• قوللانچى: پارول:

ئامېرىكىلىق بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى ،…

ئامېرىكىلىق بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى ،ئوقۇتقۇچىسىدىن ئىچىگە 12خىل سوۋغات سېلىنغان بىر خالتىچىغا ئېرىشىدۇ .گەرچە بۇ بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچسى ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەر بولسىمۇ،ئەمما ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەيدىغان مەنسىى باربولۇپ، ئوقۇغۇچى ھەربىر بۇيۇمدىن بىر خىل ئېسىل پەزىلەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

بىرىنچى سوۋغات. چىش كوچىلىغۇچ

مەنىسى :باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېپىپ چىقىش .چىش كوچىلىغۇچنىڭ رولى چىش ئارىسىغا كىرىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى كولاپ چىقىرىش .بىراق بۇ يەردىكى سىمۇۋۇللۇق مەنىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈش ۋە ئۈلگىلىك تەرەپلىرىنى «كوچىلاپ چىقىرىش» نى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى سوۋغات.رىزىنكە بوغقۇچ.

مەنىسى:ئىلاستىكىلىقنى ساقلاش، ھەربىرئىشنى ئورۇندىيالايدىغان بولۇش. كۆپ ئىشلاردا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە قىلغىلى بولمايدۇ، ئادەمنىڭ ئىقتىدارى بىسىم ئاستىداتېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، ئۇخۇددى رىزىنكە بوغقۇچقا ئوخشاش ئۇزىراش-قىسقىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئۇنى سوزىغانسىرى شۇنچە ئۇزىرايدۇ.

ئۈچىنچى سوۋغات.ياراچاپلىمىسى

مەنىسى: باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ زەخمىلەنگەن ھېسىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان بولۇش.ئۇنىڭ مەنىسىنى ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بالىلاردىن ئازابدارلاردىن ھال سوراشنى بىلىۋىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

تۆتىنچى سوۋغات.قېرىنداش

مەنىسى: ھەركۈنى ئۆزئارمىنىنى يېزىپ تۇرۇش كېرەك.ئادەمدە ئارمان بولغاندىلا ئاندىن ئۇسۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىققا مايىل بولىدۇ،ھاياتى مەناغا ئېرىشىدۇ.بۇ سوۋغاتنى تەييارلاشتىكى تۈپ مۇددىئاشۇكى بالىلارنى يۈكسىلىش ئىنتىلىدىغان ئادەملەردىن بولۇشقا يىتەكلەش.

بەشىنچى سوۋغات.ئۆچۇرگۇچ

مەنىسى: ھەممە ئادەم خاتالىق سادىر قىلشتىن ساقىت بولغان ئەمەس، خاتالىق ئۆتكۇزۇش گۇناھ ئەمەس.خاتالىق ئۆتكۇزگەندە بوشىشىپ كەتمەسلىك،قايتىدىن روھلىنالايدىغان بولۇش كېرەك.باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇش،غۇم ساقلىماسلىق خۇددى ئوچۇرگۇچكە ئوخشاش خاتالىقلارنى «ئۆچۆرۈپ» تۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچى سوۋغات.خۇشبۇي كەمپۈت

مەنىسى: ئىرادە قىلغاندىلا ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلغىلى بولىدۇ،بىر ئىشنى سىناب باققاندىلا ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ.خۇشبۇي كەمپۈتنى ئىغىزغا سىلىش بىلەنلا ئۇنىڭ شىرىن تەمىنى سەزگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىرئاز شۈمۇش كېرەك.ئىش-ۋەزىپىنىمۇ بىردۆرەمدىلا ئورۇندىغىلى بولمايدۇ، قەتئىي نىيەت بىلەن داۋاملاشتۇرغاندىلا ،ئاندىن غەلىبە مېۋسىگە ئىغىز تەگكۇزگىلى بولىدۇ.

يەتتىنچى سوۋغات.پاختاشارچە

مەنىسى: سىنىپ كوللىكتىپى يىقىملىق ئىبارىلەر ۋە ئىللىق ھېس-تۇيغۇلارغا تولغان. پاختا شارچە يۇمران ۋە ئىللىق، ئۇ سانسىزلىغان ئىنچىكە تالالارنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ،بۇ بالىلارغا كوللىكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىر
گە ، ھەربىرەيلەننىڭ كوللىكتىپ ئۈچۈن نۇر ۋە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنىڭ شەرىپىنى بىلدۈرىدۇ.

سەككىزىنچى سوۋغات.شاكىلات

مەنىسى:كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا شاكىلات يىشىش ئادەمگە ئارام بىغىشلايدۇ.شاكىلاتنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەيدىغانلىقى ئادەمنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇرىدۇ.شاكىلاتتەك خارەكتىر يىتىلدۈرۈش بالىلارئۈچۈن بەك مۇھىم.

توققۇزىنچى سوۋغات.تەرسۈرتۇش قەغىزى

مەنىسى: باشقىلارنىڭ تەرىنى ۋە كۆز يىشىنى سۈرتۇپ قويۇشنى بىلىش كېرەك.ئۇ بالىلارغا باشقىلارنىڭ ئازابىنى قانداق يەڭگىللىتىش ھەققىدە تەربىيە بىرىدۇ.

ئونىنچى سوۋغات.پۇل

مەنىسى: دوستلۇق رىشتىسى قەلىبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.دوستلۇق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، شۇڭا ئالتۇن رەڭلىك قەغەزلەردىن ياسالغان دوستلۇق سىمۇۋۇل بۇيۇملىرىنى ياساش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ئۆز-ئاراكۆڭۇل دوستلۇق تىلەكلىرىنى ئېيتىشىدۇ.

ئون بىرىنچى سوۋغات.يارماق

مەنىسى:سىنىڭ قىممىتىڭ بولۇپلا قالماي بەلكى ئىنتايىن ئالاھىدىسەن. مىس يارماق ئۆتمۇشتىكى مېتال پۇل، ئۇ كىشىگە ئۆزىنى –ئۆزى كەمسىتمەسلىكنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

ئون ئىككىنچى سوۋغات.قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى شەكىللىك كەمپۈت

مەنىسى: سەن مۇڭدىشىشقا ئىھتىياجلىق پەيتىڭدە ،مىنى ئىزدىسەڭ بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق بالىلارغا باشقىلار مەلۇم قىيىنچىلىق ياكى خاتالىق ئىچىدە تۇرغاندا ،ئۇلارنىڭ قايتا «ھاياتلىق»قا ئېرىشىشى ئۈچۈن مەردانىلەرچە ياردەم بىرەلەيدىغان بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
ۋەتەن تەرجىمىسى





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەن مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتتا دادام نىمە بەرگەن بولغۇيتى؟ :roll:

    • weten

      چوكامۇز ئېلىپ يە دەپ بەش موچەن بەرگەن بولغىيتى بەلكىم :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif