدىكى يارىتىلىشلار ھەققىدە پەرۋاسىز تۇيغۇلىرىڭىز نەلەرگىدۇر غايىپ بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئالتە مىنۇتلۇق فىلىمدە بىر يېڭى ھاياتلىق ئادەم نىڭ يورۇق دۇنياغا كېلىش سەپىرى سۈرەتلەپ بېرىلگەن.
3. يەرشارى 10 مىليارد نوپۇسنى باقالايدۇ
يەرشارىدا نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ نەسىلى قۇرۇپ كەتتى، لېكىن ئىنسانلار بۇنىڭ ئەكسىچە. ھازىريەرشارىدا7 مىليارد نوپۇس بار. مىلادىي 1000-يىللاردا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ نوپۇسى 300مىليۇن ئىكەن، ئۇنىڭدىن كېينكى 1000يىلدا، بىز7مىليارد نوپۇسى بارغايەت زور بىر توپ جانلىققا ئايلىنىپتۇق!
ئالاقىدار ئالىملار، يەرشارى كۆپ بولسا 10مىليارد ئىنساننى باقالايدۇ دېيىشمەكتە، ئەجىبا بۇ قورقۇنۇچلۇق خەۋەر ئەمەسمۇ؟
تۆۋەندىكى فىلىمدە ناھايىتى ئوبرازلىق تەرىزدە ئىنسانلارنوپۇسىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بەرگەن، ئەينەك شىشىلەرگە قۇيۇلىۋاتقىنى تۇغۇلىۋاتقانلارنى، تۆكۈلىۋاتقىنى ئۆلىۋاتقانلانلارنى كۆرسىتىدۇ. سولدىن ئوڭغا قارىتا، شىمالىي ئامېرىكا،جەنۇبىي ئامېرىكا،ئافىرىقا، ياۋروپا، ئاسىيادىكى باشقادۆلەتلەر، جۇڭگو ۋە ھېندىستانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇنداق تېزىشتكى سەۋەبنى دېمىسەممۇ ئۆزىڭىز بىلىسىز.
ئۇھ، يۇقارقىلارنى كۆرۈپ بەلكىم نېرىۋىلىرىمىز جىددىيلىشپ قالغاندۇ، ئەمدى بىرئاز ئۇچايلى… بەزىدە خىزمەت بېسىمى ھەددىدىن ئاشقاندا، ئېگىز چوققىلارغا چىقىۋىلپ تازا ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ، يەنە بەزىدە سۈپ-سۈزۈك ئاسمانغا قاراپ ئەشۇ تىنىق بوشلۇقتا كۆزۈمنى يۇمغۇنىمچە لەيلەپ يۈرسەم دەپ كېتىمەن…