• قوللانچى: پارول:

ياش ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك10پىسخىكىلىق قانۇنىيەت(2) سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى

بۇ تېمىدا ئالدىنقى قېتىم روسېندال ئېففېكتى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدىم، بۈگۈن سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى(خەنچىدە 超限效应 دېيىلىدۇ، ئەمما قولۇمدىكى لۇغەتلەردىن قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى تاپالمىدىم) ھەققىدە توختىلىمەن.
سۇپېرماكسىمال ئېففېكتىنىڭ قانداق پىسخىكىلىق قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى يازمىدىن ھېس قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ ئەلۋەتتە.
ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مارك.تېۋىن(1835-1910) بىرقېتىم چېركاۋغا بېرىپ باستېرنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلاشقا قاتنىشىپ قالىدۇ.
دەسلىۋىدە، باستېرنىڭ نۇتىقى ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىپ كېتىدۇ، تەسىرلەنگەن مارك.تېۋىن ھەتتا چىركاۋئۈچۈن بىرمۇنچە سەدىقە ئىئانە قىلىش نېيىتىگىمۇ كېلىدۇ. ئارىدىن ئون مىنۇت ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ، باستېرنىڭ نۇتىقى ھېچ تۈگەيدىغاندەك قىلمايدۇ، بۇچاغدا مارك.تېۋىننىڭ سەۋرى توشۇپ، سەل بىئارام بولىدۇ ھەمدە دەسلەپتە ئىئانە قىلماقچى بولغان سەدىقىنىڭ بىرقىسىمنى كېمەيتىش ئويىغا كېلىدۇ. يەنە ئون مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، باستېرنىڭ نۇتىقى ئاخىرلىششىدىن ئەسەرمۇ بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەرۋايى قىرىق گەزئۆرلىگەن مارك.تېۋىن بىرتېيىنمۇ ئىئانە قىلماسلىق نېيىتىگە كېلىدۇ.
شۇنىڭدىن خىلى ۋاقىت ئۆتۈپ، باستېرنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان نۇتىقى ئاخىرى تۈگەيدۇ ۋە سەدىقە يېغش باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا يىرىلىپ كېتەي دەپ ئولتۇرغان مارك.تېۋىن سەدىقە بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە سەدىقە يېغىش قاچىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئىككى دوللار پۇلنى ئېلىۋالىدۇ.
بۇخىل زىيادە ھاياجانلىنىش، زىيادە زورۇقۇش ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ سەۋرى قىلىشقا مەجبۇرلىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان پىسخىكىلىق قارشىلىششتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ.
سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى ھادىسىسى ئائىلە تەربىيىسى جەريانىدا ھەرۋاقىت يۈزبېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن؛ بالا خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانا تەرەپ ئىككى-ئۈچ قېتىم ھەتتا تۆرت-بەش قېتىم ئوخشاش بىرخىل تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەزكۇر ئشىقا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ،  بۇنىڭ بىلەن بالاروھى جەھەتتىن تىنچسىزلىنىپ، سەۋرى توشىدۇ بۇ كەيپىيات ھەتتا ئۇلاردا ئاتا-ئانىسغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە تېخىمۇ يامىنى ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنىڭ-ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە ئايلىىنىپ كېتىشىدۇر.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئانا بولغۇچى ياكى دادا بولغۇچىنىڭ بالىنىڭ مەلۇم خاتالىقىغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەنقىدىي چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ خاتالىقىغا قارىتا بىر قىتىم خاتالىق سادىر قىلسا، بىرقېتىم تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئاقىلانىلىق. ئەگەر قايتا-قايتا تەنقىدىي تەربىيە بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش ئۇسۇلنى تەكرارلىماي، چىقىش نۇقتىسىنى ۋە پىكىرئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلارئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۆزىدىكى بىرەر خاتالىقنى بايقاپ قالسا ئۆمۈر بويى تەگەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت غەشلىككە تولغان پىسخىكىلىق كەيپىياتقا پېتىپ قالمايدۇ، روھى بېىسىمى يېنىكلەيدۇ.

ۋەتەن تەرجىمىسى





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھىم… بۇنىڭدىن كېيىن، بالامغا تەربىيە بەرگەندە ئىككى ئېغىز گەپنى ئاز قىلسام بولغۇدەك!

    • ھىم ،شۇنداق قىلىڭ. ئوغلىڭىز ئۇيغۇربەگقۇ بەك ئەقىللىق چوڭ بولىۋىتىپتۇ-ئۇ.

  • باھارىم جاۋاب

    بۇ بەكمۇ قېممەتلىك مەزمۇن ئىكەن رەھمەت

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif